خىتاي ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى ۋە خەلقنىڭ مېڭىسىنى يۇيۇشقا زور كۈچ سەرپ قىلماقتا

خىتاي رېجىمى ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭ مېڭىسىنى يۇيۇپ، خىتايلاشتۇرۇش ئۈچۈن، شەرقىي تۈركىستاندىكى مەكتەپلەرگە خىتاي كومپارتىيە ئەزالىرىنى سەپەرۋەر قىلىپ، ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنى ئاتالمىش «شىنجاڭ تارىخىي ئەسلىمىلىرى» نامىدىكى يالغان تارىخ تونۇشتۇرۇلغان فىلىمنى كۆرۈشكە مەجبۇرلىغان.

خىتاي كۈندىلىك گېزىتى تورىنىڭ 10-نويابىر خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي رېجىمى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كۇچا شەھىرى تەۋەلىكىدە داۋاملىق تۈردە پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئامما ۋە باشلانغۇچ-ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى تەشكىللەپ، ئاتالمىش «شىنجاڭ تارىخى» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمنى كۆرۈشكە مەجبۇرلىغان.

ئاتالمىش «شىنجاڭ تارىخى» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم ئاتالمىش «شەرقتىن قايتىپ كەلگەن قەھرىمانلار»، «مۇھاپىزەتچى جېڭ جى»، «لولەن قەدىمى شەھىرى»، «سۇباش بۇددا ئىبادەتخانىسى»، «غەربكە كۆچۈش»، «ئىنقىلابى ئوت»، «ئىلى گېنېرال»، «غەربىي رايوننىڭ مۇزىكا ۋە ئۇسسۇلى»، «يىپەك يولى» ۋە «غەربىي رايون تۇتۇق بەگ مەھكىمىسى» قاتارلىق 60 بۆلۈمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. بۇ ھۆججەتلىك فىلىملەر خىتاي رېجىمى تەرىپىدىن ياسالما مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئارقىلىق ئىشلەنگەن بولۇپ، بۇ ئارقىلىق تارىخ، مىللەت، مەدەنىيەت ۋە دىن مەسىلىسىدە ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭ مېڭىسىنى يۇيۇش مەقسەت قىلىنغان.

خىتاي رېجىمى مەزكۇر سەپسەتىلەرنى تەشۋىق قىلىشتا مەكتەپلەر بىلەنلا كۇپايىلەنمەستىن، نۆۋەتتە زور ساندا مەبلەغ ۋە ئادەم كۈچى ئاجرىتىپ، ھازىرغا قەدەر كۇچا شەھىرى 12 ئورۇندا ئاساسىي قاتلامدا فىلىم قويۇش گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، يېزا-بازار، مەھەللە، مەكتەپ ۋە باشقا جايلاردا ئاتالمىش «شىنجاڭ تارىخى» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمنى 4826 قېتىم قويغان بولۇپ، 724 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنى مەجبۇرىي كۆرۈشكە تەشكىللىگەن.

خىتاي رېجىمى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە ياش-ئۆسمۈرلەرنى ئۆز تىل-يېزىقىدىن، ئېتىقادىدىن، مەدەنىيىتىدىن مەھرۇم قىلىپ كېلىۋاتقان بولسا، ئاتالمىش «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى»، «خىتايلار ئۇيغۇرلاردىن ئايرىلالمايدۇ، ئۇيغۇرلار خىتايلاردىن ئايرىلالمايدۇ» دېگەن سەپسەتە باش تېما قىلىنغان ھەرخىل ساختا تەشۋىقات فىلىملىرىنى ئىشلەش ئارقىلىق، شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قارىتا مېڭە يۇيۇش، ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سىياسىتىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرماقتا.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2799 قېتىم كۆرۈلدى
13/11/2023 15:39:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق