خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىش كۆلىمىنى كېڭەيتمەكتە

خىتاي ئېنېرگىيە ئىدارىسى شەرقىي تۈركىستاندىكى تەبىئىي بايلىقلارنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشنى داۋاملىق كېڭەيتكەن بولۇپ، يېقىندا شەرقىي تۈركىستاندا يېڭىدىن ئىككى كۆمۈر كان تۈرىنى تەستىقلىغان.

خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى خەلق تورىنىڭ 21-نويابىر خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ئېنېرگىيە ئىدارىسى يېقىندا شەرقىي تۈركىستاندا يېڭىدىن ئىككى كۆمۈر كان تۈرىنى تەستىقلىغان بولۇپ، ئۇلار كېبۇر شور كان رايونى 12-نومۇرلۇق كۆمۈر كېنى ۋە يېڭىسار كان رايونى كاداش رايونى 1-نومۇرلۇق كۆمۈر كېنى ئىكەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، كېبۇر شور كان رايونى 12-نومۇرلۇق كۆمۈر كېنىنىڭ قۇرۇلۇش كۆلىمى يىلىغا 1 مىليون 500 مىڭ توننا بولۇپ، بۇ تۈرنىڭ ئورنى توقسۇن ناھىيەسى بوشېڭ كۆمۈر كانچىلىق تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىدە ئىكەن. يېڭىسار كان رايونى كاداش رايونى 1-نومۇرلۇق كۆمۈر كېنىنىڭ قۇرۇلۇش كۆلىمى يىلىغا 1 مىليون 200 مىڭ توننا بولۇپ، قۇرۇلۇش ئورنى بۈگۈر ناھىيەسىدە ئىكەن.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاي رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىن بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ ئېلىپ كېتىۋاتقان بارلىق يەر ئاستى ۋە ئۈستى بايلىقلىرىغا ئائىت خىتاي ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلارنىڭ ئىشەنچسىز ئىكەنلىكىنى، ئەمەلىيەتتە خىتاي بۇلاڭ-تالاڭ قىلىۋاتقان بايلىقلارنىڭ ئېلان قىلىنغان ساندىن نەچچە ئون ھەسسە كۆپ ئىكەنلىكىنى، بايلىقنىڭ ئەسلى ئىگىلىرى بولغان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ يەنىلا موھتاجلىق ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 4746 قېتىم كۆرۈلدى
24/11/2023 14:39:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق