خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ قىممەتلىك تارىخىي بۇيۇملىرىنى يىغىۋېلىشقا ئۇرۇنماقتا

خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتىگە ئالاقىدار بارلىق نەرسىلەرنى چەكلەپ يوقىتىش بىلەنلا توختاپ قالماي، قىممەتلىك تارىخىي بۇيۇملارنى يىغىپ يوقىتىشقا ئۇرۇنماقتا.

13-نويابىر لاگېر شاھىتى زۇمرەت داۋۇت خانىم فېيسبۇكتا ھەمبەھرىلىگەن بىر سىندا خىتاينىڭ تارىخىي پۇللارنى سېتىۋېلىش ئېلانى كۆرسىتىلگەن. ئېلاندا 10 تۈرلۈك تەڭگە پۇلنى ئەڭ قىممەت بولغاندا ئىككى مىليوندىن بىر مىليونغىچە قىممەتتە سېتىۋالىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن بولۇپ، بۇ تەڭگىلەر ئىچىدە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ تارىخىي ئىسپاتلىرىدىن بىرى بولغان تەڭگىلەرمۇ بار ئىكەن. ئۇنىڭ بىرى 1933-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى تاراتقان تەڭگە پۇل بولۇپ، بۇ تەڭگىنىڭ بىر يۈزىگە «جمهورىيت اسلامي شرقي توركستان، (١) مسكوك ١٣٥٢ سنة» (شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى، ھىجرىيە 1352- يىلى 1-باسمىسى) دەپ بېسىلغان. بۇ تەڭگىنىڭ يەنە بىر يۈزىگە: «ضرب كاشغر» (قەشقەردە بېسىلدى) دەپ يېزىلغان.

خىتاي يىللاردىن بېرى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى جازا لاگېرى ۋە تۈرمىلەرگە سولاپ، ئىسلام ئەقىدىسى، مەدەنىيىتىگە ئالاقىدار بولغان بارلىق كىتابلارنى چەكلىدى ۋە بۇ جەرياندا نۇرغۇنلىغان ئۆلىما-دەۋەتچىلەرنى، ئاكادېمىكلارنى، پىداكارلارنى ئۆلتۈرۈپ زىيانكەشلىك قىلدى. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەنىۋى بايلىقىنى ۋەيران قىلىۋاتقان خىتاي ئەمدىلىكتە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇستەقىل دۆلىتى بولغانلىقىدىن ئىبارەت ماددىي ئىسپاتلىرى بولغان تەڭگىلەرنى قىممەت باھادا يىغىۋېلىپ، يوقىتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلماقتا. 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 3823 قېتىم كۆرۈلدى
15/11/2023 11:55:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق