خىتاي سودا بانكىسى خاككېرلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت قەرزىنى بىر نەچچە كۈن ئىچىدە ئادەم كۈچى بىلەن ھەل قىلىشقا مەجبۇر بولدى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتايدىكى ئەڭ چوڭ بانكا بولغان خىتاي سودا-سانائەت بانكىسى 10-نويابىر خاككېرلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن، ئامېرىكا دۆلەت قەرزىنى ئېلېكتىرونلۇق راسچوت قىلىش سۇپىسى توختاپ قالغان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، پەيشەنبە كۈنى خىتاي سودا-سانائەت بانكىسى تەرىپىدىن دەلىللەنگەن بۇ ھۇجۇم خاككېرلارنىڭ بۇ يىل جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالغان بىر قاتار تۆلەم تۆلەش ۋەقەسى ئىچىدە ئەڭ يېڭى ۋەقە ئىكەن. بۇ بانكىنىڭ ئامېرىكىدىكى شۆبىسى بولغان پۇل-مۇئامىلە شىركىتىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى ھۇجۇم بەزى سىستېمىلارنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋەتكەن بولۇپ، نۆۋەتتە سىستېمىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە ئىلگىرىلەش بولغان.
ئىككى مەنبەنىڭ جۈمە كۈنى ئېيتىشىچە، نورمال ھالەتكە قايتىش ئۈچۈن بىر نەچچە كۈن ۋاقىت كېتىدىكەن. نىيۇيورك مېلون بانكىسى خىتاي سودا-سانائەت بانكىسى بىلەن بىرلىكتە ئامېرىكا مالىيە سودىسىدا كۆرۈلگەن مەسىلىنى ئادەم كۈچى بىلەن ھەل قىلىۋاتقان بولۇپ، ئۈچىنچى تەرەپ بولغان خىتاي سودا-سانائەت بانكىسى بىلەن راسچوت سۇپىسىنىڭ بىخەتەر باغلىنىشىنى كۈتمەكتە ئىكەن. بارلىق سىستېمىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېلەر ھەپتىگىچە داۋاملىشىشى مۇمكىن ئىكەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ