خەلقئارا يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر ئىلمىي جەمئىيىتى (ISID) نىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتايدا پەسىل خاراكتېرلىك نەپەس يولى كېسەللىكلىرىدىن باشقا، تېخى دىياگنوز قويۇلمىغان سىرلىق ئۆپكە ياللۇغىنىڭ بالىلار ئارىسىدا تارقىلىۋاتقان بولۇپ، بېيجىڭ ۋە لياۋنىڭ ئۆلكىسىدىكى بالىلار دوختۇرخانىلىرىدا كېسەللەرنىڭ ئىنتايىن كۆپ ئىكەن.
خىتاي رېجىمى خىتاينىڭ شىمالىدا ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى، يۇقۇمنىڭ تارقىلىشچان زۇكام ۋە نەپەس يولى يۇقۇملىنىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى، سوغۇق ھاۋا دولقۇنىنىڭمۇ كېسەللىكلەرنىڭ ئامىلى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، كېسەللىككە ئېنىق دىياگنوز قويۇلالمىغانلىقى سەۋەبلىك، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى كىشىلەرنى تەدبىر قوللىنىپ يۇقۇملىنىش خەۋپىنى ئازايتىشقا چاقىرغان ۋە خىتاي ئورگانلىرىدىن بۇ كېسەلگە ئائىت تېخىمۇ كۆپ سانلىق مەلۇماتلارنى تەلەپ قىلغان.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ سىرلىق كېسەل كۆرۈلگەن رايونلاردا مەكتەپلەر تاقالغان بولۇپ، كېسەللىك ئوقۇتقۇچىلاردىمۇ كۆرۈلگەن.
تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر