خىتاي شەرقىي تۈركىستان-پاكىستان چېگراسىنى تاقىدى

خىتاي بىلەن پاكىستان دائىرىلىرى چېگرا ئېغىزلىرىنىڭ يىل بويى ئوچۇق قالىدىغانلىقى ھەققىدە كېلىشىم ھاسىل قىلغان بولسىمۇ، خىتاي رېجىمى پاكىستان بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ قونجىراپ چېگرا ئېغىزىنى تۆت ئايلىق تاقىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

پاكىستاننىڭ «سەھەر گېزىتى»دىكى ئالاقىدار خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، پاكىستاننىڭ گىلگىت-بالتىستان رايونى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننى تۇتاشتۇرىدىغان بىردىنبىر قۇرۇقلۇقتىن ئۆتۈش نۇقتىسى بولغان قونجىراپ چېگرا ئېغىزى خىتاينىڭ قارارى بىلەن قىش پەسلىدە تۆت ئاي تاقىلىدىكەن.

پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى چېگرا ئېغىزىنىڭ تاقىلىشى توغرىسىدا تېخى بايانات ئېلان قىلمىغان بولۇپ، ئالدىنقى ئايدا خىتاي رېجىمى رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن پاكىستان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىستىرى ئەنۋارۇلھەق كاكارنىڭ بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىشىدا، قونجىراپ چېگرا ئېغىزىنىڭ يىل بويى ئوچۇق تۇرىدىغانلىقى قارار قىلىنغانىدى.

نۆۋەتتە خىتاينىڭ بىر تەرەپلىمە ھالدا تۇيۇقسىز بۇ قارارنى چىقىرىشى دىققەت قوزغىماقتا.

قاراقۇرۇم ئېغىزىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى دەپ قارالغان قونجىراپ 4714 مېتىر ئېگىزلىكى بىلەن دۇنيادىكى ئەڭ ئېگىز چېگرا ئېغىزى ھېسابلىنىدۇ.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 1811 قېتىم كۆرۈلدى
14/11/2023 13:49:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق