ياپونىيەدە خىتاينىڭ دىنىي چەكلىمىلىرىگە قارشى سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

ياپونىيەدە خىتاينىڭ دىنىي ئىبادەت ۋە پائالىيەتلەرنى چەكلەش، باستۇرۇشقا ئالاقىدار 19-نومۇرلۇق ھۆججىتىگە قارشى سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، يىغىندا خىتاينىڭ دىنىي چەكلىمىلىرى ئەيىبلەندى.

مەركىزىي تىبەت ھۆكۈمىتىنىڭ ئورگان تور بېتىدە 20-نويابىر خەۋەر قىلىنىشىچە، تىبەتنى قۇتقۇزۇش تورى ۋە ياپونىيە تىبەت سارىيى ياپونىيەنىڭ توكيودىكى شىنجۇكۇ تارىخىي مۇزېيىدا خىتاي رېجىمىنىڭ 1-سېنتەبىردىن تارتىپ ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان، دىنىي پائالىيەت، دىنىي سورۇنلارغا چەكلىمە قويۇش مەزمۇنىدىكى 19-نومۇرلۇق ھۆججىتى ھەققىدە سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزگەن. سۆھبەت يىغىنىغا ياپونىيە پارلامېنت ئەزالىرىدىن مىتۇسباياشى خىرومى، دوكتور مىياۋاكى جۇنكو، ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىن ساۋۇت مۇھەممەد ۋە جەنۇبىي موڭغۇلىيە قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دوكتور گوۋرۇد ئارچا قاتارلىقلار قاتناشقان ھەمدە سۆز قىلغان.

يىغىنغا قاتناشقۇچى مۇتەخەسسىسلەر خىتاي رېجىمى ئىشغال قىلغان رايونلاردا ئىجرا قىلىۋاتقان دىنىي پائالىيەتلەرنى چەكلەش ۋە ئومۇميۈزلۈك كونترول قىلىش مەقسىتىدە چىقارغان نىزاملارنى باھالىغان.

پارلامېنت ئەزاسى مىتۇسباياشى خىرومى سۆھبەت يىغىنىدا ئۆزىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى خىزمەت كەچۈرمىشلىرى ھەققىدە سۆز قىلىپ، تىبەتلەر، ئۇيغۇرلار ۋە جەنۇبىي موڭغۇللارنىڭ بىر يەرگە جەم بولۇپ، خىتاي كوممۇنىست رېجىمى ئىشغال قىلغان رايوندىكى خەلقلەرنىڭ ئېڭىنى كونترول قىلىش ئۈچۈن چىقارغان سىياسىتىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىدىن خۇشال بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ سۆزىدە ياپونىيە پارلامېنتىنىڭ خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى ۋە ئۇيغۇرلارنى قوللاش گۇرۇپپىسىنىڭ باش كاتىپى بولۇش سۈپىتى بىلەن، خىتاينىڭ قەبىھ سىياسىتىنىڭ ياپونىيە پارلامېنت ئەزالىرى تەرىپىدىن چوقۇم ئەيىبلىنىدىغانلىقىنى كېسىپ ئېيتالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ يەنە خىتاي رېجىمىنىڭ كوممۇنىزم ئىدېئولوگىيەسى ۋە يالغان تەشۋىقاتلىرى بىلەن بالىلارنى زورلاش ۋە خىتايلاشتۇرۇش ئۈچۈن لايىھەلەنگەن ئاتالمىش «ۋەتەنپەرۋەرلىك مائارىپى سىياسىتى» ھەققىدە توختالغان.

سۆھبەت يىغىنىدا ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىن ساۋۇت مۇھەممەد ۋە جەنۇبىي موڭغۇلىيە قۇرۇلتىيىدىن دوكتور گوۋۇد ئارچا قاتارلىقلار خىتاي رېجىمى ئىجرا قىلىۋاتقان دىنغا قارشى ۋەھشىي سىياسەتلەر، شۇنداقلا كىشىلەرنىڭ ھاياتى ۋە دىنىي ئەركىنلىكىگە كۆرسەتكەن يامان تەسىرلىرى ھەققىدە توختىلىپ، خىتاينىڭ نۆۋەتتە ئىجرا قىلىۋاتقان دىنغا قارشى تېررور سىياسىتى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەن.

تەييارلىغۇچى : ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1624 قېتىم كۆرۈلدى
21/11/2023 14:38:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق