پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققەت مەركىزى بولۇۋاتقان غەززەدىكى ئۇرۇشنىڭ داۋاملىشىشىغا ئەگىشىپ، بىر قىسىم ياۋروپا دۆلەتلىرى ئۆزلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىدىن ئەنسىرەشكە باشلىغان.
ياپونىيە ۋاقىت گېزىتىنىڭ 25-نويابىر خەۋەر قىلىشىچە، ياۋروپا بىخەتەرلىك ئەمەلدارلىرى ئىسرائىلىيە-ھاماس ئۇرۇشىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان كىشىلەرنىڭ ھۇجۇم خەۋپىدىن ئەندىشە قىلىشقا باشلىغان.
بىخەتەرلىك مەسئۇللىرى ئەڭ چوڭ تەھدىتنىڭ ئىز قوغلاش تەس بولغان يەككە ھۇجۇمچىلاردىن كېلىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگەن. ئەنگلىيە، گېرمانىيە ۋە فىرانسىيە قاتارلىق ياۋروپادىكى بەش دۆلەتتىكى ئىستىخبارات ۋە ساقچى خادىملىرى ئۆزلىرى رادىكال دەپ قارىغان كىشىلەرگە نازارەتنى كۈچەيتكەنلىكىنى ئېيتقان. بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ ياۋروپا ئەللىرىنىڭ رۇسىيە، خىتاي ۋە ئىراننىڭ تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئاجراتقان خىراجەت ۋە كۈچىگە تېخىمۇ ئېغىر بېسىم ئېلىپ كېلىدىكەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ