شەرقىي تۈركىستاندىكى يەنە بىر تاشيول خىتايغا تۇتاشتۇرۇلدى

خىتاي رېجىمى شەرقىي تۈركىستاننىڭ خوتەندىن خىتاينىڭ شىنىڭغا يەنە بىر يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنى تۇتاشتۇردى.

خىتاي خەلق تورىنىڭ 13-نويابىر خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا خىتاينىڭ چىڭخەي ئۆلكىسىنىڭ خۇاڭگۇالياڭ-ماڭيا يولىدا رەسمىي قاتناش باشلانغان بولۇپ، بۇ شەرقىي تۈركىستاننىڭ خوتەن ۋىلايىتىدىن خىتاينىڭ چىڭخەي شىنىڭغا بارىدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ئۈزۈك نۇقتىسىنىڭ رەسمىي ئېچىلىپ، خوتەندىن-چىڭخەي شىنىڭغا بارىدىغان پۈتۈن مۇساپىلىك يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا قاتناش باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، شىنىڭ-خوتەن يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى چىڭخەي ئۆلكىسىنىڭ شىنىڭ شەھىرى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ خوتەن ۋىلايىتىنى تۇتاشتۇرىدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان بۆلىكى يېتىمبۇلاق چاقىلىققىچە، چاقىلىقتىن نىيە ناھىيەسىگىچە، نىيەدىن لوپ ناھىيەسىگىچە بولغان بۆلەكتىن تەركىب تاپىدىكەن. 2022-يىلى 8-ئايدا يېتىمبۇلاق چاقىلىققىچە بولغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا قاتناش باشلانغانلىقى ئاتالمىش «غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش» يۇقىرى سۈرئەتلىك بۆلىكىدە رەسمىي قاتناش باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.

خىتاي رېجىمى شەرقىي تۈركىستانغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندىن بۇيان ئىزچىل تۈردە ھەرخىل ۋاسىتىلەر بىلەن شەرقىي تۈركىستاننى خىتايلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ كەلگەن بولۇپ، بولۇپمۇ يېقىنقى يىللاردا خىتايغا قارشىلىق كۆرسىتەلەيدىغانلارنى ھەر خىل تۆھمەتلەر بىلەن جازا لاگېرى ياكى تۈرمىلەرگە قامىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا شەرقىي تۈركىستاندا تۆمۈريول، تاشيول قۇرۇلۇشنى تېزلىتىش ئارقىلىق، خىتاي ئاققۇنلىرىنىڭ بىمالال، تېز سۈرئەتتە شەرقىي تۈركىستانغا كېلىپ يەرلىشىشىگە شارائىت ھازىرلاش بىلەن بىرگە، ھەرخىل ئېتىبار سىياسەتلىرى ئارقىلىق تەشكىللىك يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇشنى تېزلەتمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2395 قېتىم كۆرۈلدى
14/11/2023 13:02:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق