دوكلات: ئەنگلىيە ئۇنىۋېرسىتېتلىرى خىتاي ئارمىيەسىگە چېتىشلىق مەبلەغ قوبۇل قىلماقتا

ئەنگلىيە ئەقىل ئامبىرى Civitas ئېلان قىلغان يېڭى دوكلاتتا بايقىلىشىچە، ئەنگلىيە ئۇنىۋېرسىتېتلىرى خىتاي ئارمىيەسىگە بىۋاسىتە چېتىشلىق ئورگانلاردىن نۇرغۇن مەبلەغكە ئېرىشىپ كېلىۋاتقاندىن سىرت، يەنە خۇاۋېي شىركىتىنىڭمۇ مەبلىغىنى قوبۇل قىلغان.

ئەنگلىيە ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدىكى چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەڭ چوڭ مەنبەسى خىتاي بولۇپ، بۇ ئەھۋاللارغا سىياسىي نۇقتىدىن دىققەت قىلىۋاتقان يېڭى تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، ئەنگلىيە ئۇنىۋېرسىتېتلىرى قوبۇل قىلغان خىتاي مەبلىغىنىڭ كۆپىنچىسى خىتاينىڭ ھەربىي ۋە سانائەت ئورگانلىرىغا بىۋاسىتە چېتىشلىق ئىكەن. تەتقىقاتچىلار بۇ ئەھۋاللارنىڭ ئەنگلىيەنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە زىيانلىق ئىكەنلىكى، خىتاي ئوقۇغۇچىلار ۋە خىتاي مەبلىغىگە تايىنىشنى چوقۇم ئازايتىش كېرەكلىكى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بىر نەچچە كۈن بۇرۇن ئېلان قىلىنغان تەتقىقات دوكلاتىدا ئۆتكەن بەش يىل ئىچىدە ئەنگلىيەدىكى كۆپلىگەن ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ خىتاي ئارمىيەسىگە مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارنىڭ زور مىقداردا مەبلىغىگە ئېرىشكەنلىكى، ھەتتا ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى خىتاي تېخنىكا شىركىتى خۇاۋېينىڭ يەرلىك ئالاقە تورى قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشىنى چەكلىگەندىن كېيىنمۇ، ئەنگلىيە ئۇنىۋېرسىتېتلىرىنىڭ يەنىلا خۇاۋېينىڭ 14 مىليون فوندستېرلىڭ مەبلىغىگە ئېرىشكەنلىكى قەيت قىلىنغان.

ئەنگلىيە ئەقىل ئامبىرى Civitas ئەنگلىيەدىكى 88 ئۇنىۋېرسىتېتقا خىتاي مەبلىغىگە ئائىت ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەش ھەققىدە ئىلتىماس سۇنغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 46 ئىلتىماسقا جاۋاب قايتۇرۇلغان. مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتلار 2017-يىلىدىن باشلاپ ھازىرغىچە جەمئىي 122 مىليون فوندستېرلىڭدىن 156 مىليون فوندستېرلىڭغىچە مەبلەغكە ئېرىشكەنلىكىنى بايان قىلغان.

دوكلاتنىڭ ئاپتورى، Civitas ئەقىل ئامبىرىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە ۋە بىخەتەرلىك مۇدىرى روبېرت كىلارك بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ، خىتاي ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئەنگلىيە ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدىكى چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۆتتىن بىر قىسمىنى ئىگىلىگەنلىكىنى، ئەنگلىيە ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدىكى خىتاي ئارمىيەسىگە چېتىشلىق مەبلەغنىڭ نىسبىتىدىن چۆچۈگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2205 قېتىم كۆرۈلدى
17/11/2023 16:03:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق