ئامېرىكا تاموژنىسى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتتى

ئامېرىكا تاموژنىسى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە قارشى، خىتايغا قوشنا دۆلەتلەرنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى تېخىمۇ قاتتىق تەكشۈرۈشكە باشلىدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 22-نويابىر خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا تاموژنىسىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، 9-ئايدا مالايشىيا ۋە ۋىيېتنامنىڭ قۇياش ئېنېرگىيەلىك باتارېيە تاختىسى ۋە مىكرو ئۆزەكلىرىنى ئاساس قىلغان 74 مىليون دوللارلىق ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتنىڭ ئامېرىكىغا كىرىشى رەت قىلىنغان بولۇپ، بۇنىڭ ئارىسىدا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ۋاسىتىسى بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان زاپچاسلارنىڭ بار-يوقلۇقى تەكشۈرۈلمەكتىكەن.

2022-يىلى 6-ئايدىن باشلاپ، ئامېرىكا «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇنى»نى (UFLPA) رەسمىي ئىجرا قىلىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايى قىلمىشى توغرىسىدا تېخىمۇ قاتتىق بەلگىلىمە يولغا قويغانىدى.

ئامېرىكا تاموژنىسىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىل 9-ئايغىچە قىممىتى ئىككى مىليارد دوللاردىن ئاشىدىغان 6000 تۈركۈمدىن ئارتۇق مال مەجبۇرىي ئەمگەك جەھەتتىن تاموژنىدا تەكشۈرۈلگەن.

نويابىر ئېيىنىڭ بېشىدا يېڭىلانغان سانلىق مەلۇماتلاردە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ ماللارنىڭ يېرىمىغا يېقىن قىسمى رەت قىلىنغان ياكى يەنىلا تەستىقنى كۈتمەكتىكەن. پەقەت 9-ئايدىلا 82 مىليون دوللار قىممىتىدىكى مال رەت قىلىنغان ياكى ئامېرىكا تاموژنىسىدا تەكشۈرۈش ئۈچۈن تۇتۇپ قېلىنغان. بۇنىڭ %90 ى ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلار ئىكەن.

ئىگىلىنىشچە، رەت قىلىنغان ياكى تۇتۇپ قېلىنغان ماللارنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىدىن كۆپرەكى مالايشىيا ياكى ۋىېيتنامدىن كەلگەن بولۇپ، بۇ ئىككى دۆلەت قۇياش ئېنېرگىيەلىك باتارېيە ۋە يېرىم ئۆتكۈزگۈچنى ئامېرىكىغا ئېكسپورت قىلىدىغان ئاساسلىق دۆلەت ئىكەن. ۋىيېتناممۇ ئامېرىكىنى توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرى، ئاياغ ۋە كىيىم-كېچەك بىلەن تەمىنلىگۈچى دۆلەت ئىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1511 قېتىم كۆرۈلدى
23/11/2023 13:55:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق