ئامېرىكا 16-نويابىر خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ ماددىي ئىسپاتلارنى باھالاش مەركىزىنى جازا تىزىملىكىدىن چىقارغان بولۇپ، بۇنىڭ بەدىلىگە خىتاي بىلەن زەھەرلىك چېكىملىككە قارشى تۇرۇش مەسىلىسىدە ھەمكارلاشماقچى بولغان.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بايدېن ھۆكۈمىتى خىتاي بىلەن سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، بىرىكمە زەھەرلىك چېكىملىك ۋە ئۇنىڭغا كېرەكلىك خىمىيەلىك ماددىلارنىڭ ئامېرىكىغا ئېقىشىنى توختىتىشنى مەقسەت قىلغان خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرۇشنى قارار قىلغان.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مەسيۇ مىلېر پەيشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا: «خىتاينىڭ ماددىي ئىسپاتلارنى باھالاش مەركىزىنىڭ قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن ئورۇنلىرى تىزىملىكىدە داۋاملىق ئورۇن ئېلىشى خىمىيەلىك ماددا ئەتكەسچىلىكىنى توختىتىش ھەمكارلىقىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ» دېگەن.
مىلېر مۇخبىرغا: «بىز بۇ مەسىلىگە باھا بەرگەندە، ماددىي ئىسپاتلارنى باھالاش مەركىزىنى تىزىملىكتىن چىقىرىۋېتىشنىڭ بارلىق پايدىسىنى نەزەردە تۇتتۇق. ئاخىرىدا خىتاينىڭ داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىك ھەرىكىتىنى ئازايتىش ئۈچۈن تەدبىر قوللىنىشنى خالايدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، خىتاينىڭ ماددىي ئىسپاتلارنى باھالاش مەركىزىنى جازا تىزىملىكىدىن چىقىرىۋېتىشنى قارار قىلدۇق» دېگەن.
ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىكى 2020-يىلى ئامېرىكىنىڭ تاشقى سىياسەت مەنپەئەتىگە خىلاپ پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللاندى ھەمدە ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلدى، دەپ قاراپ، خىتاي ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ ماددىي ئىسپاتلارنى باھالاش مەركىزىنى جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزگەنىدى.
كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قارارىنى ئامېرىكىنىڭ خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلغۇچىلارنى بىر تەرەپ قىلىش ئىرادىسىدىن گۇمانلاندۇرۇپ قويدى، دەپ تەنقىد قىلماقتا.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ