خىتاي دېڭىز ئارمىيەسى ئاۋسترالىيە غەۋۋاسلىرىنى يارىلاندۇردى

ئاۋسترالىيە خىتاي دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ مىنا تاپقۇچ ئىمپۇلس بىلەن ئاۋسترالىيە غەۋۋاسلىرىنى يارىلاندۇرغانلىقىنى ئەيىبلىدى.

ئەنگلىيە رادىيو شىركىتى ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئاۋسترالىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى رىچارد مارلېس 18-نويابىر ئېلان قىلغان باياناتىدا، خىتاينىڭ ھەربىي پاراخوتىنىڭ مۇشۇ ھەپتىنىڭ بېشىدا ياپونىيە ئەتراپىدىكى دېڭىزدا بىخەتەر ۋە كەسپىي بولمىغان ھەرىكەتلەر بىلەن ئاۋسترالىيە غەۋۋاسلىرىنى يارىلاندۇرغانلىقىنى، ئەينى ۋاقىتتا خىتاي ئۇرۇش پاراخوتىنىڭ ئاۋسترالىيە پاراخوتىغا يېقىنلاشقانلىقىنى، غەۋۋاسلار ئاۋسترالىيە پاراخوتىنىڭ پىرقىرىغۇچتىكى بېلىق تورىنى تازىلاۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاي ئۇرۇش پاراخوتلىرى خەتەرلىك ھالدا سونار ئىمپۇلسنى چىقارغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتىنىڭ ئاۋسترالىيە غەۋۋاسلىرىغا خەۋپ يەتكۈزگەنلىكىنى ۋە ئۇلارنىڭ دەرھال سۇ يۈزىگە چىقىشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى، نەتىجىدە غەۋۋاسلارنىڭ سونار ئىمپۇلسنىڭ زەربىسىدىن يېنىك يارىلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

رىچارد مارلېسباياناتىنىڭ ئاخىرىدا، خىتاينى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق دۆلەتلەرنىڭ ھەربىي قىسىملىرىنى كەسپىي ۋە بىخەتەر ئۇسۇلدا ھەرىكەت قىلىشقا چاقىرغان.

تەييارلىغۇچى : ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1494 قېتىم كۆرۈلدى
21/11/2023 15:00:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق