رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ رۇسىيە بىلەن قىرىم تونېل قۇرۇلۇش تۈرىنى مەخپىي مۇزاكىرە قىلغانلىقى ئاشكارىلاندى.
«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ 24-نويابىر ئۇكرائىنا بىخەتەرلىك تارماقلىرى ئىگىلىگەن ئۇچۇرلارنى نەقىل قىلىپ خەۋەر قىلىشىچە، ھۆكۈمەت بىلەن مۇناسىۋىتى بار خىتاي ۋە رۇسىيە سودا ئورگانلىرى مەخپىي سۆھبەت ئۆتكۈزگەن بولۇپ، سۆھبەتتە رۇسىيەنى قىرىمغا تۇتاشتۇرىدىغان دېڭىز ئاستى تونېلى ياساش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغان. بۇ سۆھبەت رۇسىيەنىڭ كېرىك بوغۇزىدىن ئۆتىدىغان 18 كىلومېتىر كېلىدىغان كۆۋرۈكنىڭ بىخەتەرلىك ئەندىشىسى سەۋەبلىك ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ كۆۋرۈك يېقىندا ئۇكرائىنا تەرىپىدىن ئىككى قېتىم بومباردىمان قىلىنغان. نۆۋەتتە بۇ كۆۋرۈك ئۇرۇشتا ئاسانلا ھۇجۇم نىشانىغا ئايلىنىپ قالغان.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ خىل كۆۋرۈككە يېقىن دېڭىز ئاستىغا تونېل ياساش غايەت زور توسالغۇلارغا دۇچ كەلگەندىن باشقا، بىر نەچچە يىل ۋاقىت سەرپ قىلىدىغان قىممەت باھالىق قۇرۇلۇش بولۇپ، بۇ تۈرنىڭ تۇنجى قېتىم ئۇرۇش رايونىدا سىناق قىلىنىشى ئىكەن. مۇتەخەسسىسلەر خىتاينىڭ بۇ تۈرگە قاتناشقانلىقىدىن ھەيران قالغان بولۇپ، بۇ قۇرۇلۇشنىڭ ئۇكرائىنا تەرەپنىڭ نىشانىغا ئايلىنىپ ۋەيران قىلىنىشى مۇمكىنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
مەزكۇر تونېل تالاش-تارتىش بولۇۋاتقان رايوننى بىخەتەر ئۇلىنىش بىلەن تەمىنلەيدىكەن. خىتايغا نىسبەتەن بۇ تۈر يەر شارى پورتلىرى ۋە قاتناش ئۇل ئەسلىھەلىرى تۈرىنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان ئامبىرىغا يەنە بىر تۈر مەبلەغ بىلەن تەمىنلەپ، رۇسىيەنىڭ نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ئېكسپورتىدىن ھەق ئالالايدىكەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ