ئاۋسترالىيە-خىتاي مۇناسىۋىتى يەنە جىددىيلەشتى

ئاۋسترالىيە ئۇرۇش پاراخوتى ئاۋسترالىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى جىددىي ھەربىي مۇناسىۋەت مەزگىلىدە تەيۋەن بوغۇزىدىن ئۆتتى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 24-نويابىر ئاۋسترالىيە ئۇرۇش پاراخوتىنىڭ 23-نويابىر تەيۋەن بوغۇزىنىڭ شىمالىدىن جەنۇبقا قاراپ ماڭغانلىقىنى ئېيتقان. گەرچە تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى پاراخوتنىڭ ئىسمى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلىمىغان بولسىمۇ، ئەمما تەيۋەن ئارمىيەسى دېڭىز ۋە ھاۋا بوشلۇقىنى ئومۇميۈزلۈك كونترول قىلغان بولۇپ، بارلىق ۋەزىيەت نورمال ئىكەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ پاراخوت ئاۋسترالىيە خان جەمەتى دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئۇزۇن مۇساپىلىك قوغدىغۇچى پاراخوتى HMAS Toowoomba بولۇپ، ئاۋسترالىيەنىڭ رايوندىكى ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسمى ئىكەن.

ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنستىتۇتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئانالىزچىسى ئېۋان گىراھامنىڭ ئېيتىشىچە، ئاۋسترالىيە دېڭىز ئارمىيەسى ئەمەلىيەتتە تەيۋەن بوغۇزىدىن كېسىپ ئۆتكەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ ۋەقەنى ئاشكارا ئېلان قىلىشنى خالىمىغان.

يېقىنقى كۈنلەردە خىتاي بىلەن ئاۋسترالىيە ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرمەكچى بولغان بولۇپ، ئاۋسترالىيە ئارمىيەسىنىڭ بۇ ھەرىكىتى ئاۋسترالىيە-خىتاي ھەربىي مۇناسىۋىتىدىكى مۇھىم بىر پەيتكە توغرا كەلگەن.

ئالدىنقى ھەپتە ئاۋسترالىيەنىڭ Toowoomba ناملىق پاراخوتى ياپونىيەنىڭ ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايونىدا ھەرىكەت قىلىۋاتقان بولۇپ، غەۋۋاسلار سۇغا كىرىپ پىرقىرىغۇچقا يۆگىشىۋالغان بېلىق تورىنى تازىلاۋاتقاندا، خىتاينىڭ ئۇرۇش پاراخوتى ئۇلارغا يېقىنلىشىپ، ئاۋسترالىيە غەۋۋاسلىرىنى يارىلاندۇرغانىدى ۋە ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرى ئانتونىي ئالبانىس خىتاي پاراخوتىنى «خەتەرلىك ۋە كەسپىي بولمىغان ھەرىكەت قىلدى» دەپ تەنقىد قىلغانىدى. خىتاي رېجىمى بولسا ئاۋسترالىيەنى خىتايغا قارىتا مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلماسلىققا چاقىرىپ بىلجىرلىغانىدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1840 قېتىم كۆرۈلدى
25/11/2023 13:42:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق