شى جىنپىڭنىڭ ئامېرىكىدىكى شىركەت خوجايىنلىرىغا بىلجىرلىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىلگەن زىياپەت ئامېرىكىدا تالاش-تارتىشقا سەۋەب بولۇپ، كۈنتەرتىپتە تۇرۇۋاتقان بىر پەيتتە، مەزكۇر زىياپەتكە قاتناشقان شىركەت خوجايىنلىرىنىڭ 40 مىڭ دوللار تۆلەپ زىياپەتكە قاتنىشىشى نارازىلىق قوزغىدى.
ئامېرىكا ھەپتىلىك خەۋەرلەر تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى خىتاي ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت ئالاھىدە كومىتېتى 40 مىڭ دوللار تۆلەپ شى جىنپىڭنىڭ زىياپىتىگە قاتناشقان ئامېرىكا شىركەت خوجايىنلىرىنىڭ ئىسىملىرىنى ئاشكارىلىغان بولۇپ، ئۇلار «ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلغۇچى كوممۇنىست شى جىنپىڭنىڭ كەچلىك زىياپىتىگە 40 مىڭ دوللار تۆلەپ قاتناشقان ئەزىز مېھمانلار» دەپ تەنقىدلەنگەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، مەزكۇر شىركەت خوجايىنلىرىنىڭ ئىچىدە ئالما شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى تىم كۇك، بويىن شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ستانلېي دىئال، خانېيۋېلنىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى دارىئۇس ئادامژېك، Blackstone گۇرۇھىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ئىستېفېن شۋارزمان، مەستېر كارتىنىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى مەرىت يانوۋ، Bridgewater Associates نىڭ قۇرغۇچىسى راي دالىيو،ئامۋاينىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى مىلىند پانت قاتارلىقلار بار ئىكەن.
كەچلىك زىياپەتنى ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتى كومىتېتى بىلەن ئامېرىكا-خىتاي سودا كېڭىشى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، ئېغىر مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسى بار خىتاي رېجىمىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ سودا دۇنياسىغا سۆز قىلىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىلگەنىدى
ئاۋام پالاتاسى خىتاي ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت ئالاھىدە كومىتېتىنىڭ رەئىسى مايك گالاگېر، ئامېرىكا شىركەت مەسئۇللىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىۋاتقان بىر رېجىمنىڭ رەھبىرى بىلەن كەچلىك زىياپەتكە قاتنىشىشىنى ئەيىبلىگەن. ئۇ ئامېرىكا-خىتاي سودا كېڭىشى بىلەن ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتى كومىتېتىغا خەت يېزىپ: «ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ نەچچە مىڭلىغان دوللار تۆلەپ، شىنجاڭدىكى مىليونلىغان بىگۇناھ ئەر، ئايال ۋە بالىلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلغان خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئەمەلدارلىرى ساھىبخانلىق قىلغان كۈتۈۋېلىش زىياپىتىگە قاتنىشىشى ۋىجدانسىزلىق» دېگەن.
تېسلانىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ۋە X نىڭ خوجايىنى ئېلون ماسك ۋە Salesforce نىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى مارك بېنىيوفمۇ پائالىيەتكە قاتناشقان بولۇپ، CNBC نىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ماسك كەچلىك تاماققا قاتناشماي چىقىپ كەتكەن.
تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر