ئالتۇن مازار

ئالتۇن مازار

خەلق ئارىسىدا «ئالتۇنلۇقۇم» دەپ ئاتىلىدىغان «ئالتۇن مازار» سەئىدىيە خانىدانلىقىنىڭ پايتەختى ياركەنت شەھىرىدە بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان تارىخىدا ناھايىتى مۇھىم قەبرىستانلىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ياركەنت شەھىرى 3000 يىلدىن ئۇزۇن تارىخقا ئىگە بولۇپ، تارىختا مىلادى 550-502-يىللاردا ھونلارنىڭ، 552-744-يىللار ئارىسىدا كۆك تۈرك دۆلىتىنىڭ، 1006-790-يىللار ئارىسىدا قاراخانىيلار دۆلىتىنىڭ، 1210-1032-يىللار ئارىسىدا شەرقىي قاراخانىيلارنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان. 1210-يىلىدىن 1227-يىلىغىچە قاراقىتانلارنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان. قاراقىتانلار يوقىتىلغاندىن كېيىن، 1370-1227-يىللار ئارىسىدا چاغاتاي-ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ، 1514-1370-يىللار ئارىسىدا تۇغلۇق تۆمۈرخان ھاكىمىيىتىدىكى شەرقىي چاغاتاي خانلىقىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان.

دېمەك، ياركەنت شەھىرىنىڭ ئۇزۇن يىللىق تارىخى تەرەققىيات جەريانىدا كۆپلىگەن دۆلەت رەھبەرلىرى، ئالىم-ئۆلىمالار، باتۇرلار، شېھىتلەر، غازىلار ۋە قەھرىمانلار مانا مۇشۇ ئالتۇن مازارغا دەپنە قىلىنىدۇ.

1514-يىلى غالىبلار ئاتىسى سۇلتان سەئىدخان بارلىق ئۇرۇشلاردا غەلىبە قىلىپ، لەشكەرلىرى بىلەن ياركەنت شەھىرىگە كىرىدۇ. ئۇ 1514-يىلى 8-ئايدا ياركەنت شەھىرىدە چوڭ قۇرۇلتاي ئېچىپ، سەئىدىيە خانىدانلىقىنى قۇرۇپ چىقىدۇ ۋە ئۆزى بۇ دۆلەتنىڭ تۇنجى پادىشاھى بولىدۇ. ياركەنت شەھىرى سەئىدىيە خانىدانلىقىنىڭ پايتەختى بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا سۇلتان سەئىدخان 30 ياشتا ئىدى.

سۇلتان سەئىدخان دەۋرىدە سەئىدىيە دۆلىتىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى كۈندىن-كۈنگە مۇستەھكەملىنىدۇ. خەلقى باي-باياشات ۋە خاتىرجەم، دۆلىتى قۇدرەتلىك، سەلتەنەتى ھەيۋەتلىك بولۇپ، ئۆز زامانىدىكى ئەڭ تەرەققىي قىلغان دۆلەتكە ئايلىنىدۇ. قىسقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، سەئىدىيە خانىدانلىقى دەۋرى ئۇيغۇرلارنىڭ پۈتكۈل تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا ئىقتىساد، مەدەنىيەت ۋە باشقا ساھەلەردە گۈللەپ ياشنىغان ئالتۇن دەۋرلەرنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

سۇلتان سەئىدخان 1514-يىلىدىن 1533-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا 19 يىل تەختتە ئولتۇرىدۇ. سۇلتان سەئىدخان 1533-يىلى تىبەتكە قارشى ئېلىپ بارغان بىر قېتىملىق غازات جەريانىدا تۈتەكتە قېلىپ، 49 يېشىدا ۋاپات بولىدۇ. مەرھۇمنىڭ مېيىتى قايتۇرۇپ كېلىنىپ مۇشۇ ئالتۇن مازارغا دەپنە قىلىنىدۇ.

سۇلتان سەئىدخان ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئوغلى ئابدۇرېشىدخان (1570-1511) 1533-يىلى 7-ئاينىڭ 23- كۈنى سەئىدىيە دۆلىتىنىڭ خانى بولىدۇ. ئابدۇرەشىدخان ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ مېيىتىمۇ مۇشۇ ئالتۇن مازارغا دەپنە قىلىنىدۇ. ئابدۇرەشىدخاننىڭ ئايالى، ئۇيغۇر 12 مۇقامىنىڭ رەتلىگۈچىسى مۇقامشۇناس خانىش ئاماننىساخان، ئۇنىڭ ئۇستازى قېدىرخان قاتارلىق سەئىدىيە خانىدانلىقىنىڭ خانلىرى، ۋەزىرلەر، ئالىملار، شېھىت ۋە غازى قاتارلىق كۆپلىگەن دۆلەت بۈيۈكلىرىمۇ مانا مۇشۇ ئالتۇن مازارغا دەپنە قىلىنىدۇ.

تاجاۋۇزچى خىتايلار 1949-يىلى ۋەتىنىمىزنى بېسىۋالغاندىن كېيىن، ئۇزۇن ئۆتمەي شەرقىي تۈركىستان تارىخىدا دۆلەت قۇرغان، تارىختا كۈسەن خانلىقى دەپ ئاتالغان كۇچا ۋە سەئىدىيە خانىدانلىقىنىڭ پايتەختى بولغان ياركەنت قاتارلىق شەھەرلەرنى غەرەزلىك ھالدا ناھىيەگە ئۆزگەرتىۋېتىدۇ، شۇنداقلا ياركەنت شەھىرىنىڭ ئىسمىنىمۇ يەكەنگە ئۆزگەرتىۋېتىدۇ.

خىتايلار گەرچە شەرقىي تۈركىستاننى يۇتۇۋېلىش مەقسىتىدە ياركەنت شەھىرىنى ناھىيەگە ئۆزگەرتىپ، سۇلتان سەئىدخان، ئابدۇرەشىدخان قاتارلىق خان-پادىشاھلارنى ئۇنتۇلدۇرۇپ، كېيىنكى كۈندە ئۇيغۇرلارنى پەقەت «ناخشا-ئۇسۇلغا ئامراق مىللەت» دەپ كەڭ تەشۋىق قىلىپ، ئۇيغۇرلار تارىختا ھېچقانداق دۆلەت قۇرمىغان، ناخشا ئېيتىپ، ئۇسۇل ئويناپ ئۆتكەن مىللەت، دېگەن ئىدىيەنى سىڭدۈرۈش ئۈچۈن خانىش ئاماننىساخاننى پەقەت 12 مۇقامنىڭ ئىجادچىسى قىلىپ كۆرسىتىش مەقسىتىدە، ئاماننىىساخاننىڭ قەبرىسىنى ئالاھىدە ياساپ، دۆلەت ئىچى-سىرتىدا كەڭ تەشۋىقات ئېلىپ بارماقتا.

ئەمما خىتايلار قانداق شۇملۇق، دۈشمەنلىك ۋە ھىيلە-نەيرەڭ ئىشلىتىشىدىن قەتئىينەزەر، «ئالتۇن مازار» شەرقىي تۈركىستان ھەم ئۇيغۇرلارنىڭ بىر پۈتۈن سىياسىي تارىخى ۋە تەرەققىيات نۇقتىسىدىن، ۋەتىنىمىزدىكى تارىخىي قىممىتى ۋە ئەھمىيىتى ناھايىتى مۇھىم مازارلارنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

تەييارلىغۇچى: مۇھەممەت تۇرسۇن ئۇيغۇر

2023-يىلى 23-نويابىر

 

بۇ خەۋەر 2609 قېتىم كۆرۈلدى
24/11/2023 17:39:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق