خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىنى مەجبۇرىي چېقىش جىنايىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا

خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن، بارلىق ۋاسىتىلەرنى ئىشلىتىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆزىنى بوياشقا ئۇرۇنۇۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىنى مەجبۇرىي چېقىش، ئىقتىسادىي جەھەتتىن ۋەيران قىلىش جىنايىتى داۋاملىق ئاشكارىلانماقتا.

لاگېر شاھىتى زۇمرەت داۋۇت خانىم 24-نويابىر فېيسبۇكتا ھەمبەھرىلىگەن بىر سىن خىتاينىڭ يىللاردىن بېرى داۋام قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىنى مەجبۇرىي چېقىش جىنايىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى.

سىندا دېھقان-چارۋىچىلار چۈشلۈك تاماق ئۈچۈن ئۆيلىرىگە كەتكەن پۇرسەتتىن پايدىلانغان خىتاي رېجىمىنىڭ دېھقانلارنىڭ قوي-كالا، توخۇ باقىدىغان باقمىچىلىق ئۆيلىرىنى چېقىپ ۋەيران قىلىۋەتكەنلىكى، رەتلىك سېلىنغان بىر قاتار ئۆينىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە خارابىلىككە ئايلانغانلىقى، تاماقتىن كېيىن قوتانغا قايتىپ كەلگەن دېھقانلارنىڭ ئەھۋالنى كۆرۈپ چۆچۈپ كەتكەنلىكى، خىتاي ياللانما خادىملىرىنىڭ ئۆي ۋە قوتانلارنى چاققاندا يوتقان-كۆرپە، تېلېۋىزور قاتارلىق بۇيۇملارنى سىرتقا تاشلىۋەتكەنلىكى كۆرسىتىلگەن. سىنغا ئالغان ئۇيغۇر بۇ ئېچىنىشلىق ئەھۋالنى كۆرۈپ: «چۈشتە ئۆيگە كېتىپ ئىككى سائەتتىن كېيىن قايتىپ كەلسەم ھەممىنى چىقىۋېتىپتۇ، ھەممە نەرسە تالادا تۇرىدۇ. قوي، توخۇ، غازلارنىڭ نەدىلىكىنى بىلمەيمىز. مانا قاراڭلار، ئاشخانىنى چېقىپتۇ، ئۆيدىكى گازلار، توك ئوچاقلار بىلەن قوشۇپ چېقىپ تاشلاپتۇ. توخۇنى يۇيۇپ تازىلايدىغان ئۈسكۈنىلەرنى شۇنداق ۋەيران قىلىۋېتىپتۇ» دەپ ھەسرەت چەككەن. ئارىدىن يەنە بىر كىشىنىڭ: «ئېلىۋالىدىغان نەرسە بار ئىدى، ئېلىۋالساق بولمامدۇ؟» دېگەن ئاۋازلىرى ئاڭلانغان.

خىتاي رېجىمى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ بىر پارچىسى سۈپىتىدە، ئۇيغۇر مەھەللىرىنى چېقىپ يوقاتقاندىن سىرت، مەزكۇر سىن ۋە بۇندىن ئىلگىرى تارقالغان سىنلاردا كۆرسىتىلگىنىدەك، خەلقنىڭ تۈرلۈك ئىقتىسادىي مەنبەسىنىمۇ ۋەيران قىلىپ كەلمەكتە. كۆزەتكۈچىلەر بۇ كۆرۈنۈشلەرنىڭ خىتاي تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى خەلقئارا جەمئىيەتكە كۆرسىتىۋاتقان ئاتالمىش «شىنجاڭ سىياسىتى ياخشى، ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشى ياخشىلاندى، باياشات ياشىماقتا» دېگەن ساختا تەشۋىقاتلىرىنى ئىنكار قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

 تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 5324 قېتىم كۆرۈلدى
24/11/2023 15:12:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق