ئامېرىكا سىرىلانكىنىڭ خىتاينىڭ تەسىرىگە تاقابىل تۇرۇشى ئۈچۈن، يېڭى يۈك پورتى قۇرۇشىغا ياردەم بېرىپ، 553 مىليون دوللار مەبلەغ سالماقچى بولدى.
تەيۋەن خەلقئارا رادىيوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا 8-نويابىر سىرىلانكىنىڭ كولومبو پورتىدا يۈك پىرىستانى ياساش ئۈچۈن 553 مىليون دوللار مەبلەغ سالماقچى بولغان قۇرۇلۇش تۈرىنى ئېلان قىلغان.
ئامېرىكا خەلقئارا تەرەققىيات پۇل-مۇئامىلە شىركىتىنىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكىنىڭ بۇ پىلانى جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىنى مۇھىم توشۇش لىنىيەسى ۋە يېڭىدىن گۈللەنگەن دۇنياۋى ئەشيا ئوبوروت مەركىزىگە ئايلاندۇرۇش يوشۇرۇن كۈچى ۋە مۇھىم ئۇل ئەسلىھە بىلەن تەمىنلەيدىكەن.
ئامېرىكا خەلقئارا تەرەققىيات پۇل-مۇئامىلە شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى سىكوت ناتاننىڭ ئېيتىشىچە، خەلقئارا تەرەققىيات پۇل-مۇئامىلە شىركىتىنىڭ تەمىنلەيدىغان 553 مىليون دوللار قەرز رايوندىكى توشۇش ئىقتىدارىنى كېڭەيتىپ، سىرىلانكا ئۈچۈن تېخىمۇ زور گۈللىنىش پەيدا قىلىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىگىلىك ھوقۇقلۇق قەرزنى ئاشۇرمىغان ئاساستا، ئامېرىكا ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ رايوندىكى ئورنىنى كۈچەيتىدىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ خەۋەر سىرىلانكا ئېغىر پۇل-مۇئامىلە، ئىقتىسادىي كىرىزىس بىلەن تىركىشىۋاتقان بىر مەزگىلدە ئېلان قىلىنغان. ئۇندىن باشقا ئامېرىكا مەبلەغ سالماقچى بولغان يېڭى پىرىستان ھىندىستان تىجارەتچىلىرىنى بىۋاسىتە مەبلەغ بىلەن تەمىنلەيدىكەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ