قەشقەر سوت مەھكىمىسىنىڭ ئەمەلدارى رايوندىكى ئادالەتسىزلىكنى ئاشكارىلىدى

قەشقەر ۋىلايىتى ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسىنىڭ سابىق ئىجرائىيە ئەمەلدارى رايوندىكى ئادالەتسىزلىكتىن شىكايەت قىلغان بولۇپ، خىتاي تاراتقۇلىرى بۇ ھەقتە خەۋەر ئىشلەشتىن ئۆزىنى قاچۇرغان.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ 13-نويابىر خەۋەر قىلىشىچە، ئۈندىدار قاتارلىق ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان ئۇچۇردا ئاشكارىلىنىشىچە، جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقان مەھبۇس، قەشقەر ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسىنىڭ سابىق ئىجرائىيە ئەمەلدارى ۋاڭ ۋېي ئالدىنقى ئاينىڭ ئاخىرىدا قەشقەر رايونلۇق نازارەتچىلىك كومىتېتىغا مەكتۇپ يازغان بولۇپ، مەكتۇپتا ئەدلىيە تارماقلىرىدىن ئۇنىڭغا پارىخورلۇق جىنايىتى بېكىتكەن 26 ئەمەلدارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتە قىلىش ۋە مۇناسىپ قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتىشنى تەلەپ قىلغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ۋاڭ ۋېي يېقىندا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئەدلىيە تارماقلىرى تەرىپىدىن 11 يىل ئالتە ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ۋە باشقىلارنىڭ جەمئىي 5 مىليون 300 مىڭ يۈەن مال-مۈلكىنى قوبۇل قىلغانلىقى ۋە پارىخورلۇق قىلغانلىقى ۋە قانۇنسىز ئوق-دورا ساقلىغانلىقى ئۈچۈن 800 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇلغان.

ۋاڭ ۋېي خېتىدە شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي رېجىمى ئۈستىدىن شىكايەت قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئىلگىرى تەن جازاسى، قىيىن-قىستاققا ئېلىش، ئايالى ۋە بالىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىش، ھەتتا مەجبۇرىي زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈزۈش ۋاسىتىسى ئارقىلىق جىنايىتىنى ئىقرار قىلىشقا مەجبۇرلانغانلىقى ھەققىدە شىكايەت قىلغان. گەرچە بۇ دېلو توردىكى ئىجتىمائىي سۇپىلاردا زور تەسىر پەيدا قىلغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي تاراتقۇلىرى ھېچقانداق خەۋەر قىلىنمىغان.

كۆزەتكۈچىلەر بۇ دېلودىن خىتاي كومپارتىيەسى ئىچىدىكى ئەمەلدارلارنىڭمۇ ئاساسىي جەھەتتىن بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنىڭ يوقلىقىنى تولۇق ئىسپاتلاپ بېرىدىغانلىقىنى، قانۇن بىلەن باشقۇرۇلمىغان يەردە ھېچكىمدە بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بولمايدىغانلىقىنى، بۇ دېلونىڭ خىتايدىكى مىڭلىغان ئادالەتسىز دېلولارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى، رايوندىكى تېخىمۇ ناھەق ئەھۋاللار سىرتقى دۇنياغا نامەلۇم بولغانلىقى سەۋەبلىك ھېچكىم ئۇلارغا دىققەت قىلمىغانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلارغا قىلىنغان ئادالەتسىزلىكلەر بۇنىڭ مىسالى ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ خىتاي ئەمەلدارلىرىغا شۇنداق مۇئامىلە قىلغان يەردە خىتاي سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن سىياسىي مەھبۇسلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىشنىڭ قىيىن ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 3559 قېتىم كۆرۈلدى
14/11/2023 13:45:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق