قورغاس شەھىرىدە يەر تەۋرىدى

خىتاي يەر تەۋرەشتىن ئالدىن مەلۇمات بېرىش ئىدارىسىنىڭ ئۇچۇرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 15-نويابىر ئۈرۈمچى ۋاقتى كەچ سائەت 10:17 دە شەرقىي تۈركىستاننىڭ قورغاس شەھىرى تەۋەلىكىدە (شىمالىي كەڭلىك 44.71 گىرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 80.49 گىرادۇس) 4.0 بال يەر تەۋرىگەن بولۇپ، تەۋرەش چوڭقۇرلۇقىنىڭ 19 كىلومېتىر ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان.

خەۋەردە ئاپەت جەريانىدىكى ئۆلۈش، يارىلىنىش ۋە ئىقتىسادىي زىيان ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلمىگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 5185 قېتىم كۆرۈلدى
16/11/2023 15:07:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق