ئەرەب ئەللىرى غەززە رايونىغا قارىتىلغان قورشاۋنى بۇزۇپ تاشلاشنى تەلەپ قىلدى

ئەرەب دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىغا قارىتىلغان قورشاۋنى بۇزۇپ تاشلاشنى تەلەپ قىلدى.

ئەلجەزىرە تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەرەب-ئىسلام دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ ئالاھىدە باشلىقلار بىرلەشمە يىغىنى 11-نويابىر سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ پايتەختى رىيادتا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، يىغىندا ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىغا قارىتىلغان قورشاۋنى بۇزۇپ تاشلاپ، دەرھال يېقىلغۇنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىنسانپەرۋەرلىك قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشيالىرىنى توشۇش تەلەپ قىلىنغان.

يىغىنغا قاتناشقان ھەرقايسى تەرەپلەر شۇ كۈنى يىغىندىن كېيىن بايانات ئېلان قىلىپ، خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت كوللېگىيەسىنى ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى تەكشۈرۈشكە مۇراجىئەت قىلىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىنلىكلەرنى كۆچۈشكە زورلاش غەرىزىنى ئەيىبلەپ، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ چەكلەش كۈچىگە ئىگە قارار ماقۇللاپ، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىغا ھۇجۇم قىلىشىنى توسۇشنى تەلەپ قىلغان.
باياناتتا يەنە خىمىيەلىك قورال-ياراغلارنى چەكلەش تەشكىلاتىنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە چەكلەنگەن قوراللارنى ئىشلىتىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشى مۇراجىئەت قىلىنغان ھەمدە بارلىق دۆلەتلەردىن ئىسرائىلىيەگە قورال-ياراغ، ئوق-دورا ئېكسپورت قىلىشنى توختىتىش تەلەپ قىلىنغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، سەئۇدى ئەرەبىستان، پەلەستىن، سۇرىيە، قاتار، مىسىر، تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلىرى شۇ كۈندىكى ئالاھىدە باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشقان. ئىران پىرېزىدېنتى رەئىسىيمۇ يىغىنغا قاتناشقان بولۇپ، بۇ 2012-يىلىدىن بۇيان ئىران پىرېزىدېنتىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاندا تۇنجى قېتىم زىيارەتتە بولۇشى ئىكەن. نۆۋەتتە ئىسرائىلىيە نە غەرب ئەللىرىنىڭ غەززەگە قاراتقان قامالنى بىكار قىلىش تەلىپىگە، نە ئىسلام ئەللىرىنىڭ تەلىپىگە پىسەنت قىلمىغان بولۇپ، غەززەنى توختىماي بومباردىمان قىلماقتا.

بىلدۈرۈلۈشىچە، 7-ئۆكتەبىردىن 14-نويابىرغىچە ئىسرائىلىيە ھۇجۇمىدا غەززە رايونى خارابىيلىققا ئايلانغان بولۇپ، 11 مىڭدىن ئارتۇق پەلەستىنلىك ئۆلتۈرۈلگەن. ئۇلارنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمى ئايال ۋە بالىلار ئىكەن.

نۆۋەتتە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا بۇ ئېغىر قەتلىئامغا قارشى تۈرلۈك نارازىلىق چاقىرىقلىرى ۋە نامايىشلار داۋام قىلماقتا.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1502 قېتىم كۆرۈلدى
14/11/2023 13:38:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق