ھىندىستان ئايرودۇرۇمىغا يېقىن جايدا نامەلۇم ئۇچار جىسىم بايقالدى

ھىندىستان ئايرودۇرۇمىغا يېقىن جايدىكى ھاۋا بوشلۇقىدا نامەلۇم ئۇچار جىسىم بايقالغان بولۇپ، ئىككى كۈرەشچى ئايروپىلان تېزلىكتە قوزغىلىپ توسماقچى بولغان.

«ھىندىستان ۋاقىت گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 19-نويابىر ھىندىستاندىكى ئىمفال ئايرودۇرۇمىغا يېقىن جايدىكى ھاۋا بوشلۇقىدا «نامەلۇم ئۇچار جىسىم» پەيدا بولغان بولۇپ، بۇ سەۋەبلىك ئايرودۇرۇم ۋاقتىنچە تاقىلىپ، ئاۋىياتسىيە نۆۋەتچى ئايروپىلانلىرىنىڭ ئۇچۇشى ئۈچ سائەتتىن ئارتۇق توختىتىلغان. ھىندىستان ھاۋا ئارمىيەسى رافالې كۈرەشچى ئايروپىلانىنى جىددىي قوزغاتقان. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ھىندىستان ھاۋا ئارمىيەسى تەكشۈرۈشنىڭ تەپسىلاتىنى تېخى ئاشكارىلىمىغان بولۇپ، بۇ ۋەقە يەنىلا بىر سىر بولۇپ قالغان.

ئەنگلىيە «مۇستەقىللىق گېزىتى» ھىندى بۆلۈمىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 19-نويابىر چۈشتىن كېيىن شۇ جاي ۋاقتى سائەت 2:30 ئەتراپىدا، ھىندىستاننىڭ شەرقىي شىمالىدىكى مانىپۇر ئۆلكىسىدە نامەلۇم ئۇچۇر جىسىمنىڭ بايقالغانلىقىنى دوكلات قىلغان.

«ھىندىستان ۋاقىت گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھىندىستان ئايرودۇرۇم باشقۇرۇش ئورگىنىنىڭ ئېيتىشىچە، نامەلۇم ئۇچۇر جىسىم شۇ كۈنى كۈن ئولتۇرغاندىن كېيىن ئاسماندىن غايىب بولۇپ قايتا كۆرۈنمىگەن. ھىندىستان ھاۋا ئارمىيەسى بۇ ۋەقەنى تەكشۈرۈۋاتقان بولۇپ، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بولۇشى مۇمكىنلىكى توغرىسىدا خەۋەرلەر تارقالغان. يەنە بىر مەنبەنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ نامەلۇم ئۇچار جىسىم بەك كىچىك بولۇپ، ئايرودۇرۇم رادارى ئۇنىڭدىن ھېچقانداق سىگنالنى بايقىيالمىغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1248 قېتىم كۆرۈلدى
22/11/2023 15:16:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق