كانادا شەرقىي تۈركىستان فېدېراتسىيەسى ۋە شەرقىي تۈركىستان ئۇلۇسال مەنپەئەت مەركىزىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن 19-نويابىر كانادانىڭ تورونتو شەھىرىدە «شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىق ھوقۇقى ۋە يەرشارى خەۋپسىزلىكىدىكى زۆرۈرىيىتى» ناملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى.
يىغىنغا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن تەتقىقاتچىلار، سىياسەتچىلەر ۋە شەرقى تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى ئىشتىراك قىلدى.
يىغىندا كانادا شەرقىي تۈركىستان فېدېراتسىيەسى ۋە شەرقىي تۈركىستان ئۇلۇسال مەنپەئەت مەركىزىنىڭ رەئىسى رۇقىيە تۇردۇش خانىم، ئامېرىكا فلورىدادىن ئادۋوكات تونى زېلىنسكى، كورنېل ئۇنىۋېرسىتېتىدىن دوكتور ماگنۇس فىسكېسجو، مايفلى مەسلىھەتچىلىكىنىڭ باش بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى جېفرېي سىمىس، لاۋئېر ئىنستىتۇتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك خىزمەتچىسى، كانادانىڭ چەت ئەلدىكى پائالىيەتلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەركىزى ۋە ياۋروپا بىخەتەرلىك سىياسىتى مەركىزىنىڭ خادىمى چارلىز بۇرتون، خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ ياۋروپا تاشقى ئىشلار مەسئۇلى نىجات تۇرغۇن ئەپەندى قاتارلىقلار ئايرىم-ئايرىم سۆز قىلدى.
سۆز قىلغۇچىلاردىن ئادۋوكات تونى زېلىنسكى ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىسىدىكى ھېسابىدا يىغىن ھەققىدە ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ، خىتاينىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارغا قىلغانلىرى ۋە قىلىۋاتقانلىرىنىڭ ئۆزىلا خىتاي رېجىمىنىڭ ئەركىن دۇنياغا قانچىلىك چوڭ خەتەر ئىكەنلىكىنىڭ بېشارىتى ئىكەنلىكىنى، ئەركىن دۇنيانىڭ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستانغا تاجاۋۇز قىلىشى ۋە ئىشغال قىلىشىغا يول قويغان خاتالىقلىرىنىڭ بۈگۈن ھېس قىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «بىز بۈگۈن داۋاملىق سادىر قىلىۋاتقان خاتالىقلارنى بالىلىرىمىز ۋە نەۋرىلىرىمىز ھېس قىلىدۇ. بۈگۈنكى شەرقىي تۈركىستان ئەمەلىيەتتە ئامېرىكا ۋە ئەركىن دۇنيانىڭ كەلگۈسىدىكى ھالىتى بولىدۇ. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتايدىن غايەت زور پايدا ئېلىۋاتقان چوڭ شىركەتلەرنىڭ ئاچكۆزلۈكى بىلەن خەتەرگە ئىتتىرىلمەكتە. خىتايدا چوڭ پايدىغا ئېرىشىشنى خالايدىغان چوڭ شىركەتلىرىمىز خىتاينىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماقتا. بۇنىڭ بىلەن خىتاي رېجىمى ھۆكۈمىتىمىزگىمۇ تەسىر كۆرسەتمەكتە. بۇ مەنپەئەتلەرنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەت بولمايدىكەن، ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيە تارىخ كىتابلىرىدىكى مەغلۇبىيەتنىڭ ئىزاھاتى بولۇپ قالىدۇ» دېگەن.
تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر