خىتاي ئىستىخبارات ئورگانلىرى ئاتالمىش «جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى»غا ئاساسەن تاشقى سودىغا ئارىلىشىشنى كۈچەيتكەن بولۇپ، بۇ خىتاي بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ سودا مۇناسىۋىتىنى يىرىكلەشتۈرگەن سەۋەبلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالغان.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقى 16-نويابىر ھۆججەت ئېلان قىلغان بولۇپ، ھۆججەتتە سۈنئىي ئىدراكنىڭ زور مىقداردا ئۆگىنىش ۋە مەشىقلەندۈرۈشكە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكى، نۆۋەتتە تور بىخەتەرلىكى ۋە باشقۇرۇشقا بۇزغۇنچىلىق قىلىشتا ھەمكارلاشقۇچىغا ئايلانغانلىقى، شۇڭا سۈنئىي ئىدراك خىتاي ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋە ھەربىي بىخەتەرلىكىگە تەھدىت ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان.
ھۆججەتتە يەنە خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنىڭ ھەر جەھەتتىن فۇنكسىيەسىنى كۈچەيتىپ، سۈنئىي ئىدراكنىڭ خەۋپى ۋە خىرىسىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، پۇختا دۆلەت بىخەتەرلىك مۇداپىئە توسۇقى بەرپا قىلىش كېرەكلىكى دەۋا قىلىنغان.
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىنىڭ مەزكۇر ھۆججىتىدە خىتاي رېجىمىنىڭ سانلىق مەلۇماتقا بولغان سەزگۈرلۈكى يەنە بىر قېتىم گەۋدىلەندۈرۈلگەن. خىتايدىكى بۇ خىل ئۆزگىرىشنى يېقىندا ئېلان قىلغان ئاتالمىش «جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى» ۋە «سانلىق مەلۇمات قانۇنى»نىڭ كېڭىيىشىدىن كۆرۈۋالغىلى بولىدىكەن. سانلىق مەلۇمات ئوبوروتى دۆلەت ھالقىغان سودىنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان بىر قىسمى ئىكەن. خىتاي ئىستىخبارات ئورگانلىرى ئاتالمىش «جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى»غا ئاساسەن چەت ئەللىك سودىگەرلەرنىڭ سودا پائالىيىتىگە ئارىلىشىپ، تېخىمۇ كۆپ چەت ئەللىك سودىگەرلەردە خىتاي بىلەن بولغان سودىسىنى داۋاملاشتۇرۇشقا نىسبەتەن ئىككىلىنىش پەيدا قىلىپ قويغان. شۇنىڭ بىلەن چەت ئەللىك سودىگەرلەر خىتاي ئىستىخبارات ئورگانلىرى قۇرغان قىلتاققا چۈشۈپ قېلىشتىن ئەنسىرەيدىغان بولۇپ قالغان.
ئەنگلىيە «پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى» يېقىندا ياۋروپا سودا ئۇيۇشمىسىنىڭ مەسئۇلىنى زىيارەت قىلغان. زىيارەت قىلىش ئارقىلىق، خىتاينىڭ تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن ئاتالمىش «جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش» ۋە «سانلىق مەلۇمات قانۇنى» چەت ئەل شىركەتلىرىنىڭ خىتايغا مەبلەغ سېلىشىنى قىيىنلاشتۇرۇشى مۇمكىنلىكىنى، خىتاي ئىجرا قىلىشقا باشلىغان بۇ قانۇننىڭ ياۋروپا بىلەن خىتاي سودا مۇناسىۋىتىنىڭ يىرىكلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى بايقىغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ