ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزالىرى ھۆكۈمەتنى قۇياش ئېنېرگىيەسى ئەسلىھەلىرى ئىمپورتىدا خىتايغا تايىنىشتىن قۇتۇلۇشقا چاقىردى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 23-نويابىر خەۋەر قىلىشىچە، ئەنگلىيە كەلگۈسى پىلانلارنى يولغا قويۇپ، 2035-يىلىغا بارغاندا يىللىق ئوتتۇرىچە قۇياش ئېنېرگىيەسى توك چىقىرىش مىقدارىنى 15 گېگاۋاتتىن 70 گېگاۋاتقا يەتكۈزۈشنى پىلانلىغان. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن پارلامېنتتىكى پارتىيە ھالقىغان پارلامېنت ئەزالىرى ئەنگلىيەنىڭ خىتاينىڭ قۇياش ئېنېرگىيە تېخنىكىسىغا تايىنىپ قېلىشتىن ئەندىشە قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي يەرشارى قۇياش ئېنېرگىيەسى ئىشلەپچىقىرىش بازىرىنىڭ %80 نى كونترول قىلغان بولۇپ، ئەنگلىيەدىكى قۇياش ئېنېرگىيەسى سانائىتىنىڭ يادرولۇق تەمىنلىگۈچىسىگە ئايلانغان.
22-نويابىر لوندونغا جايلاشقان پارتىيە ھالقىغان خىتاي مەسىلىلىرى ئەقىل ئامبىرى «خىتاي ئىستراتېگىيەلىك خەتەر تەتقىقات ئورنى» ئەنگلىيە پارلامېنتىدا «يېشىل، ئادىل ۋە ئەۋرىشىم قۇياش ئېنېرگىيەسى تەمىنلەش زەنجىرى بەرپا قىلىش» ناملىق دوكلاتنى ئېلان قىلغان. دوكلات ئېلان قىلىش يىغىنىغا ئوخشىمىغان پارتىيەلەرنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى ۋە مۇتەخەسسىسلىرى قاتناشقان.
دوكلاتتا ئەنگلىيەنىڭ خىتاي قۇياش ئېنېرگىيەسى مەھسۇلاتلىرى ئىمپورتىغا تايىنىشى ئۆزىنىڭ پاكىز ئېنېرگىيە نىشانىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، ئەنگلىيەنىڭ تەمىنلەش زەنجىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە يوچۇق كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، پۈتكۈل قۇياش نۇرى يورۇقلۇق ۋولت تەمىنلەش زەنجىرى ساھەسىدە، خىتاي يەر شارى بازىرىنىڭ %80 تىن كۆپرەكىنى ئىگىلەپلا قالماي، كىرېمنىيلىق پىلاستىنكىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش باسقۇچىدىكى مونوپوللۇقى %97 كە يېتىدىكەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ