خىتاي شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە زور كۆلەملىك يالغان تەشۋىقات ھەرىكىتى باشلىدى

خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن، ئاتالمىش «ئون مىڭ كىشى شىنجاڭ توغرىسىدا سۆزلەش» نامىدا، خىتاي رېجىمىغا سېتىلغان ئاتالمىش تارىخچىلار، مۇتەخەسسىسلەر ۋە تور مەشھۇرلىرىنى كەڭ كۆلەملىك يالغان تەشۋىقات ھەرىكىتىگە تەشكىللىدى.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي رېجىمى 16-نويابىر بېيجىڭ شەھىرى چاۋياڭ رايونىغا جايلاشقان 751 كۇتۇپخانىسىدا ئاتالمىش «ئون مىڭ كىشى شىنجاڭ توغرىسىدا سۆزلەش» نامىدا يىغىن تەشكىللىگەن بولۇپ، يىغىندا خىتاينىڭ مەدەنىيەت ساھەسىدىكى داڭلىق شەخسلەر، تاراتقۇ مەسئۇللىرى، خىتايغا يېقىن چەت ئەلدىكى تور مەشھۇرلىرى قاتارلىقلاردىن باشقا، ئاتالمىش «شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان» كومپارتىيە كادىرلىرى قاتارلىقلار خىتاي كوممۇنىست رېجىمىنىڭ يوليورۇقى بويىچە، ياسالما تارىخ، توقۇلما ۋەقەلىكلەرنى سۆزلەش ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداشقا تەشكىللەنگەن.

خىتاي رېجىمى خەلقئارادا ئىسلام دىنىي ۋە مۇسۇلمانلارغا قارىتا ئىنتايىن ئۇستىلىق بىلەن مۇسۇلمانلار تەرىپىدە تۇرۇۋاتقاندەك كۆرۈنۈش بېرىپ، خىتاينىڭ ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئەڭ يېقىن دوستى ئىكەنلىكىنى داۋراڭ سېلىپ ئىسلام دۇنياسىنى قايمۇقتۇرسا، شەرقىي تۈركىستاندا مۇسۇلمانلارنىڭ بارلىق ئىبادەت ۋە دىنىي پائالىيەتلىرىنى چەكلەپ، قۇرئان كەرىم ھەمدە بارلىق دىنىي كىتابلىرىنى كۆيدۈرۈپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى ئىجرا قىلماقتا.

شۇنداقلا خىتاي جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن، خىتاي ئىچى-سىرتىدىكى تور مەشھۇرلىرىدىن، تاراتقۇ خادىملىرىدىن تەشكىللەنگەن زور كۆلەملىك ساختا تەشۋىقات قوشۇنى ئارقىلىق، جىنايەتلىرىنى پەردازلاشقا ئۇرۇنماقتا.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 4971 قېتىم كۆرۈلدى
22/11/2023 15:12:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق