نېپال ھۆكۈمىتى خىتاي ئەپ دېتالى تىك توكنى چەكلىدى

نېپال ھۆكۈمىتى تىك توكنى چەكلىگەن بولۇپ، بۇ ئەپنىڭ ئىجتىمائىي ئىناقلىق ۋە ئەخلاقنى بۇزىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، نېپال ھۆكۈمىتى 13-نويابىر خىتاينىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە دېتالى تىك توكنى چەكلەشنى قارار قىلغان بولۇپ، بۇنىڭ سەۋەبنىڭ دۆلەتنىڭ ئىجتىمائىي ئىناقلىقى ۋە ئەخلاقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ قارار كابىنېت يىغىنىدىن كېيىن ئېلان قىلىنغان بولۇپ، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى نارايان پىراكاش سەئۇد  بۇ دېتالنىڭ دەرھال چەكلىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

نېپال تاشقى ئىشلار مىنىستىرى نارايان پراكاش سەئۇد: «ھۆكۈمەت تىك توكنى چەكلەشنى قارار قىلدى، چۈنكى بۇ ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىنىڭ ئىشلىتىلىشىنى تەڭشەش كېرەك. بۇ دېتال ئىجتىمائىي ئىناقلىق ۋە ئەخلاققا يات بولغان مەزمۇنلارنى تارقىتىدۇ» دېگەن.

ئۇ يەنە: «ھەر خىل ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش ئۈچۈن، ھۆكۈمەت بۇ شىركەتلەرنىڭ نېپالدىكى ئالاقىلىشىش ئىشخانىلىرىنى تىزىملاش ۋە ئېچىشنى، باج تاپشۇرۇشنى ۋە دۆلەتنىڭ قانۇن-نىزاملىرىغا بويسۇنۇشنى تەلەپ قىلدى» دېگەن.

تىك توك خىتاينىڭ قىسقا سىن ھەمبەھرىلەش سۇپىسى دوۋيىننىڭ چەت ئەلدىكى نۇسخىسى بولۇپ، ئۇنىڭ باش شىركىتى بولسا ByteDance.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ مەزكۇر ئەپ دېتالى كۆپلىگەن دۆلەتلەردە تەكشۈرۈلۈپ، ئارقا-ئارقىدىن چەكلىمىگە ئۇچراۋاتقان بولۇپ، خىتاي رېجىمىنىڭ بۇ دېتال ئارقىلىق ئابۇنىتلارنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنى توپلاپ، خىتاينىڭ مەنپەئەتىگە ئىشلىتىشىدىن ئەنسىرەيدىكەن. ئىلگىرى ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە يېڭى زېلاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بۇ ئەپنى ھۆكۈمەت تېلېفونىدا ئىشلىتىشنى چەكلىگەنىدى. ئۇندىن باشقا پاكىستان ۋە ھىندىستانمۇ تىك توكنى دۆلەت تەۋەلىكىدە پۈتۈنلەي چەكلىگەنىدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1481 قېتىم كۆرۈلدى
14/11/2023 13:27:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق