شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى يىغىنىدا جەنۇبىي دېڭىز قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى

شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى يىغىنى ئېچىلغان بولۇپ، جەنۇبىي دېڭىز تالاش-تارتىشى قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ يىللىق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى يىغىنى 15-نويابىر جاكارتادا ئېچىلغان. يىغىنغا ئامېرىكا، كورىيە، ھىندىستان ۋە باشقا شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى قاتناشقان بولۇپ، جەنۇبىي دېڭىزدىكى تالاش-تارتىشلاردىن كېلىپ چىققان جىددىيچىلىك بۇ يىغىننىڭ مۇھىم نۇقتىسىغا ئايلانغان.

يىغىندىن كېيىن، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلغان بولۇپ، باياناتتا جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىنىڭ تىنچلىقىنى قوغداشنىڭ لازىملىقىنى تەكىتلەپ، ھەر قايسى تەرەپلەرنى ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشقا ۋە رايوندىكى تالاش-تارتىشنى كېڭەيتىپ ۋە مۇرەككەپلەشتۈرۈپ، تىنچلىق ۋە مۇقىملىققا تەسىر يەتكۈزمەسلىككە چاقىرغان. باياناتتا يەنە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا «جەنۇبىي دېڭىز ھەرىكەت مىزانى» بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش قايتا تەكىتلەنگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي يېقىنقى ئايلاردا جەنۇبىي دېڭىزدا فىلىپپىن تەرەپكە سۇ زەمبىرەكلىرىنى ئېتىش ۋە پاراخوتىنى فىلىپپىن پاراخوتىغا سوقۇشتۇرۇش قاتارلىق نۇرغۇن ھادىسىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. خىتاينىڭ كۈنسېرى غالجىرلىشىۋاتقان ھەرىكەتلىرى سەۋەبلىك ئامېرىكا ۋە ياپونىيە فىلىپپىن بىلەن بولغان ھەربىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1722 قېتىم كۆرۈلدى
16/11/2023 13:36:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق