ۋەتىنىمىزنىڭ بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنىۋاتقان قىممەتلىك بايلىقلىرى

ۋەتىنىمىزنىڭ بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنىۋاتقان قىممەتلىك بايلىقلىرى

مۇھەممەت تۇرسۇن ئۇيغۇر

14-نويابىر زۇمرەت داۋۇت خانىم خىتايلارنىڭ خىتاي تور بەتلىرىدە، 1933-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى قەشقەردە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ كۈمۈش تەڭگە پۇلىنى ناھايىتى يۇقىرى باھادا، ھەتتا بىر مىليوندىن ئىككى مىليون يۈەنگىچە سېتىۋالىدىغانلىقى ھەققىدە ئېلان چىقارغان ۋىدېئو ۋە رەسىملەرنى فېيسبۇك ھېسابىدا تارقاتتى. بۇ خەۋەرگە چەت ئەللەردە ياشاۋاتقان كۆپلىگەن خەلقىمىز يېقىندىن دىققەت قىلىپ كۆڭۈل بۆلدى. بەزى كىشىلەر «خىتايلار مۇشۇنداق قىلىش ئارقىلىق مۇستەقىل دۆلىتىمىزنىڭ تارىخىي پاكىتلىرىنى يوقاتماقچى» دېگەن مەزمۇندا ئىنكاس بىلدۈرسە، يەنە بەزى كىشىلەر «مۇشۇنداق پۇلغا زورلاپ ھەم ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىنى ئىز قالدۇرماي يوقاتماقچى، ھەم مۇستەقىل دۆلىتىمىزنىڭ پۇللىرى، ئاسارە-ئەتىقە ۋە قىممەتلىك تارىخىي يادىكارلىقلارنى ساقلىغان ئۇيغۇرلارنى تۇتۇپ بىراقلا يوقاتماقچى» دېگەن مەزمۇندا پىكىر بىلدۈردى.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىستىقلال خەۋەرلىرى 15-نويابىر زۇمرەت داۋۇت خانىم تارقاتقان دۆلىتىمىزنىڭ تەڭگىسىنىڭ رەسىمىنى قويۇپ، «خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ قىممەتلىك تارىخىي بۇيۇملىرىنى يىغىۋېلىشقا ئۇرۇنماقتا» ماۋزۇلۇق مەخسۇس خەۋەر ئىشلەپ ئېلان قىلغان بولسا، ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىمۇ 17-نويابىر زۇمرەت داۋۇت خانىم تارقاتقان خەۋەرنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ «خىتاي نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ كونا كۈمۈش تەڭگىلىرىنى قىممەت باھا بىلەن سېتىۋالىدۇ؟» ماۋزۇلۇق مەخسۇس خەۋەر ئىشلەپ ئېلان قىلدى. بۇ ئەھۋاللاردىن خىتايلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ كۈمۈش تەڭگە پۇلىنى كىمئارتۇق قىلىپ يۇقىرى باھادا سېتىۋېلىش ئېلانى چەت ئەللەردە ياشاۋاتقان كۆپلىگەن خەلقىمىزگە، ھەتتا چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ چوڭ ئاخبارات-تەشۋىقات ئورۇنلىرىغىچە تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ.

مەن خەلقىمىزنىڭ بۇ ئەھۋالغا قارىتا دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، گەرچە تېخى تەييارلىق باسقۇچىدا بولساممۇ، بۇ تېمىنى تەييارلاپ خەلقىمىزنىڭ دىققىتىگە سۇندۇم.

خەۋەرلەردە ئېلان قىلغان تەڭگىنىڭ بىر يۈزىگە «جمهورىيت اسلامي شرقي توركستان، (١) مسكوك ١٣٥٢ سنة» (شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى، ھىجرىيە 1352- يىلى 1-باسمىسى) دەپ بېسىلغان. تەڭگىنىڭ يەنە بىر يۈزىگە: «ضرب كاشغر» (قەشقەردە بېسىلدى) دەپ يېزىلغان.

خىتايلارنىڭ ئېلانىدا كۆرسىتىلگەن شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ كۈمۈش تەڭگە پۇلى بىر مىسقاللىق بولۇپ، 3.6 گىرام كېلىدۇ. چوڭلۇقى تەخمىنەن 1.5 سانتىمېتىر ئەتراپلىرىدا، يەنى باشمالتاقنىڭ تىرنىقىدىن سەل چوڭراق. مەن ۋەتەندىكى ۋاقتىمدا جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ مۇشۇ خىلدىكى كۈمۈش تەڭگىلىرىنىڭ بىر مىسقاللىق (3.6 گىرام)، ئىككى مىسقاللىق (7.2 گىرام) ۋە بىر سەرلىك (36 گىرام) بولۇپ ئۈچ خىلىنى كۆرگەنىدىم. بۇ تەڭگە پۇللارنىڭ ئۈچ مىسقاللىق ۋە بەش مىسقاللىقلىرىنىڭ بار-يوقلۇقىنى ئېنىق ئۇقمايمەن، ئەمما پەرىزىمچە بار. چۈنكى ۋەتىنىمىزدە ئىشلىتىلگەن باشقا كۈمۈش تەڭگە پۇللارنىڭ ھەممىسىنىڭ بار.

شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ كۈمۈش تەڭگە پۇللىرى باشقا كۈمۈش تەڭگە پۇللاردىن پەرقلىق بولۇپ، سەل نېپىزرەك. شۇڭا ئېغىرلىقى ۋە قىممىتى ئوخشاش بولغان باشقا ھەرقانداق تەڭگىلەردىن بىر قاراشتا پەرق ئەتكىلى بولىدىغان دەرىجىدە چوڭراق ۋە چىرايلىق.

ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، تاجاۋۇزچى خىتاينىڭ تارىختىكى ھەرقانداق ھاكىمىيىتى ئۇيغۇرلارغا ئائىت بولغان، ئۇيغۇرلار پەخىرلىنىدىغان ھەم مەنىۋى ئوزۇق ئالىدىغان مەدەنىي مىراسلار، ئاسارە-ئەتىقىلەر، جۈملىدىن ئالتۇن، كۈمۈش ۋە مىس قاتارلىق مېتاللاردىن قۇيۇلغان ھەر خىل پۇل قاتارلىق شەرقىي تۈركىستانغا ئائىت بولغان بارلىق مىللىي مىراسلىرىمىزغا ئۆچمەنلىك قىلىدۇ. بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇلىغا چىش-تىرنىقىغىچە ئىنتايىن ئۆچمەنلىك بىلەن قارايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق نەرسە، جۈملىدىن ئالتۇن، كۈمۈش، مىس ۋە قەغەز قاتارلىق ھەرقانداق پۇللىرى تارىخىي نۇقتىدىن قارىغاندا ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئىقتىسادىي قىممىتىمۇ ئالاھىدە يۇقىرى.

مەن شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئالتۇن ۋە مىس قاتارلىق پۇللىرىنى كۆرمىگەن، شۇڭا باھاسىنىمۇ ئۇقمايمەن. ئەمما كۈمۈش تەڭگىسىدىن مۇشۇ بىر مىسقاللىق تەڭگىسىنى 1993-يىلى بىر ئادەم دۇكانغا ساتقىلى ئەكىرگەن، مەن 300 يۈەن دېسەم، ئىگىسى سېتىپ بەرمەي چىقىپ كەتكەنىدى. شۇ يىللاردا قىممىتى ئوخشاش باشقا كۈمۈش تەڭگىلەرنىڭ باھاسى ئەڭ قىممەت دېگەندە 30-25 يۈەن ئىدى. يەنى مەن ئون ھەسسە قىممەت دەپمۇ ئالالمىغانىدىم.

1995-يىلى بىر كۈنى دۇكاندا ئولتۇرسام نەچچە يىلدىن بۇيان ياخشى تونۇشىدىغان بىر ئادەم شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىر سەرلىك (10 مىسقال - 36 گىرام) تەڭگىسىدىن ئىككىنى ساتىمەن، دېدى. بۇ كۈتۈلمىگەن بىر ئەھۋال ئىدى. مەن ئۇ تەڭگىلەرگە قاراپلا قالدىم، قولۇم ئىختىيارسىز تىترەپ كەتتى. چۈنكى مېنىڭ بۇ تەڭگىلەرنى تۇنجى قېتىم كۆرۈشۈم ئىدى. بۇ خىل تەڭگىنىڭ ھېلىغۇ بىر سەرلىك، ھەتتا خىتايلار ئېلان چىقارغان ۋىدېئو ۋە رەسىملەردىكى بىر مىسقال، ئىككى مىسقاللىقىمۇ ئىنتايىن ئاز تېپىلاتتى. بىر سەرلىك تەڭگىدىن بىر ئادەمنىڭ يېنىدىن بىرلا ۋاقىتتا ئىككى دانە چىقىشىنى بىر مۆجىزە دەپ تەسۋىرلەشكە بولاتتى. ئۇ كىشى بىر دانىسىنى 30 مىڭ يۈەن دېدى. مەن 25 مىڭ يۈەن قىلدىم، بەرمىدى. شۇ ۋاقىتتا بۇ تەڭگىنىڭ كۇچادىكى باھاسى ئەڭ قىممەت دېگەندىمۇ 23 مىڭ يۈەن ئىدى. شۇ يىللاردا باشقا تەڭگىلەرنىڭ بىر سەرلىكىنىڭ ئوتتۇرىچە باھاسى 200 يۈەن ئەتراپىدا، ئەجدىھا سۈرەتلىك بىر سەرلىك تەڭگىنىڭ 2000 يۈەن ئەتراپىدا، يۈەن شىكەينىڭ 1921-يىلى بېسىلغان يەلكەنلىك كېمە سۈرەتلىك بىر سەرلىك (ئەمەلىيەتتە 7.8 مىسقال - 28 گىرام) تەڭگىسى يېڭى-كونىلىقىغا قاراپ 1500-1000 يۈەن ئەتراپلىرىدا ئىدى. دېمەك، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىر سەرلىك تەڭگىسى ئۇ يىللاردا ۋەتىنىمىزدە ئېلىپ-سېتىلىۋاتقان بەك كۆپ پۇللاردىن 12 ھەسسىدىن 130 ھەسسىگىچە قىممەت ئىدى. بۇ پۇللارنى ئالغانلار ئۈرۈمچى ياكى خىتايغا ئاپارسا بەلكىم يەنە خېلى كۆپ پايدىسىغا سېتىشى مۇمكىن.

بۇ يەردە ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى بارلىق خەلقىمىزنىڭ بىلىپ قويۇشىغا تېگىشلىك ئۈچ ئەھۋالنى قىستۇرۇپ قوياي:

1. بىز ئۇيغۇرلاردا «بىر سەر ئالتۇن ئون مىسقال، بىر پۇڭ كەملەپ كەتكەن يوق» دېگەن بىر ناخشا بار. بىر سەر ئالتۇن ئون مىسقال، بىر مىسقال 3.6 گىرام. ئەمما خىتايلارنىڭ بىر مىسقىلى 3.3 گىرام ئىكەن. مىسال ئالساق: شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىر سەرلىك تەڭگە پۇلى 10 مىسقال بولۇپ، 36 گىرام كېلىدۇ. شىڭ شىسەينىڭ بىر سەرلىك تەڭگە پۇلىمۇ 10 مىسقال بولۇپ، 36 گىرام كېلىدۇ. ئەمما سۇن جۇڭشەن، يۈەن شىكەي دېگەنلەرنىڭ بىر سەرلىك دېگەن تەڭگىسى يەتتە مىسقال 8 پۇڭ-28 گىرام ئەتراپلىرىدا كېلىدۇ (بەزى ھېسابلاشنى ئۇنتۇپتىمەن).

2. ۋەتىنىمىزگە تەۋە بارلىق پۇللار. مەسىلەن: خوتەن تەۋەسىدە ئىشلىتىلگەن، بېسىلغان تارىخى ھەتتا مىلادىدىن بۇرۇنقى يىللارغا تۇتىشىدىغان ئات پۇل (شۇ يىللاردىكى مەن ئاڭلىغان باھاسى 300-400 مىڭ يۈەن)، تۆگە پۇل (500-400 مىڭ يۈەن)، كۈسەن خانلىقىنىڭ پۇلى ۋە يارماقلىرى قاتارلىق دۆلەتلىرىمىزنىڭ ھەرقانداق پۇللىرىنىڭ باھاسى ناھايىتى قىممەت. ئەمما تاجاۋۇزچى خىتاي ھاكىمىيەتلىرىنىڭ ھەرقانداق پۇللىرىنىڭ قىممىتى بىزنىڭ پۇللىرىمىزدىن بەكمۇ ئەرزان.

3. بىزگە دۆلىتىمىزگە تەۋە ھەر خىل پۇل ۋە ھەر خىل ئاسارە-ئەتىقىلەر بولسۇن، خىتايغا تەۋە ھەر خىل پۇل ۋە ئاسارە ئەتىقىلەر بولسۇن، ئوخشىتىپ ياسالغان، پەرقلەندۈرۈش قىيىن بولغان ساختا-يالغانلىرى كۆپ. مەسىلەن: زۇمرەت داۋۇت خانىم تارقاتقان خىتايلار چىقارغان ئېلاندىكى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىر مىسقاللىق كۈمۈش تەڭگىسى ساختا. يەنى قېلىپ ياساپ، ئەسلىگە ئوخشىتىپ قۇيغان ياكى سۈنئىي ئەقىل ئارقىلىق كومپيۇتېردا لايىھەلىگەن تەڭگە ئىكەنلىكى بىلىنىپ تۇرىدۇ. بۇ ئەھۋاللارنىمۇ بىلىپ قويۇش زۆرۈر.

پۇللار توغرىلىق دەيدىغان، يازىدىغان ئەھۋاللار بەك كۆپ. ھازىرچە بولدى قىلىپ، تېمىنىڭ «ۋەتىنىمىزنىڭ بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنىۋاتقان قىممەتلىك بايلىقلىرى» دېگەن ماۋزۇسىغا مۇناسىۋەتلىك يەنە باشقا بايلىقلىرىمىز ھەققىدە توختىلىمەن:

1983-يىلى 6-ئايدىن باشلاپ مەھەللىمىزدىكى روزى ئەرشى ئىسىملىك زەرگەر ئۇستامغا شاگىرتلىققا كىردىم. شۇنىڭدىن كېيىن مېنىڭ زەرگەرلىك ھاياتىم باشلاندى. تۆۋەندە ۋەتەندىكى ۋاقتىمدا، 1983-يىلىدىن 1997-يىلى ۋەتەندىن ئايرىلغىچە بولغان يىللاردىكى زەرگەرلىك ھاياتىمدا مەن كۆرگەن قىممەتلىك بايلىقلىرىمىزغا مۇناسىۋەتلىك بەزى ئەھۋاللارنى ئورتاقلىشىمەن.

بىر كۈنى دۇكاندا ئىشلەپ ئولتۇرساق بىر ئادەم دۇكانغا كىرىپ كەلدى. ئۇستام ئۇ ئادەم بىلەن كونا تونۇشلاردەك كۆرۈشۈپ سالاملاشتى. بۇ ئادەم رەتلىك كىيىنگەن، بويى سەل ئېگىزگە مايىل، ئۇيغۇر چىراي، سىپايە، تۇرقى كادىرغا ئوخشاپ كېتىدىغان ئادەم ئىكەن. كېيىن ئۇقساق دادىسى خىتاي، ئاپىسى ئۇيغۇر بولۇپ، بېيجىڭدا چوڭ بولغان، ئۇيغۇرچىسى راۋان، ئۈرۈمچىدە بىز بىلمەيدىغان بىر ئىدارىدا ئىشلەيدىكەن. (ئىسمىنى ئۇنۇتتۇم). بۇ ئادەمنىڭ ئىشى ھەر يىلى پۈتۈن ۋەتىنىمىزنى ناھىيەلىرىگىچە ئايلىنىپ، ھەرقايسى شەھەر-ۋىلايەتتىكى زەرگەر دۇكانلارغا كىرىپ، قەدىمكى ئاسارە-ئەتىقە ساتىدىغانلار بىلەن كۆرۈشۈپ مەخسۇس ۋەتىنىمىزگە تەۋە قىممەتلىك بۇيۇملار، جۈملىدىن ئالماس، مەرۋايىت، ياقۇت، ئالماس ۋە ياقۇت كۆزلۈك ئالتۇن، كۈمۈشتىن ياسالغان ئۈزۈك... قاتارلىق ئاز ئۇچرايدىغان بۇيۇملارنى سېتىۋېلىش ئىكەن. ئەھۋالدىن قارىغاندا ئۇ ئادەمگە ئەرزىيدىغانلا نەرسە بولسا ئانچە بەك باھا تالىشىپ كەتمەيدىكەن. ئۇستامدا تېخى يېقىندا 600 يۈەنگە سېتىۋالغان %78 لىك (18 كاراتلىق) ئالتۇندىن ياسالغان ساپساق بىر دانە تارىخىي يانچۇق سائىتى بار ئىدى. ئۇ ئادەم سائەتنى قولىغا ئېلىپ، كۆرۈپ: «بۇ شىۋېيتسارىيەنىڭ ئىكەن، ئۇيغۇرلارنىڭ بولسا ئالاتتىم» دېدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇستام ئۇ ئادەم بىلەن بىردەم پاراڭلىشىپ ئولتۇردى. بۇ جەرياندا ئۇ ئادەم ئۇستامنىڭ تەلىپى بىلەن قويۇن يانچۇقىدىن شاپىلاقتەك بىر سومكىنى چىقىرىپ، سومكىسىدىن سېتىۋالغان نەرسىلىرىدىن بىر قانچىنى ئېلىپ ئۇستامغا كۆرسەتتى. بۇ ۋاقىتتا بىز ئىككى شاگىرتمۇ قىزىقىپ ئۇ ئادەمنىڭ يېنىغا باردۇق. بىز نۆۋەت بىلەن ئۇ ئادەمنىڭ قولىدىكى نەرسىلەرنى قولىمىزغا ئېلىپ كۆردۇق:

1. سىلان: ئۇ ئادەم ماڭا دەسلەپ بىر قارا تاشنى بەردى. ئۇ تاشنىڭ ئىسمى «سىلان» ئىكەن (نەچە گەپلىكىنى بىلمەيمەن). تاشنىڭ چوڭلۇقى باشمالتاقتەك بولۇپ، سىلىق، قېلىنلىقى 3-2 مىللىمېتىر كېلىدىكەن. ئۇ قاپقارا تاش بولۇپ، قارا بولغاندىمۇ تەسۋىرلىگۈسىز تۇم قارا تاش ئىكەن. مەن ھاياتىمدا تاكى ھازىرغىچە ئۇنداق قارا ھەم سىلىق بىر نەرسە كۆرمىدىم.

2. ئالماس كۆزلۈك ئالتۇن ئۈزۈك: ئۈزۈكتىكى ئالماسنىڭ كەسمە يۈزى (دىيامېتىرى) يېرىم سانتىمېتىر ئەتراپىدا بولۇپ، ئىنتايىن سۈزۈك، جۇلالىق ئاق ئالماس ئىكەن. ئۈزۈكنى تۆۋەنرەك تۇتۇپ، ئالماس كۆزنىڭ ئۈستىدىن ئۇدۇل قارىسام، تونۇرنىڭ ئىچىدە ئوت كۆيۈۋاتقاندەك لاۋۇلداپ ئوت كۆيۈۋاتىدۇ. ئەمما ئۇ ئوت قولۇمدىكى كىچىككىنە ئالماسنىڭ ئىچىدە كۆيۈۋاتقان ئوت ئىدى. يان تەرىپىدىن قارىسا ئۇنداق ئوت كۆرۈنمەيدىكەن.

3. مۈشۈك كۆزى (يادىمدا شۇنداقراق قاپتۇ): ئاق ئالتۇن (پىلاتىنا)دىن ياسالغان ئەرەنچە ئۈزۈك بولۇپ، ھاياتىمدا ئاق ئالتۇننى تۇنجى كۆرۈشۈم ئىدى. ئۈزۈكنىڭ كۆزى راستتىنلا مۈشۈكنىڭ كۆزىگە ئوخشاپ قالىدىكەن. چوڭلۇقى 1.3-1.2 سانتىمېتىر ئەتراپلىرىدا، بېلىق سىرتى، يەنى تۇخۇمنىڭ پاينەك تەرىپىدەك ئىكەن. ھەيران قالارلىق تەرىپى بولسا، ئۈزۈكنى مىدىرلاتسا ئۇ كۆزنىڭ قارىچۇقىمۇ تەڭ مىدىرلايدىكەن.

باي ناھىيەسىدە ئۆز ئالدىمغا دۇكان ئېچىۋاتقان ۋاقتىم ئىدى. 1989-يىلى 8-ئاي بولسا كېرەك، بىر كۈنى دۇكاندا ئىشلەپ ئولتۇرسام ئۇ ئادەم كىرىپ كەلدى. بۇ بىزنىڭ بەش-ئالتىنچى قېتىم كۆرۈشىشىمىز ئىدى. ئۇ ئادەم سىپايە گەپلەر بىلەن ساتقۇدەك نەرسىنىڭ بار-يوقلىقىنى سورىدى. مەندە تۇخۇمدىن كىچىكرەك، ئىچى كاۋاك بەك چىرايلىق بىر قاشتېشى، يەنە پىل سۆڭىكىدىن ياسالغان، چوڭلۇقى ئۈچ سانتىمېتىر ئەتراپىدا كېلىدىغان يۇمىلاق ۋە بەك سىلىق بىر نەرسە بار ئىدى. ئۇلارنى كۆرسەتتىم. ئۇ ئادەم ئۇلارنى قولىغا ئېلىپ، ئۆرۈپ-چۆرۈپ كۆرگەندىن كېيىن قاشتېشىنى: «بۇنى موڭغۇللار ئىشلىتىدۇ، ئىچىگە ناس قاچىلايدۇ. ئالتۇن ياكى كۈمۈشتىن ئاغزى بولۇپ، ئاغزىنىڭ ئۈستىگە يېپىشتۇرۇلغان ئالتۇن ياكى كۈمۈشتىن پاقا بار. قاشتېشىنىڭ ئىچىدە تۇرىدىغان ئاغزىغا تۇتاش قۇلاق كوچىلىغۇچتەك بىر نەرسە بار، ئۇنىڭ بىلەن ئىچىدىن ناسۋال ئېلىپ قۇلىقى، بۇرنى، قولتۇقى دېگەندەك يەرلەرگە ناسۋال چېكىدۇ. كېيىنكى يىللاردا ئۇيغۇرلار مەدرىسلەردە بۇنىڭ تۇخۇمنىڭ پاينىكىدەك ئاستى تەرىپى بىلەن سامان قەغەزنى چىڭداپ، قەغەزنىڭ يۈزىنى سىلىقلاشقا ئىشلەتكەن، شۇنداق قىلسا خەت يازغاندا سىيا قەغەزگە يېيىلىپ كەتمەي خەت چىرايلىق چىقىدۇ» دېدى. دېمەك، ئەسلىدە ئۇيغۇرلار ئىشلىتىدىغان نەرسە بولمىغاچقا ئالمايدىكەن. كېيىن پىل سۆڭىكىدىن ياسالغان، يۇمىلاق نەرسىنى: «بۇ پىل سۆڭىكى ئەمەس، تۆگە سۆڭىكى. شۇ ئوتتۇرىدىكى تۆشۈكىگە قاراڭ، قالماق ياكى تىبەتلەرنىڭ راھىبلىرى ئىشلىتىدىغان ياكى بوينىغا ئاسىدىغان تەسۋىنىڭ ئۇرۇقى» دېدى. دېمەك، بۇ ئادەم ھەممە نەرسىنى بىلىدىكەن، مەن تېخى كىچىككەنمەن.

مەن كېيىن ئۇ ئادەمدىن: «قانداق نەرسىلىرىڭىز بار، كۆرۈپ باقاي» دېدىم. ئۇ ئادەم سەل تۇرۇۋېلىپ: «ئىشىكنى تاقاپ قويۇڭ» دېدى، مەن دەرھال ئىشىكنى تاقىدىم. كۈن چۈش ۋاقتى ھەم ئەينەك پەنجىرە چوڭ بولغاچقا، دۇكان ئىچى يورۇق ئىدى. ئۇ ئادەم قوينىدىن كىچىك سومكىسىنى چىقىرىپ، ئىچىدىن ئۈچ نەرسە ئېلىپ بىردىن-بىردىن قولۇمغا بەردى.

4. يۇلتۇز: ئۇزۇنلۇقى بەش سانتىمېتىر، كەڭلىكى ئۈچ سانتىمېتىر، قېلىنلىقى ئىككى-ئۈچ مىللىمېتىر ئەتراپلىرىدا كېلىدىغان، بىر قاراشقا قويۇق تۆمۈر كۆك، يەنە بىر قاراشتا قارا كۆرۈنىدىغان ئاجايىپ سىلىق ۋە پارقىراق تاش ئىكەن. ئۇ تاشقا شۇنداق قارىدىم. قولۇمدا ئاسماننىڭ بىر پارچىسىنى تۇتۇپ تۇراتتىم. بىپايان كەتكەن كۆپكۆك ئاسماندا چوڭ-كىچىك، سان-ساناقسىز يۇلتۇزلار جىمىرلىماقتا ئىدى. مېنى ئاسماننىڭ بىر پارچىسىنى تۇتۇپ تۇرغاندەك ھېسسىياتقا كەلتۈرگەن قولۇمدىكى تاش پەقەت باشمالتاقتىن سەللا چوڭ ئىدى.

5. غەلىتە ياقۇت كۆزلۈك ئالتۇن ئۈزۈك: ئۈزۈك ساپ ئالتۇندىن ياسالغان بولۇپ، ياقۇتنىڭ شەكلى جىگدە ئۇرۇقچىسىدەك ئۇزۇن ۋە تار، كەڭلىكى بىر سانتىمېتىر، ئۇزۇنلۇقى ئىككى سانتىمېتىر ئەتراپلىرىدا كېلەتتى. رەڭگى ئاجايىپ بىر خىل ئىدى. ياقۇت ھەقىقىي تەبىئىي ياقۇت بولۇپ، ئوتتۇرىسىنىڭ ئىچىدە سۇ ياكى سىمابتەك، بەكلا نۇرلۇق چوغدەك قىپقىزىل بىر نەرسە باركەن. ئۇ ئوتقاشتەك چوغ ئۈزۈكنى مىدىرلاتسا ھەرىكەت قىلىدىكەن.

6. نۇر چاچىدىغان ئۈزۈك: ئاخىرىدا سومكىسىدىن كۆزى يۇمىلاق، رەڭگىنى مەن بىرەر رەڭگە ئوخشىتالمايدىغان بىر خىل رەڭلىك كۆزى بار بىر ئالتۇن ئۈزۈكنى چىقىرىپ، «دىققەت قىلىڭ» دېگەچ قولۇمغا بەردى. ئۇ ئۈزۈكنى قولۇمغا ئېلىشىمغا، دۇكاننىڭ ئۈزۈكنىڭ كۆزى قارىغان تەرىپىدىكى تام-تورۇس ۋە يەرلەر تاپانچا پىستىنىنىڭ ئاغزىدەك كېلىدىغان، يۇمىلاق، يۇمىلاق، مىڭلىغان، ئون مىڭلىغان ئاق نۇرلار بىلەن يورۇپ كەتتى. ئۈزۈكنى ئاستا مىدىرلاتتىم. تام-تورۇستىكى، يەردىكى، ئەتراپتىكى نۇرلار ئۈزۈكنىڭ كۆزىنى قايسى تەرەپكە قاراتسام تەڭ، تەكشى ھەرىكەت قىلىدىكەن. ئۈزۈكنى تامغا يېقىنلاشتۇرساممۇ، يىراقلاشتۇرساممۇ ئۇ يۇمىلاق نۇرلارنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ئۆزگەرمەيدىكەن. ئۈزۈكنىڭ كۆزىنى قول بىلەن توسسا نۇرلار ئۆچىدىكەن. يەنى ئۈزۈكنىڭ كۆزى يورۇقلۇق كۆرسە ئاشۇنداق نۇر چاچىدىكەن.

مەن ئۈزۈكنى تۇتقىنىمچە نۇرغا تولۇپ كەتكەن دۇكاندا ئولتۇرۇپ، ھاياجاندىن ئۆزۈمنى تۇتۇۋالالماي، بۇ ئۈزۈكنى قانچە پۇلغا ئالغانلىقىنى سورىدىم. ئۈچ مىڭ يۈەنگە ئاپتۇ. ئۇ ئادەم كېيىن ھەرقانداق قىممەتلىك ئاسارە-ئەتىقىلەر ئۇچراپ قالسا ئېلىپ، ساقلاپ قويۇشۇمنى تاپىلاپ خوشلىشىپ چىقىپ كەتتى.

مەن يۇقىرىدا يازغان بىزگە، ۋەتىنىمىزگە تەۋە بولغان، يەنە بىر ئوخشىشى ئاز تېپىلىدىغان، پەۋقۇلئاددە قىممەتلىك ئالتە خىل نەرسىنى ھازىرغىچە ئاشۇ ئادەمنىڭ قولىدىن باشقا ھېچ يەردە كۆرمىدىم.

دېمەك، بىزدە بىزنىڭ ۋەتىنىمىزدە ئەسلىدە ئاللاھ تائالا دۇنيادا ھېچكىمگە بەرمىگەن، نېسىپ قىلمىغان، پەقەت بىزگىلا بەرگەن ئاشۇنداق مىسلىسىز قىممەتلىك بايلىقلىرىمىز بار ئىكەن.

ئەمدى دېمەكچى بولغىنىم: قارىسام خىتايلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەڭگىسىنى يۇقىرى باھادا سېتىۋېلىش ئېلانىنى كۆرگەنلەرنىڭ كۆپچىلىكى قىممەتلىك بايلىقلىرىمىزنىڭ قاچاندىن باشلاپ، قانداق ئۇسۇللار بىلەن يوقىتىلىۋاتقانلىقىنى بىلىش تۈگۈل، مۇستەقىل دۆلىتىمىزنىڭ كۈمۈش تەڭگىلىرى خىتايلار تەرىپىدىن مۇشۇ ھەپتە، ئون كۈندىن بۇيان ئالداپ، پۇلغا قىزىقتۇرۇپ سېتىۋېلىپ يوقىتىشنى باشلىغان ئوخشايدۇ، دەپ ئاددىيلا چۈشىنىپ قالغاندەك قىلىدۇ. خىتايلارنىڭ بىزگە ۋە بىزنىڭ ۋەتىنىمىزگە تەۋە بولغان دۆلەت پۇللىرى، قىممەتلىك ئاسارە-ئەتىقە ۋە مەدەنىي يادىكارلىقلىرىمىزنى زورلۇق كۈچ بىلەن، تەھدىت بىلەن ئالداپ ياكى پۇلغا قىزىقتۇرۇپ سېتىۋېلىپ يوقىتىش سۇيىقەستى ھەرگىزمۇ ھەپتە، ئون كۈن بۇرۇن تارقالغان، خىتاي چىقارغان ئېلان بىلەن باشلانمىدى. خىتاينىڭ بۇ خىل غەرەزلىك ۋە مەقسەتلىك سۇيىقەستلىرى ۋەتىنىمىزنى بېسىۋالغان ۋاقىتتىن باشلاپلا پىلانلىق ۋە سىستېمىلىق داۋاملىشىپ كەلدى. خىتاينىڭ تارىختا قۇرۇلغان دۆلەتلىرىمىزنىڭ ھەر خىل پۇللىرىنى ئىزدەپ، سۈرۈشتۈرۈپ يىغىدىغان ئادەملىرى ئايرىم، يۇقىرىدا يېزىلغاندەك قىممەتلىك بايلىقلىرىمىزنى ئىزدەپ، سۈرۈشتۈرۈپ يىغىدىغان ئادەملىرى ئايرىم، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ يەنە داۋاملىشىدۇ. شۇڭا خەلقىمىزنىڭ بۇ خىل ئەھۋاللارنى ئاددىي چۈشىنىپ قالماسلىقى لازىم.

2023-يىلى 19-نويابىر

بۇ خەۋەر 1523 قېتىم كۆرۈلدى
21/11/2023 17:15:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق