فىلىپپىن بىلەن ئامېرىكا جەنۇبىي دېڭىزنى بىرلىكتە چارلاشنى باشلىغان بولۇپ، خىتاي فىلىپپىن ھۆكۈمىتىنى «چەت ئەل كۈچلىرىنى يېنىغا تارتتى» دەپ ئەيىبلىدى.
تەيۋەن خەلقئارا رادىيوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ئارمىيە تەرەپ 23-نويابىر فىلىپپىننىڭ چەت ئەل كۈچلىرىنى يېنىغا تارتىپ جەنۇبىي دېڭىزدا ئاۋارىچىلىق، قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىپ ۋەزىيەتنى مەركەزلەشتۈرگەنلىكىنى ئەيىبلىگەن.
خىتاي ئارمىيە تەرەپ بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۆز ئىگىلىك ھوقۇقى، دېڭىز ھوقۇقى ۋە مەنپەئەتىنى قوغدايدىغانلىقىنى، جەنۇبىي دېڭىزنىڭ «تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغدايدىغانلىقى»نى دەۋا قىلغان.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ماۋ نىڭ 22-نويابىر ئامېرىكا بىلەن فىلىپپىننىڭ چارلاش ھەرىكىتى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇپ، فىلىپپىن بىلەن ئامېرىكىنىڭ بىرلىكتە باشلىغان چارلاش ھەرىكىتىنىڭ خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە دېڭىز-ئوكياندىكى ھوقۇقى ۋە مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ بىلجىرلىغان.
فىلىپپىن ئەمەلدارلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، فىلىپپىن ئارمىيەسى بىلەن ئامېرىكا 21-نويابىردىن باشلاپ تەيۋەنگە قوشنا دېڭىز رايونىدا بىرلەشمە چارلاش باشلىغان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، فىلىپپىن پىرېزىدېنتى فېردىناند ماركوس ھاكىمىيەت دەۋرىدە، جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدىكى تالاش-تارتىش سەۋەبلىك خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەت يىرىكلەشكەن. نەتىجىدە ئامېرىكا بىلەن تېخىمۇ قويۇق مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا قاراپ يۈزلەنگەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ