بېرما ھەربىي ھۆكۈمىتى قوزغىلاڭچىلارنىڭ قاتتىق ھۇجۇمىغا دۇچ كەلدى

بېرما ھەربىي ھۆكۈمىتى قوزغىلاڭچىلارنىڭ قاتتىق ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان بولۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى توقۇنۇشنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا.

تەيۋەن خەلقئارا رادىيوسى 16-نويابىر رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىنى نەقىل ئېلىپ خەۋەر قىلىشىچە، بېرما ھەربىي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر ئەمەلدارى ھۆكۈمەتنىڭ قوزغىلاڭچىلارنىڭ شىددەتلىك ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنى، ھەربىي ھۆكۈمەت قول ئاستىدىكى ئەمەلدارلىرىغا جىددىي ئەھۋالغا تەييارلىق قىلىشنى ئېيتقانلىقىنى ئاشكارىلىغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بەزى تاراتقۇلار بېرما ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي تەجرىبىسى بار كىشىلەرنى ئەسكەرلىككە ئېلىشقا تەييارلىق قىلىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلغان.

بېرما ھەربىي ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى زاۋ مىن تۇننىڭ (Zaw Min Tun) ئېيتىشىچە، ھەربىي ھۆكۈمەت نۇرغۇن قوراللىق قوزغىلاڭچى ئەسكەرلەرنىڭ شىددەتلىك ھۇجۇمىغا دۇچ كەلگەن. ئۇ 15-نويابىر كەچتە يەنە، جىددىي تەدبىر قوللىنىپ، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بومبا ھۇجۇمىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، دېموكراتىيەنى قوللايدىغان سىياسىيونلاردىن تەركىب تاپقان قوزغىلاڭچىلار ھەربىي ھۆكۈمەتكە قارشى بىر قىسىم قوزغىلاڭچى گۇرۇپپىلار بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، «نايپىتاۋغا تۇتىشىدىغان يول» ناملىق ھەرىكەتنى قوزغىغان بولۇپ، پايتەختنى كونترول قىلىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى ئېيتقان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1863 قېتىم كۆرۈلدى
17/11/2023 15:52:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق