خىتاي كورىيەدە ئاتالمىش «شىنجاڭ ياخشى جاي» ناملىق يالغان تەشۋىقاتىنى باشلىدى

خىتاي يېقىنقى مەزگىللەردە شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئاتالمىش «شىنجاڭ ياخشى جاي» نامىدىكى ساختا تەشۋىقاتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋاتقان بولۇپ، بۇ قېتىم كورىيەدە «شىنجاڭ ياخشى جاي» مەدەنىيەت ساياھەت ھەپتىلىكى باشلىغان.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي رېجىمى 16-نويابىر كورىيەنىڭ پايتەختى سېئۇلدا ئاتالمىش «شىنجاڭ ياخشى جاي» مەدەنىيەت ساياھەت ھەپتىلىكى پائالىيىتىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزگەن. ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلغان خىتاينىڭ كورىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى شىڭ خەيمىڭ بىلەن ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاڭ يۇڭدۇڭ قاتارلىقلار: «بۇ قېتىملىق پائالىيەتنىڭ خىتاي ۋە كورىيە خەلقىنىڭ دوستلۇقىنى كۈچەيتىشكە تۈرتكە بولۇشىنى، تېخىمۇ كۆپ كورىيەلىك دوستلارنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ زىيارەت قىلىپ، رايوننىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى ھېس قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دەپ بىلجىرلاشقان.

ئاتالمىش «شىنجاڭ ياخشى جاي» مەدەنىيەت ساياھەت ھەپتىلىكى پائالىيىتىنى سېئۇلدىكى خىتاي مەدەنىيەت مەركىزى، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» مەدەنىيەت ۋە ساياھەت تارماقلىرى ۋە كورىيە-خىتاي ئىقتىساد، مەدەنىيەت ۋە مائارىپ جەمئىيىتى ۋە كورىيە-خىتاي ئىقتىساد، مەدەنىيەت ۋە مائارىپ جەمئىيىتى بىرلىكتە قوللىغان. مەزكۇر يالغان تەشۋىقات پائالىيىتى بۇ ئاينىڭ ئاخىرىغىچە داۋاملىشىدىكەن. پائالىيەت جەريانىدا، سېئۇلدىكى خىتاي مەدەنىيەت مەركىزى بىرلا ۋاقىتتا يۈزگە يېقىن ئاتالمىش «شىنجاڭ» باش تېما قىلىنغان، شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايەتلىرىنى پەردازلايدىغان فوتو سۈرەتلەرنى توردا ۋە تور سىرتىدا كۆرگەزمە قىلغاندىن باشقا، ساختا تەشۋىقات فىلىمى، قىسقا سىن، ھۆججەتلىك فىلىم قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدىكەن.

خىتاي رېجىمى بۇ خىلدىكى ساختا تەشۋىقاتلىرىنى نۆۋەتتە خەلقئارادا كۈنتەرتىپتە تۇرۇۋاتقان خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈش جىنايىتىگە قارشى سادالارنى ئۆچۈرۈش ۋە ئۆز جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز كۈچەيتمەكتە ۋە دائىرىسىنى كېڭەيتمەكتە. شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستاندا باستۇرۇش، ھەر خىل باھانىلەر بىلەن تۇتقۇن قىلىش قاتارلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى داۋاملىق ئىجرا قىلماقتا.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 5090 قېتىم كۆرۈلدى
20/11/2023 11:12:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق