خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭقۇر قۇدۇق قازدى

خىتاي شەرقىي تۈركىستاننىڭ تەبىئىي بايلىقىنى ئۈزلۈكسىز بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، يېقىندىن بېرى بۇلاڭ-تالاڭنى تېخىمۇ كۈچەيتكەندىن سىرت، ھەرخىل تەجرىبە، سىناقلارنى كۆپەيتكەن. خىتاي بۇ قېتىم يەنە تارىم ئويمانلىقىدا چوڭقۇرلۇقى 9432 مېتىر كېلىدىغان نېفىت-تەبىئىي گاز قۇدۇقىنى بۇرغىلىغان.

شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ 16-نويابىر خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي نېفىت-خىمىيە سانائىتى گۇرۇھىنىڭ «شېندى 1 ـ نومۇر» يۆجىن 3-3XC قۇدۇقى رەسمىي ئوت يېقىپ سىناق قىلىنغان بولۇپ، تارىم ئويمانلىقى، سۇلۇق يەر تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى قىزىل سىزىقىنىڭ سىرتىغا جايلاشقان. خىتاي رېجىمى چوڭقۇرلۇقى 9432 مېتىر كېلىدىغان بۇ نېفىت-تەبىئىي گاز قۇدۇقىنىڭ ئاسىيا بويىچە ئەڭ چوڭقۇر قۇدۇق ئىكەنلىكىنى، يانتۇ چوڭقۇرلۇقى ۋە ئادەتتىن تاشقىرى چوڭقۇر قاتلامدا قۇدۇق بۇرغىلاش گورىزونتال يۆتكىلىشىدىن ئىبارەت ئىككى تۈرلۈك رېكورتنى يېڭىلىغانلىقى ھەققىدە ماختانغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، مەزكۇر قۇدۇقتىن كۈنىگە 200 توننا خام نېفىت، 50 مىڭ كۇب مېتىر تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقارغىلى بولىدىكەن.

خىتاي ئاخبارات ئورۇنلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تارىم ئويمانلىقىنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى چوڭقۇر قاتلىمىدا نېفىت ـ تەبىئىي گاز بايلىقى ئىنتايىن مول، چوڭقۇرلۇقى 6000 مېتىردىن 10 مىڭ مېتىرغىچە بولغان قاتلامدىكى نېفىت ۋە تەبىئىي گاز بايلىقى ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا ئۇنىڭ ئومۇمىي مىقدارىنىڭ %83.2 ۋە %63.9 ىنى ئىگىلەيدىكەن. يۆجىن 3-3XC قۇدۇقىدا ئادەتتىن تاشقىرى چوڭقۇر قاتلامدىكى نېفىت ـ تەبىئىي گاز بايلىقىنى نىشانلاپ، بۇ يىل 1-مايدىن بۇرغىلاش باشلانغان بولۇپ، جەمئىي توققۇز يەر قاتلىمى سىستېمىسىنى كېسىپ ئۆتۈپ، 400 مىليون يىل ئىلگىرىكى ئوردوۋىك سىستېمىسىدىكى يەر قاتلىمىغىچە بۇرغىلانغان.

خىتاي شەرقىي تۈركىستانغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندىن بېرى تەبىئىي بايلىقلارنى ئۈزلۈكسىز بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بېرى تالان-تاراجنى تېخىمۇ كۈچەيتمەكتە. ھالبۇكى، ھەقىقىي ئىگىلىرى بولغان شەرقىي تۈركىستان خەلقى بولسا نامراتلىق ئىچىدە ياشىماقتا.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 5270 قېتىم كۆرۈلدى
18/11/2023 09:47:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق