خىتاي «كۆرگەزمە» نامىدا ئۇيغۇر مەدەنىي يادىكارلىقلىرىنى خىتايغا باغلاشقا ئۇرۇنماقتا

خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىي يادىكارلىقىغا ئالاقىدار بارلىق ماددىي بۇيۇملارنى ۋەيران قىلىش بىلەن بىرگە، ياسالما ياكى بۇرمىلانغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىنى خىتايغا باغلاشقا ئۇرۇنۇپ كېلىۋاتقان بولۇپ، 18-نويابىر ئاتالمىش «شىنجاڭ ئارخېئولوگىيەسىنىڭ 100 يىللىقى» نامىدا كۆرگەزمە باشلىغان.

خىتاي خەلق تورىنىڭ 19-نويابىردىكى خەۋىرىدە بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىدە كونا تاش قوراللار دەۋرىدىن خىتاينىڭ خەن، جىن، سۈي، تاڭ سۇلالىسىغىچە بولغان تۈرلۈك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن 180 نەچچىسى كۆرگەزمە قىلىنىدىغانلىقى، كۆرگەزمىنىڭ تۆت چوڭ قىسىمغا بۆلۈنگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن. كۆرگەزمە كېلەر يىلى 18-يانۋارغىچە ھەقسىز ئېچىۋېتىلىدىغان بولۇپ، كۆرگەزمە مەزگىلىدە، ياسالما، بۇرمىلانغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بىلەن كۆز بوياش ئۈچۈن، ئاممىغا ئارخېئولوگىيەلىك لېكسىيە سۆزلەش ۋە مۇتەخەسسىسلەر مەخسۇس مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش، بىر گەۋدە بولۇشتەك تەرەققىيات مۇساپىسىنى سۆزلەش ئارقىلىق ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش» رەزىل پىلانىنى چۈشەندۈرۈش قاتارلىق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلىدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ كۆرگەزمىنى ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى (مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى) ۋە «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى مۇزېيى ئۇيۇشتۇرغان. ئاتالمىش «شىنجاڭ» گۈزەل سەنئەت سارىيى، قۇمۇل شەھەرلىك مۇزېي، تۇرپانشۇناسلىق تەتقىقات ئورنى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مۇزېي، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق مۇزېي، خوتەن ۋىلايەتلىك مۇزېي، كۇچا شەھەرلىك مۇزېي، توقسۇ ناھىيەلىك مۇزېي قاتارلىق ئورۇنلار ھەمكارلاشقان.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي رېجىمى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى ئۇنتۇلدۇرۇش، تارىخىنى بۇرمىلاش پىلانى بويىچە، ئاتالمىش «شىنجاڭ مۇزېي»نىڭ كۆلىمىنى ئەسلىدىكىدىن ئۈچ ھەسسىگە يېقىن كېڭەيتىپ سالغان. 2-قارارلىق يېڭى سارايدا ئاتالمىش «شىنجاڭ تارىخىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كۆرگەزمىسى» يېڭىدىن تەسىس قىلىنغان. مەزكۇر كۆرگەزمىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ «خىتاينىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكى»دەك بۇرمىلانغان تارىخنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش مەقسەت قىلىنغان ئاتالمىش «مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى» دىن 1570 پارچە بار ئىكەن.

خىتاي ئىشغالىيەت تارىخىدىن باشلاپ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ھەرخىل باھانىلەر بىلەن باستۇرۇپ كەلگەن بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئوچۇق-ئاشكارا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزمەكتە. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، خىتاي مەدەنىيىتىنى مەجبۇرىي تېڭىش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىنى، مەدەنىيىتىنى بۇرمىلاش، ئۆزگەرتىش، يوقىتىش پىلانلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ ئىجرا قىلماقتا.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 4919 قېتىم كۆرۈلدى
21/11/2023 12:00:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق