بايدېن: شى جىنپىڭ بىلەن بولغان سۆھبەتتە مۇھىم ئىلگىرىلەش بولدى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېن 15-نويابىر سان-فىرانسىسكودا خىتاي رېجىمى رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، شى جىنپىڭ بىلەن بولغان كۆرۈشۈشنىڭ ئىجابىي ۋە مول مەزمۇنلۇق بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، بايدېن 15-نويابىردىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۆھبەتنى «ئەڭ ئىجابىي ۋە مول نەتىجىگە ئىگە سۆھبەت» دەپ قارايدىغانلىقىنى ئېيتقان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، شى جىنپىڭ بىلەن بايدېننىڭ سۆھبىتى ئۈچ جەھەتتە نەتىجىگە ئېرىشكەن. ئۇنىڭ بىرى، ئىككى تەرەپ زەھەرلىك چېكىملىككە قارشى تۇرۇش ھەمكارلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. بۇنىڭ بىلەن خىمىيەلىك دورا ۋە دورا بېسىلغان ماشىنىلارنىڭ خىتايدىن غەربىي يېرىم شارغا ئېقىشى كۆرۈنەرلىك ئازىيىدىكەن.

ئىككىنچى نەتىجە بولسا، ئىككى تەرەپ ئىككى ئارمىيە ئوتتۇرىسىدىكى بىۋاسىتە ئالاقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە قوشۇلغان. بۇنىڭ بىلەن ئىككى تەرەپ بىۋاسىتە، ئوچۇق-ئاشكارا ئالاقە قىلىشقا كېلىشكەن.

ئۈچىنچى نەتىجە، ئامېرىكا ۋە خىتاي مۇتەخەسسىسلىرى بىر يەرگە جەم بولۇپ، سۈنئىي ئىدراكقا مۇناسىۋەتلىك نېمىنىڭ پايدىلىق، نېمىنىڭ پايدىسىز، نېمىنىڭ خەتەرلىك مەسىلە ئىكەنلىكىنى مۇزاكىرە قىلىدىكەن ۋە مۇزاكىرە نەتىجىسىدە توغرا يۆنىلىشتىكى ئەمەلىي قەدەملەرنى بەلگىلەيدىكەن.

بايدېن مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىپ: «يېقىندىن بېرى ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ ھەربىي ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالدى. بۇ كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ. بۇ ھادىسىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ئۇقۇشماسلىق» دېگەن.

ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، بىر مۇخبىر بايدېندىن شى جىنپىڭنى يەنە مۇستەبىت دەپ قارايدىغان-قارىمايدىغانلىقىنى سورىغاندا، ئۇ: «شۇنداق، مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا ئۇ بىر مۇستەبىت» دېگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1896 قېتىم كۆرۈلدى
16/11/2023 14:36:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق