خىتاي ياۋروپادىكى ئالتە دۆلەتكە ۋىزا كەچۈرۈم قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى

خىتاي فىرانسىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە قاتارلىق ئالتە دۆلەتكە بىر تەرەپلىك ھالدا ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىنى يولغا قويدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي فىرانسىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، گوللاندىيە، ئىسپانىيە ۋە مالايشىيادىن ئىبارەت ئالتە دۆلەت پۇقرالىرىغا بىر تەرەپلىك ھالدا ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىنى يولغا قويغان بولۇپ، بۇ خىتاينىڭ ۋىرۇس يۇقۇمىدىن كېيىن ساياھەتچىلىكنى جانلاندۇرۇش يېڭى تەدبىرى ئىكەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ماۋ نىڭ 24-نويابىردىكى ئاخبارات يىغىنىدا، 2023-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 2024-يىلى 11-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان دۆلەت پۇقرالىرى ئىچىدە ئادەتتىكى پاسپورتى بار كىشىلەرنىڭ 15 كۈندىن ئارتۇق ۋىزا رۇخسىتى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا، خىتايغا كېلىپ سودا، ساياھەت، تۇغقانلىرى ۋە دوستلىرىنى يوقلىسا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي يېقىنقى ئايلاردىن بۇيان خەلقئارا لىنىيەلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قاتارلىق ساياھەت كەسپىنى جانلاندۇرۇش ئۈچۈن تەدبىر قوللانغان. خىتاي ئۆتكەن ئۈچ يىل ئىچىدە ۋىرۇسنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش تەدبىرلىرىنى قاتتىق يولغا قويغان ھەمدە سىرتقى دۇنياغا چىقىدىغان چېگراسىنى ئاساسىي جەھەتتىن تاقىغانىدى. ئۇندىن باشقا خىتاي يەنە ياۋروپا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرى بىلەن خىتاي ۋىرۇسى، كىشىلىك ھوقۇق، تەيۋەن ۋە سودا ئىشلىرى قاتارلىق مەسىلىلەردە تىركىشىش ئىچىدە بولۇپ، خىتاي بۇ قەدەم ئارقىلىق خەلقئارادىكى ئوبرازىنى قايتىدىن تىكلىمەكچى بولغان.

خەلق رايىنى تەكشۈرۈش ئورگىنى پېۋ  يېقىندا 24 دۆلەتتە تاماملىغان بىر تۈرلۈك تەكشۈرۈش دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، كىشىلەرنىڭ خىتايغا بولغان كۆز قارىشى ئادەتتە سەلبىي بولۇپ، %67 قۇرامىغا يەتكەنلەر خىتايغا سەلبىي قاراشتا ئىكەن. زىيارەتنى قوبۇل قىلغۇچىلارنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى خىتاينىڭ باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشىدىغانلىقىنى ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئەتىنى ئويلاشمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1961 قېتىم كۆرۈلدى
25/11/2023 13:50:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق