ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تۈرى: ئامېرىكا-خىتاي ھەمكارلىقى ئۇيغۇرلارنى سېتىۋەتكەنلىك

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەشكىلاتى ئەمەلدارى بايدېننىڭ شى جىنپىڭ بىلەن تۈزگەن ھەمكارلىق كېلىشىمىنىڭ نۆۋەتتە خىتاي تەرىپىدىن قاتتىق باستۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنى سېتىۋەتكەنلىك بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئەنگلىيە كۈندىلىك پوچتا گېزىتىنىڭ 15-نويابىر خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى خەلقئارا تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى لۇئىسا گىرېۋ مۇخبىرغا: «بايدېننىڭ شى جىنپىڭ بىلەن تۈزگەن كېلىشىمى ئامېرىكىغا ھېچقانداق مەنپەئەت ئېلىپ كەلمىگەننىڭ ئۈستىگە، خىتاي تەرىپىدىن قاتتىق باستۇرۇلغان مىللەتلەرنى تېخىمۇ ئازابلايدۇ» دېگەن.

لۇئىسا گىرېۋ مۇخبىرغا بايدېننىڭ سان-فىرانسىسكودا ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق مۇنبىرىدە (APEC) شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ، ئالاقىدار ئېمبارگو ۋە خىتاي ئىشلەپچىقارغان خىمىيەلىك ماددىلار توغرىسىدىكى سودا مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ئەگەر ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلمىشىغا قارشى زەربە بېرىش مەسىلىسىدە خىتايغا يول قويىدىكەن، ئۆزىنىڭ غايىسىنى ساتقانلىق بولىدۇ. شۇنداقلا ھېچنېمىگە ئېرىشەلمىگەننىڭ ئۈستىگە، تولىمۇ نومۇسسىزلىق قىلغان بولىدۇ» دېگەن.

نۆۋەتتە ئامېرىكىدا ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بايدېن-شى جىنپىڭ ئۇچرىشىشىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ كۈچلۈك تىلغا ئېلىنمىغانلىقى، ھەتتا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى قانۇنى يولغا قويۇلغان ۋە نۇرغۇن خىتاي ماللىرى تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈلمىگەن ئامېرىكىدا شى جىنپىڭنىڭ يۈزىگە بۇ جىنايەتلىرى ئېيتىلمىغانلىقى، بۇنى ئاز دەپ ئامېرىكىنىڭ ئەڭ داڭلىق يۈزلىگەن شىركەت خوجايىنلىرىغا ھەشەمەتلىك داستىخان سېلىپ، شى جىنپىڭنىڭ ئالدىغا يىغىپ بېرىپ، شى جىنپىڭنىڭ ۋەز ئېيتىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بەرگەنلىكى قاتارلىق مەسىلىلەرنى تىلغا ئېلىپ قاتتىق نارازىلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2499 قېتىم كۆرۈلدى
17/11/2023 15:58:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق