HRW بارلىق ھۆكۈمەتلەرنى خىتايغا بېسىم قىلىشقا چاقىردى

خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى (HRW) خىتاينىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىپ، ئاتالمىش «مەسچىتلەرنى بىرلەشتۈرۈش» نامىدا مەسچىت سانىنى كۆرۈنەرلىك ئازايتىۋەتكەنلىكى ھەققىدە يېڭى دوكلات ئېلان قىلدى.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى 22-نويابىر ئېلان قىلغان دوكلاتتا، خىتاي رېجىمىنىڭ ئىسلام دىنىنى چەكلەش ھەرىكىتىدە بىر قىسىم مەسچىتلەرنى تاقىغانلىقىنى، بىر قىسىملىرىنى چېقىۋەتكەنلىكىنى، يەنە بىر قىسىم چېقىلمىغان مەسچىتلەرنى ئۆزگەرتىپ، دىنىي بەلگىسى بولمىغان شەكىلگە كەلتۈرگەنلىكىنى، بارلىق مەسچىتلەرنىڭ گۈمبەز ۋە مۇنارلىرىنى بۇزۇۋەتكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى مۇۋەققەت ئەمەلدارى ۋاڭ مايانىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي رېجىمىنىڭ بۇ ھەرىكىتى ئىسلام دىنىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئۈچۈن قىلىۋاتقان سىستېمىلىق ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ بىر قىسمى ئىكەن.

دوكلاتتا خىتاي قانۇنىدا خەلقنىڭ رەسمىي تەستىقلانغان دىنىي سورۇنلاردا ئىبادەت ۋە ھەرخىل پائالىيەتلەرنى قىلىشىغا يول قويۇلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە خىتاي رېجىمىنىڭ مەسچىت ۋە ئىبادەت سورۇنلىرىنى قاتتىق كونترول قىلغانلىقى، 2016-يىلى شى جىنپىڭ ئاتالمىش «ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش» سىياسىتىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئىدېئولوگىيەسىنى كىشىلەرنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنىڭ كاپالىتى قىلىشنى تەلەپ قىلغاندىن باشلاپ، دىننى كونترول قىلىشنى تېخىمۇ كۈچەيتكەنلىكى، خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى 2018-يىلى 4-ئايدا ئېلان قىلغان ئاتالمىش «مەسچىتلەرنى رەتكە سېلىش» ناملىق ھۆججەتتىكى ئىستراتېگىيەسىدە ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش، پۈتۈن خىتايدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي سورۇنلىرىنى ئۆزگەرتىپ سېلىش، قېلىپلاشتۇرۇپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشكە بۇيرۇغانلىقى، مەزكۇر ھۆججەتنىڭ ئىزاھاتىدا بۇ خىل باشقۇرۇشنىڭ ئاساسىي مەقسىتىنىڭ مەسچىتلەرنىڭ ئومۇمىي سانىنى ئازايتىش، چېقىلغان مەسچىتلەر سانىنىڭ يېڭىدىن سېلىنغان مەسچىتلەر سانىدىن كۆپ بولۇشى كېرەكلىكىنىڭ تەكىتلەنگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنستىتۇتىنىڭ (ASPI) ئۈچ يىل بۇرۇن ئېلان قىلغان دوكلاتىدا ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي رېجىمى 2017-يىلدىن باشلاپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى مەسچىتلەرنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسىمىنى ئۆزگەرتكەن ياكى چېقىۋەتكەن.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ يېڭى دوكلاتىدا نىڭشيا تۇڭگان مۇسۇلمانلىرى تورىدا يوللانغان سىن ۋە رەسىملەرنى دەلىللەش ۋە سۈنئىي ھەمراھتىن تارتىلغان سۈرەتلەردىن پايدىلىنىپ، خىتاينىڭ ئاتالمىش «ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش» سىياسىتى ئىجرا قىلىنغان ئىككى يېزىنىڭ ئەمەلى ئەھۋالى تەكشۈرۈلگەن. بۇ ئىككى كەنتتە جەمئىي يەتتە مەسچىت بار بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى مەسچىتنىڭ تۆتى ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان، ئۈچ مەسچىت پۈتۈنلەي چېقىۋېتىلگەن. ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان مەسچىتلەر ئىچىدىكى تاھارەت ئېلىش ئۆيى بۇزۇۋېتىلگەن ۋە يەتتە مەسچىتنىڭ ھەممىسىنىڭ گۈمبەز ۋە مۇنارلىرى چېقىۋېتىلگەن.

خىتاينىڭ رەسمىي ھۆججەتلىرىدە چېقىلغان ياكى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان، تاقالغان مەسچىتلەر ھەققىدە ئېنىق تەپسىلات بولمىغاچقا، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى نىڭشيا ۋە گەنسۇنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تاقالغان ياكى چېقىلغان مەسچىتلەرنىڭ كونكرېت سانىنى ئېنىقلىيالمىغان.

تۇڭگان مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئەھۋاللىرىنى تەتقىق قىلىۋاتقان ئىككى تەتقىقاتچى ھەننا سېكېر ۋە داۋىد سىتروپنىڭ مۆلچەرلىشىچە، نىڭشيادىكى مەسچىتلەرنىڭ ئۈچتىن بىرى 2020-يىلىدىن باشلاپ تاقىلىپ قالغان.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى دوكلاتنىڭ ئاخىرىدا خىتاينى دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئەمەل قىلىپ، ئاتالمىش «دىننى خىتايچىلاشتۇرۇش» ھەرىكىتىنى ئۆزگەرتىپ، خەلقنىڭ دىنىي ئەركىنلىك ھوقۇقىنى چەكلەيدىغان قانۇن-نىزاملارنى بىكار قىلىشقا ھەمدە بۇ خىل چەكلەش سىياسىتىنى تەنقىد قىلغانلىقى سەۋەبلىك قولغا ئېلىنغانلارنى قويۇپ بېرىشكە چاقىرىش بىلەن بىرگە، ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنى، بولۇپمۇ ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنى خىتايغا بېسىم ئىشلىتىپ، ئاتالمىش «مەسچىتلەرنى بىرلەشتۈرۈش» سىياسىتىنى ۋە تېخىمۇ كەڭ ئىجرا قىلىنىۋاتقان «خىتايلاشتۇرۇش» ھەرىكىتىنى توختىتىشقا چاقىرغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1666 قېتىم كۆرۈلدى
23/11/2023 14:38:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق