ئىسرائىلىيە خىتاي ئۇيغۇرلارنى نازارەت قىلغان كامېرالار بىلەن پەلەستىنلىكلەرنى نازارەت قىلغان

ئىسرائىلىيەنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى نازارەت قىلىش ئۈچۈن ئىشلەتكەن خەيكاڭ شىركىتىنىڭ كامېرالىرى بىلەن پەلەستىنلىكلەرنى نازارەت قىلغانلىقى ئاشكارىلاندى.

ئەنگلىيە ئاخبارات ئورگىنى «مۇستەقىل تورى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىسرائىلىيە ئىشغال قىلىۋالغان ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى ۋە شەرقىي قۇددۇسقا ئورنىتىلغان كامېرا سىستېمىسىنىڭ خىتاي خەيكاڭ شىركىتى تەرىپىدىن ئىشلەپچىقىرىلغانلىقى، مەزكۇر كامېرالارنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش مەقسىتىدە ئىشلەتكەن تېخنىكىغا ئىگە ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

قۇددۇسنىڭ سىلۋان رايونىدا ياشايدىغان كىشىلەرنىڭ سۆزىگە ئاساسلانغاندا، ئىسرائىلىيە ساقچىلىرى ئورناتقان كامېرالار بارلىق كوچىلارنى قاپلىغان، ھەتتا بۇ كامېرالار بىلەن بەزى ئۆيلەرنىڭ ئىچىنى كۆرەلەيدىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر تارقالغانلىقى سەۋەبلىك خەلق ئۆيلىرىدە كىيىم سېلىشقا جۈرئەت قىلالمايدىغان ئەھۋال كۆرۈلگەن.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ «ئاپتوماتلاشقان ئىرقىي ئايرىمچىلىق» ناملىق دوكلاتىدا ئاشكارىلىشىچە، قۇددۇسنىڭ ئاساسلىق كىرىش ئېغىزى ۋە پەلەستىنلىكلەرنىڭ بىردىنبىر يىغىلىش نۇقتىسى دەپ قارالغان دەمەشق دەرۋازىسى بۇ شەھەردىكى قاتتىق نازارەت قىلىنىدىغان نۇقتىلارنىڭ بىرى ئىكەن. خەۋەرگە قارىغاندا، ئىسرائىلىيە ساقچىلىرى بۇ يەردىن ئۆتكەن ھەر بىر پەلەستىنلىكنى قاتتىق تەكشۈرۈش ئارقىلىق قارار چىقىرىدىكەن. بۇ كۆزىتىش سىستېمىسىنىڭ ئىشلەپچىقارغۇچىسى خىتاينىڭ خەيكاڭ شىركىتى ئىكەن.

دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ كامېرا سىستېمىسى ئىشلەپچىقارغۇچى بولغان خەيكاڭ شىركىتى ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيە تەرىپىدىن قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرى ئۆز دۆلىتىنىڭ بىخەتەرلىكى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈش ھەرىكىتى ئۈچۈن خىتاي رېجىمىنى ئۈسكۈنىلەر بىلەن تەمىنلىگەنلىكى بولغانىدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1301 قېتىم كۆرۈلدى
14/11/2023 13:18:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق