خىتاي رېجىمى ئوماندا ھەربىي بازا قۇرماقچى بولغان بولۇپ، بۇنىڭ ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ يەر شارىۋى ئەسكەر ئورۇنلاشتۇرۇشىغا تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 20-نويابىر خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەتنىڭ كەسكىنلىشىشىگە ئەگىشىپ، خىتاي دېڭىز كۈچىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئامېرىكىغا يېتىشىۋېلىشقا تىرىشىۋاتقان بولۇپ، نۆۋەتتە خىتاينىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى تەسىرىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن، ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان ئوماندا ھەربىي بازا قۇرماقچى بولغانلىقى ھەققىدە خەۋەرلەر تارقالغان.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ ئامېرىكىنى ئوتتۇرا شەرق، ھەتتا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ھەربىي ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە بايلىق تەقسىماتىنى قايتىدىن باھالاشقا مەجبۇرلىشى مۇمكىن ئىكەن. ئەگەر ئۇرۇش پارتلاپ قالسا، ئامېرىكا چوقۇم تېخىمۇ كۆپ جايلارغا ئەسكەر ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەكلىكىدىن دېرەك بېرىدىكەن. بۇ تەيۋەن بوغۇزى مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىش دەرىجىسىنىڭ مۇرەككەپلىكىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇشى مۇمكىن ئىكەن.
بىلۇمبېرگ ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېن يېقىندا مەسلىھەتچىلىرىنىڭ دوكلاتىنى ئاڭلىغان. دوكلاتتا، خىتاينىڭ ئوماندا ھەربىي ئەسلىھە قۇرۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقى، ئىككى تەرەپنىڭ مۇداپىئە ئەمەلدارلىرىنىڭ ئالدىنقى ئايدا ئالاقىدار مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلغانلىقى، ئوماننىڭ خىتاي بىلەن كېلىشىمنى قوبۇل قىلىشنى خالايدىغانلىقى، خىتاي بىلەن ئومان كەلگۈسى بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مۇزاكىرە قىلىشقا قوشۇلغانلىقى قەيت قىلىنغان.
بۇ خەۋەر ئاشكارىلانغاندىن كېيىن بايدېن ئومان ئەمەلدارلىرىغا تېلېفون قىلغان. ئاقساراينىڭ 10-نويابىردىكى باياناتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئىككى دۆلەت رەھبىرى ئوتتۇرا شەرقتىكى ئەڭ يېڭى تەرەققىياتلارنى مۇزاكىرە قىلغان ۋە ئىككى دۆلەتنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىشكە ۋەدە بەرگەن. لېكىن سۆھبەت جەريانىدا خىتاينىڭ ئوماندا ھەربىي بازا قۇرۇش پىلانى ھەققىدە سۆزلەشكەن-سۆزلەشمىگەنلىكى باياناتتا تىلغا ئېلىنمىغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ