دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا جۇمھۇرىيەت كۈنى ئالاھىدە خاتىرىلەندى

دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستان خەلقى 12-نويابىر ئىككى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقى ۋە 79 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، مۇراسىم ۋە تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى تەشكىللىدى.

ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇرلار شەرقىي تۈركىستان ئاۋسترالىيە جەمئىيىتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە 12-نويابىر جەنۇبىي ئاۋسترالىيەنىڭ ئادلەيد شەھىرىدە ئىككى جۇمھۇرىيەت كۈنىنى تەبرىكلىگەن. ئىككى جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغان قۇتلۇق كۈن ناخشا ئېيتىش، ئارغامچا تارتىش، چېلىشىش قاتارلىق پائالىيەتلەر بىلەن داغدۇغىلىق خاتىرىلەندى.  

شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار 12-نويابىر شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى ۋە تەكلىماكان ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئىككى جۇمھۇرىيەت كۈنىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.

گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئىككى جۇمھۇرىيەت كۈنىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغان كۈنىنى جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرغۇچىلىرى ھەمدە شېھىتلەرنى ئەسلەش پائالىيىتىدىن باشقا، دام مەيدانىدا شەرقىي تۈركىستان دۆلەت مارشى ئوقۇپ، بايراق چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

ئامېرىكىدا پائالىيەت قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندە ھۆكۈمىتى ئىككى قېتىملىق جۇمھۇرىيەتنىڭ 90 يىللىقى ۋە 79 يىللىقىنى نامايىش قىلىش ئارقىلىق خاتىرىلىدى.

تۈركىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ۋەقفى 12-نويابىر ئىككى جۇمھۇرىيەت كۈنىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.

12-نويابىر يەنە تۈركىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، شەرقىي تۈركىستان فېدېراتسىيەسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەقفى، شەرقىي تۈركىستان ۋەقفى، دۇنيا ئۇيغۇر يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسى، ئۇيغۇر ئىلىم- مەرىپەت ۋەقفى، ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى ۋە ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى قاتارلىق تەشكىلاتلار بىرلىكتە ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇ رايونىدا ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.

12-نويابىر چۈشتىن كېيىن «سەرخىللار مائارىپى» ئىستانبۇلدىكى ساباھەتتىن زائىم ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.

ئۇندىن باشقا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىل، قۇرئان كۇرسلىرى تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن جۇمھۇرىيەت كۈنىنى خاتىرىلىدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1767 قېتىم كۆرۈلدى
13/11/2023 15:56:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق