شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا قىزىل قۇتۇپ نۇرى چاقنىدى

6-نويابىر كېچىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا قىزىل رەڭلىك قۇتۇپ نۇرى چاقناپ رايوننى يورۇتۇۋەتكەن.

ئاتالمىش «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئالتاي رايونىنىڭ ئاسمىنى 5-نويابىر كەچتە ۋە 6-نويابىر كېچىسى قىزىل قۇتۇپ نۇرى بىلەن يورۇپ كەتكەن بولۇپ، بۇ خىل قىزىل ۋە يېشىل ئارىلاش قۇتۇپ نۇرىنىڭ تۇنجى قېتىم رايوندا كۆرۈلۈشى ۋە سىنغا ئېلىنىشى ئىكەن. بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ خىل قۇتۇپ نۇرى شۇ كۈنى كېچە ئۈرۈمچى داۋانچىڭدىمۇ كۆرۈلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ خىل قۇتۇپ نۇرى ھادىسىسى قۇتۇپ رايونلىرىدا كۆرۈلىدىغان «تەبىئىي نۇر ھادىسىسى» دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ، قۇياش بورىنى بىلەن يەرشارىنىڭ ماگنىت مەيدانىنىڭ ئۆزئارا تەسىر قىلىشىدىن شەكىللىنىدىكەن. قۇياش شامىلى بىلەن زەرەتلەنگەن زەررىچىلەر يەرشارىنىڭ ماگنىت مەيدانىغا كىرگەندە، ئۇلار ئاتموسفېرادىكى گاز مولېكۇلالىرى بىلەن ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىپ، رەڭلىك قۇتۇپ نۇرىنى ھاسىل قىلىدىكەن. قۇتۇپ نۇرى ئادەتتە ماگنىت قۇتۇپىغا يېقىن ماگنىت مەيدانىنى بويلاپ پەيدا بولىدىكەن. بۇ ھادىسە كۆپىنچە شىمالىي ۋە جەنۇبىي قۇتۇپقا يېقىن جايلاردا كۆپ كۆرۈلىدىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 3372 قېتىم كۆرۈلدى
11/11/2023 12:35:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق