خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئەركىن سودا رايونى لايىھەسى گۇمان قوزغىماقتا

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاننى «ئەركىن سودا رايونى» قىلىپ قۇرۇش لايىھەسى گۇمان قوزغىغان بولۇپ، ئەمەلىيەتتە بۇ سودا مەركەزلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرىنىڭ 2.0 نۇسخىسى بولۇپ قېلىشى مۇمكىنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

تەيۋەن خەلقئارا رادىيوسىنىڭ 15-نويابىر خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يېقىندا ئاتالمىش «شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ ئومۇمىي لايىھەسى»نى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ پىلان ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاننى ئوتتۇرا ۋە غەربىي رايونلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئۈلگىگە ئايلاندۇرۇپ، يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشى ئاتالمىش «بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسىنى كۈچەيتىدىغانلىقى دەۋا قىلىنغان.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، ئاتالمىش «شىنجاڭ ئەركىن سودا تەجرىبە رايونى» شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرىنىڭ يەنە بىر نۇسخىسى بولۇپ، خىتاي بۇ مەسىلىدە ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچلىرىنى تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك باستۇرۇپلا قالماستىن، يەنە ئۇيغۇرلار بىلەن خىتاينى توي قىلىشقا مەجبۇرلاش ئارقىلىق، مىللىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى پىلانلىغان.

ئەمەلىيەتتە، خىتاي 2015-يىلىلا شەرقىي تۈركىستاندا ئەركىن سودا رايونى قۇرۇشقا ئۇرۇنغان بولۇپ، بۇ قېتىم خىتاي مەسلىھەت كېڭىشى ئومۇمىي لايىھەسىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، غەربىي شىمالىدىكى تۇنجى ئەركىن سودا رايونىغا ئايلانغان. پۈتكۈل ئەركىن سودا رايونى ئۈرۈمچى، قورغاس، قەشقەر قاتارلىق ئۈچ قىسىمغا بۆلۈپ قۇرۇلغان بولۇپ، سودا رايونىنىڭ كۆلىمى 180 كىۋادرات كىلومېتىرغا ئىكەن.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ پىلانىدىكى ئىقتىساد ۋە سودا مەقسىتى ئەمەلىيەتتە سىياسىي پىلان بولۇپ، ئاتالمىش «شىنجاڭ ئەركىن سودا رايونى» قايتا تەربىيەلەش لاگېرىنىڭ يەنە بىر نۇسخىسىغا ئايلىنىشى مۇمكىن ئىكەن. ئۇزۇندىن بۇيان ئوتتۇرا ئاسىيانى تەتقىق قىلغان تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە ۋە بىخەتەرلىك تەتقىقات ئورنىنىڭ كاندىدات تەتقىقاتچىسى شى جيەنيۈ ئاتالمىش «شىنجاڭ ئەركىن سودا رايونى»نىڭ كۆلىمىنىڭ بىنورمال ئىكەنلىكىنى، خىتاي رېجىمىنىڭ ئىلگىرى جازا لاگېرىغا سولىغان ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنى بىۋاسىتە بۇ يەرگە ئورۇنلاشتۇرماقچى بولغانلىقىنى، خىتاي بۇ ئارقىلىق پۈتكۈل «ئەركىن سودا رايونى»نى جازا لاگېرىنىڭ يەنە بىر نۇسخىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، چوڭ تۈرمىگە ئايلاندۇرماقچى بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 4174 قېتىم كۆرۈلدى
16/11/2023 12:18:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق