بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قوماندانلىق ئورگىنىغا ئەزا دۆلەتلەر كورىيەنى قوغداشنى قايتا تەكىتلىگەن، ئەمما خىتاي بۇ قارارغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 18-نويابىردىكى خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قوماندانلىق ئورگىنىغا ئەزا 17 دۆلەت جەنۇبى كورىيەگە ياردەم بېرىپ، شىمالى كورىيەنىڭ ھەر قانداق ھۇجۇمىدىن مۇداپىئەلىنىشكە كۈچ چىقىرىشنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىگەن بولۇپ، خىتاي بۇنىڭغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئالدىنقى ھەپتە 17 دۆلەتنىڭ مۇداپىئە مىنىستىرلىرى ۋە ۋەكىللىرى كورىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، سېئۇلدا تارىخىي بىر يىغىن ئاچقان. گەرچە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قوماندانلىق ئورگىنىنىڭ بىر قانچە ئەزاسى ئامېرىكا بىلەن كورىيەنىڭ بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرىغا قاتنىشىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما 14-نويابىردىكى يىغىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قوماندانلىق ئورگىنى قۇرۇلغان 70 يىلدىن بېرى ئافرىقا، ياۋروپا، ئوتتۇرا شەرق، شىمالىي ۋە جەنۇبىي ئامېرىكىدىكى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تۇنجى قېتىم جەم بولۇشى ئىكەن.
يىغىنغا قاتناشقۇچى دۆلەتلەر يىغىندىن كېيىن بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلغان بولۇپ، باياناتتا: «شىمالىي كورىيە يېرىم ئارىلىدا قوراللىق دۈشمەنلىشىش ۋە قوراللىق ھۇجۇملارنىڭ يۈز بېرىشى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە كورېيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىخەتەرلىكىگە جەڭ ئېلان قىلغان بولىدۇ، ھەرقايسى دۆلەت بۇنىڭغا قارشى بىرلىكتە قارشى تۇرىدۇ» دەپ جاكارلانغان.
خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى ماۋ نىڭ بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قوماندانلىق ئورگىنىنى تەنقىد قىلىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئارمىيەسىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنىڭ مەھسۇلى ئىكەنلىكىنى، قانۇنىي ئاساسى يوق ۋە ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى، بۇ خىل قارشىلىشىشنى قوزغاش رايوندا جىددىيچىلىك پەيدا قىلىدىغانلىقىنى دەۋا قىلغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ