خىتاي شەرقىي تۈركىستاننىڭ تەبىئىي بايلىقىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشنى كۈچەيتمەكتە

شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى سەۋەبلىك خەلقئارالىق ئېمبارگوغا دۇچ كەلگەن، نەتىجىدە ئىقتىسادى كاساتلىشىشقا يۈزلەنگەن خىتاي رېجىمى شەرقىي تۈركىستاننىڭ تەبىئىي بايلىقىغا قاراتقان تالان-تاراجنى كۈچەيتمەكتە.

خىتاي كارخانا گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئاتالمىش خىتاي تارىم نېفىتلىكى 6- نويابىر شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى شايار ناھىيەسىگە جايلاشقان فۇمەن نېفىتلىكى فۇيۈەن بىرلەشمە پونكىتىنى ئىشقا كىرىشتۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلغان.

بۇ خىتاي رېجىمىنىڭ 8000 دىن 9000 مېتىرغىچە بولغان چوڭقۇرلۇقتىكى دەرىجىدىن تاشقىرى نېفىت ۋە تەبىئىي گازنى قېزىشقا باشلىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىغان بولۇپ، خىتاي بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشقا باشلىغان تەكلىماكان قۇملۇقىدىكى ئەڭ چوڭ خام نېفىت ئىشلەپچىقىرىش بازا قۇرۇلۇشى ئىكەن. بۇ قۇرۇلۇش ئارقىلىق خىتاينىڭ «14-بەش يىللىق پىلان» مەزگىلىنىڭ ئاخىرىدا يىللىق نېفىت مەھسۇلات مىقدارىنى تۆت مىليون توننىدىن بەش مىليون توننىغا يەتكۈزۈش مۆلچەرلەنگەن. بۇ قۇرۇلۇش تاماملىنىپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، فۇميەن نېفىتلىكى شەرقىي تۈركىستاندىن بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ توشۇلىدىغان تۆت ئاساسلىق نېفىت ۋە تەبىئىي گاز تۇرۇبا تورى ۋە ئىككى نېفىت ۋە تەبىئىي گاز پىششىقلاپ ئىشلەش مەركىزىدىن تەركىب تاپقان «ئىككى گورىزونتال، ئىككى تىك ۋە ئىككى مەركەزلىك» يەر ئاستى قۇرۇلما ئەندىزىسى شەكىللەندۈرىدىكەن ۋە بۇنىڭ بىلەن رايوندىن نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش ۋە خىتايغا توشۇش تېخىمۇ تېزلىتىلىدىكەن.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاي رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىن چىققان بايلىقلارنى پەقەتلا خىتاينىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشقا ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى، ھەقىقىي ئىگىلىرى بولغان يەرلىك خەلقنىڭ ھېچقانداق مەنپەئەتكە ئېرىشەلمىگەنلىكىنى، ھەتتا نامراتلىق ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە ماس ھالدا، شەرقىي تۈركىستاننىڭ بايلىقىنى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۈسكۈنىلەر ئارقىلىق زور كۆلەمدە بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشقا باشلىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 3080 قېتىم كۆرۈلدى
11/11/2023 12:28:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق