شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت كۈنى ئىستانبۇلدا داغدۇغىلىق تەبرىكلەندى

1933- ۋە 1944-يىلى 12-نويابىر شەرقىي تۈركىستاندا قۇرۇلغان ئىككى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيەتلىرىنى خاتىرىلەش مۇراسىمى 12-نويابىر ئىستانبۇلدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى.

پائالىيەتنى خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى تەشكىللىگەن بولۇپ، ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان مىڭلىغان شەرقىي تۈركىستان خەلقى قاتناشقاندىن باشقا، تۈركىيە ۋە باشقا دۆلەتتە پائالىيەت قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان تەشكىلات رەھبەرلىرى، ۋەكىللىرى، ئاكادېمىكلار، دۆلەت ئەربابلىرى ۋە باشقا ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى ئىشتىراك قىلدى.

پائالىيەت ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مەھمۇدجان داموللامنىڭ قۇرئان كەرىم تىلاۋىتى بىلەن باشلاندى. ئارقىدىن تۈركىيە ۋە شەرقىي تۈركىستان دۆلەت مارشلىرى ئوقۇلدى.

ئارقىدىن خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئېچىلىش سۆزى قىلىپ، ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننى مۇستەقىل قىلىش ئۈچۈن كۈرەش قىلغان بارلىق رەھبەر ۋە شېھىتلار دۇئا قىلدى. ئارقىدىن بۇ يولدا كۈرەش قىلغان شېھىتلەر، رەھبەرلەرنىڭ روھىدىن ئۆگىنىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. ئاخىرىدا شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق روھىنى، كۈرەش روھىنى ئەۋلادلارغا ئۆگىتىش بىلەن بىرگە، بارلىق كۈچ بىلەن ھەرىكەت قىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ئارقىدىن قازاق تۈركلىرى ۋەقفى رەئىسى جەلال قەھرىمان، تۈركىستانلىقلار ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى بۇرھان كاۋۇنجۇ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ سابىق پارلامېنت ئەزاسى پىروفېسسور، دوكتور جەلال ئەرباي قاتارلىقلار سۆز قىلغاندىن كېيىن، ئىستانبۇل زەيتىنبۇرنۇ رايونلۇق ھۆكۈمىتىدىن دوكتور ئادەم ئۇسلۇ سۆز قىلىپ، 1933- ۋە 1944- يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ قۇرۇلۇش كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ قۇتلۇق كۈنىنى تەبرىكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئارقىدىن شەرقىي تۈركىستان تۈركلەرنىڭ ئانا يۇرتى ئىكەنلىكىنى، تۈركىيە بارلىق تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئىككىنچى ۋەتىنى ئىكەنلىكىنى، دەۋادا ئۈمىدلىك بولۇش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ئارقىدىن خەلققە تونۇشلۇق ئامېر قىلىچ «ئەي ئانا ماكان»، «ئويغان» ناملىق ناخشىلىرىنى تەقدىم قىلدى.

كېيىن شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ رەئىسى دوكتور ئالىمجان بۇغدا «1933-، 1944-يىلى قۇرۇلغان ئىككى جۇمھۇرىيەت توغرىسىدا ئانالىز» تېمىسىدا سۆز قىلدى. ئارقىدىن جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچان شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق كۈرىشىنىڭ ئىدېئولوگىيەسى ھەققىدە سۆز قىلدى.

پائالىيەت رۇستەم نىيازوۋانىڭ «ئۆمۈر» ۋە «ۋەتەن» ناملىق ناخشىلىرىنى تەقدىم قىلىشى بىلەن داۋام قىلغاندىن كېيىن، ياپونىيە كاگوشىما خەلقئارا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق ئوقۇتقۇچىسى، نۆۋەتتە تۈركىيە ئەنقەرە ئىجتىمائىي پەنلەر ئۇنىۋېرسىتېتى چەت ئەل تىلى فاكۇلتېتى ياپون تىل-ئەدەبىياتى بۆلۈمىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ھاجى قۇتلۇق قادىرى «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ۋە گېنېرال مەخمۇت مۇھىتى» دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى.

پائالىيەت ئارىسىدا ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىدىن مۇھەممەد ئۆتكۈر «شۇنداق ۋەتەننىڭ ئوغلى ئىدىم مەن» ناملىق شېئىرىنى دېكلاماتسىيە قىلدى، ئارقىدىن سۇتۇق بۇغراخان ۋەقفى ئوقۇغۇچىلىرى «قوزغال ئۇيغۇرۇم» ناملىق ناخشىنى ئورۇنلىدى.

ئارقىدىن ئاتاۋۇللاھ خەلپەت ھاجىم «ئىسلام دىنىدا دۆلەتچىلىك ئۇقۇمى» تېمىسىدا سۆز قىلدى.

كېيىن مەرھۇم ئۇستاز ئابدۇلھەكىم مەخسۇم ھاجىمنىڭ ھايات ۋاقتىدا ئىككى جۇمھۇرىيەت ۋە ئىخلاس ھەققىدە قىلغان قىسقا سىن كۆرسىتىلدى.

ئارقىدىن دوكتور ئادىلجان ئەرئۇيغۇر «ئىككى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىگە ئىنسان ۋە ئىجتىمائىي بايلىق نۇقتىسىدىن نەزەر» تېمىسىدا سۆز قىلغاندىن كېيىن، زۇلئىمان ئەھمەت «نۇزۇگۇم» ناملىق نەسرىي شېئىرنى دېكلاماتسىيە قىلدى.

پائالىيەت شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئۆمەر قارىھاجىمنىڭ يېتەكچىلىكىدىكى دۇئا بىلەن ئاخىرلاشتى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

 

 

 

بۇ خەۋەر 1978 قېتىم كۆرۈلدى
13/11/2023 18:12:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق