تايلاند خىتاي ساقچىلىرىنىڭ تايلاندتىكى چارلاش پىلانىنى بىكار قىلدى

تايلاند ھۆكۈمىتى ئاممىنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىغا دۇچ كەلگەنلىكى سەۋەبلىك، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ تايلاند زېمىنىدا چارلاش ئىشلىرىغا قاتنىشىشىغا رۇخسەت قىلىش پىلانىنى بىكار قىلدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خەلقنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىغا ئۇچرىغان تايلاند ھۆكۈمىتى 14-نويابىر داڭلىق ساياھەت نۇقتىلىرىدا تايلاند ساقچىلىرى بىلەن خىتاي ساقچىلىرىنىڭ بىرلىكتە چارلاش پىلانىنى بىكار قىلغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي ساياھەتچىلىرى ئارىسىدا ئىشەنچ تۇرغۇزۇش ئۈچۈن، خىتاي بىلەن تايلاند ساقچىلىرى بىر قىسىم ساياھەت نۇقتىلىرىدا بىرلىكتە چارلاش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويغانىكەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بۇ پىلان ئاۋامنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغىغان بولۇپ، نۇرغۇنلىغان كىشىلەر تور دۇنياسىدا بۇ ھەرىكەت پىلانىنى «تايلاندنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىق» دەپ تەنقىد قىلغان. تايلاند دۆلەتلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى تورساك سۇكۋىمونمۇ  بۇ پىلاننى ئەيىبلىگەن.

ئۇندىن باشقا تايلاندنىڭ ساياھەت ۋە تەنتەربىيە مىنىستىرى سۇداۋان ۋاڭسۇفاكىجكوسول

 سەيشەنبە كۈنى تاراتقۇلارغا ساياھەتچىلەرنىڭ ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇشنىڭ نۇرغۇن ئۇسۇللىرىنىڭ بارلىقىنى، ئەمما بىرلەشمە چارلاش مەسىلىسىگە يول قويغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ يەنە تايلاندتا يېتەرلىك ساقچى خادىملىرى بارلىقىنى، ساياھەتچىلەرنىڭ ئىشەنچىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، 3-ئۆكتەبىر تايلاندنىڭ ھەشەمەتلىك سودا سارىيى سىئام پاراگوندا قوراللىق تونۇش ۋەقەسى يۈز بەرگەن. ۋەقەدە بىر خىتاي ئايالنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۈچ كىشى ئۆلۈپ، بىر نەچچە كىشى يارىلانغان. بۇ ۋەقە ساياھەتچىلەر ئارىسىدا بىخەتەرلىك ئەندىشىسىنى قوزغىغان. تايلاند دائىرىلىرى جىددىي تەدبىر قوللىنىپ بىخەتەرلىكنى كۈچەيتكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1731 قېتىم كۆرۈلدى
15/11/2023 15:04:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق