تەيۋەن سايلىمىنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، خىتاي كوممۇنىست رېجىمىنىڭ جاسۇسلىرى يەنە كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.
ئەنگلىيە رادىيو شىركىتى BBC نىڭ 11-نويابىر خەۋەر قىلىشىچە، تەيۋەننىڭ چوڭ سايلىمى تەتۈر ساناق باسقۇچىغا كىرگەن بىر مەزگىلدە، خىتاي كوممۇنىست رېجىمى بىلەن تەيۋەننىڭ مۇناسىۋىتى سايلامنىڭ مۇھىم نۇقتىسىغا ئايلانغان.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئۆتكەن ئون ئاي ئىچىدە تەيۋەن تەرەپ خىتاي كومپارتىيەسى ئۈستىدىن ئۈزلۈكسىز شىكايەت قىلغان بولۇپ، بۇنىڭ بەزىلىرىگە جىنايەت بېكىتىلگەن. بېيجىڭنىڭ جاسۇسلۇق ئىستراتېگىيەسى داۋاملىق كۈچىيىپ، ھەربىي سەرخىللار چەمبىرىكىدىن ھالقىپ كەتكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. پېنسىيەگە چىققان ھاۋا ئارمىيەسى پولكوۋنىكى ليۇ شېڭشۇ ھازىرقى ھەربىي دەرىجىلىك يەتتە ئوفىتسېرنى خىتاينىڭ ھەربىي ئىشلىرىغا ئالاقىدار جاسۇسلۇق قىلىشقا تەكلىپ قىلغان، دەپ ئەيىبلەنگەن بولۇپ، ئۆكتەبىر ئېيىدا 20 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.
بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان كەم دېگەندە 16 ئادەم خىتاي كومپارتىيەسىگە جاسۇسلۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلەنگەن بولۇپ، ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ تەيۋەن تەكشۈرۈش ئىدارىسى 2013-يىلدىن 2019-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا 44 جاسۇسلۇق دېلوسىنى ئېلان قىلغان.
مەلۇم بولۇشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تەيۋەنگە بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى تەشەببۇس قىلىشى تېخىمۇ تەھدىت بولۇپ شەكىللىنىپ، تەيۋەنگە بولغان ھەربىي ۋە سىياسىي بېسىمنى داۋاملىق ئاشۇرۇۋەتكەن.
بەزى خەۋەرلەردە، خىتاي كوممۇنىست رېجىمىنىڭ دۇنيادا جاسۇسلۇق ھەرىكىتىنى كېڭەيتكەنلىكى، بولۇپمۇ ئامېرىكىنى نىشان قىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن بولۇپ، ئامېرىكىمۇ خىتايغا مۇناسىۋەتلىك ئاخبارات توپلاشنى كۈچەيتمەكتىكەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ