پەلەستىننىڭ ئەسلى ئىگىسى زادى كىم؟
مىركامىل كاشغەرىي
يەھۇدىي تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە يەھۇدىيلارنىڭ پەلەستىنگە يەرلىشىشى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ئىراقتىن پەلەستىنگە كۆچۈپ كېلىشى بىلەن باشلانغان.
ئۆزى ياۋروپا يەھۇدىيلىرىدىن (زىيونىستلاردىن) بولغان ۋە يەھۇدىيلارنىڭ تارىخ، ئەدەبىيات ۋە سىياسەت ساھەسىدە دۇنياغا داڭلىق نۇرغۇن ئەسەرلەرنى يازغان يەھۇدىي تەتقىقاتچى، ژۇرنالىست، ئاتاقلىق ئىسرائىلىيە سىياسەتچىسى يۇرى ئاۋېنېرىي «كىم خوجايىنى؟» ناملىق كىتابىدا «يەھۇدىيلارنىڭ پەلەستىنگە يەرلىشىشى ئىبراھىم (ئەلەيھىسسالام) بىلەن باشلانغانىكەن، ئۇنداقتا ئىبراھىم كېلىشتىن بۇرۇن بۇ يەردە ياشاۋاتقان كەنئانلىقلار قەيەرگە كەتتى؟» دېگەن سوئالنى قويىدۇ.
بۇنىڭغا جاۋابەن 1884-يىلى ئۇكرائىنانىڭ ھازىرقى پولتاۋا شەھىرىدە تۇغۇلغان ۋە پەلەستىنگە كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن 1952 يىلى ئىسرائىلىيەنىڭ ئىككىنچى پىرېزىدېنتى بولۇپلا قالماي، «ئىسرائىلىيەنىڭ ئاتىسى» دەپمۇ نام ئالغان يىتزوك بىن زۋىنىڭ (Yitzhak Ben-Zvi) بۇ ھەقتىكى تەتقىقاتلىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ: «پەلەستىننىڭ ئەسلى يەرلىكلىرى كەنئانلىقلار ئىدى. كەنئانلىقلار ياقۇپ ئەلەيھىسسالام دەۋرىدە يەھۇدىيلاشقان، ئاندىن رىم ئىمپېرىيەسى دەۋرىدە خىرىستىيانلاشقان. مۇسۇلمان ئۆمەر فارۇق (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ)نىڭ غەلىبىسىدىن كېيىن بولسا، پەلەستىنلىك يەرلىكلەرنىڭ كۆپ قىسمى مۇسۇلمان بولۇپ، ئەرەب مەدەنىيىتىنى ۋە ئەرەب تىلىنى قوبۇل قىلىپ ئەرەبلەشكەن» دەيدۇ.
يۇرى ئاۋېنېرىينىڭ كىتابىدا كۆرسىتىلىشىچە، 19- ئەسىردە ياۋروپادىن پەلەستىنگە كېلىپ ھازىرقى ئىسرائىلىيە دۆلىتىنى قۇرغان زىيونىست ئاشكىنازى يەھۇدىيلىرى پەلەستىننىڭ ئەسلى ئىگىسى ئەمەس، بەلكى پەلەستىننىڭ ئەسلى خوجايىنلىرى ۋە ھەقىقىي يەرلىكلىرى دەل ئەنە شۇ مۇسۇلمانلاشقان، ئەرەب تىلىنى قوبۇل قىلىپ ئەرەبلەشكەن يەھۇدىيلار، ئاندىن خىرىستىيانلار ۋە باشقا ياققا كۆچمەي نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان ياشاپ كېلىۋاتقان ۋە ئۆز دىنىنى ساقلاپ قالغان يەرلىك يەھۇدىي خەلقلەردۇر.
تارىخشۇناسلارنىڭ ئوتتۇرىچە قانائىتىگە ئاساسلانغاندا، ئەسلىدە يەھۇدىي دىنى تەبلىغ قىلىنمايدىغان بولۇپ، ئوتتۇرا ئەسىردە تەبلىغ قىلىش باشلانغان. شەرقىي ياۋروپا ۋە رۇسىيەنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا كىشىلەر توپ-توپ يەھۇدىي بولۇشقا باشلىغان. بۇ ئەسلى ئىرقىي يەھۇدىي بولمىغان، ئەمما يەھۇدىي دىنىنى قوبۇل قىلغانلىقى ئۈچۈن يەھۇدىيلاشقان ئاشكىنازى يەھۇدىيلىرى بولسا، رۇسىيە پادىشاھىنىڭ يەھۇدىيلارغا قارشى تازىلاش ھەرىكىتى باشلىشىدىن كېيىن، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا، بولۇپمۇ ياۋروپاغا كۆچۈپ كەتكەن.
مانا بۇ تارىخىي جەريانغا ئاساسەن، 19-ئەسىردە شەرقىي ياۋروپادىن پەلەستىنگە كېلىپ، ھازىرقى ئىسرائىلىيە دۆلىتىنى قۇرغان ئاشكىنازى، زىيونىست يەھۇدىيلىرىنىڭ «بىزگە ۋەدە قىلىنغان مۇقەددەس تۇپراق» دېگەن دىنىي ئەمىرنىلا ئاساس قىلىپ، «پەلەستىننىڭ ئەسلى خوجايىنى بىز» دېيىشىنىڭ ھېچقانداق ئىلمىي ئاساسىي يوق. ئەكسىچە بولغاندا، ھەممىلا ئادەم دىنىي تېكىستلەردىن بىرەرنى ئويدۇرۇپ چىقىپ ياكى «كېچىدە چۈشۈمدە تەڭرىنى كۆردۈم، ماڭا شۇ ئۆينى ۋەدە قىلدى» دەپ ۋە ياكى ھىندىلارنىڭ مۇسۇلمانلارغا قىلغىنىدەك، «شۇ يەرگە بۇتخانا سېلىشىنى بۇيرىدى» دەپلا، باشقىلارنىڭ ئۆي-مۈلۈكلىرىنى تالان-تاراج قىلىشقا يول ئېچىلغان بولىدۇ.
شۇنىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتەيكى، يۇرى ئاۋېنېرىي (Uri Avnery ، אורי אבנרי) 1923-يىلى 10-سېنتەبىردە گېرمانىيەنىڭ بەكۇم شەھىرىدە بىر رادىكال زىيونىست ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ يەنە يەھۇدىيلار تەرىپىدىن پەلەستىنلىكلەرگە قارشى قۇرۇلغان ۋە 1927-يىلىدىن 1947-يىلىغىچە تېررورلۇق پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرغان ھەمدە پۈتۈن دۇنيادا تېررورلۇق تەشكىلاتى دەپ ئېتىراپ قىلىنغان «ھاگاناھ»نىڭ تارماق تەشكىلاتى «Irgun» (ئىبرانىيچە ארגון) نىڭ ئەزاسى بولغان ۋە 1948-يىلى 9-ئاپرېلدىكى دۇنياغا مەشھۇر «دىرە ئىسمائىل قىرغىنچىلىقى»غا بىۋاسىتە قاتناشقان بىر رادىكال زىيونىست پىدائىيسى ئىدى. ئۇ 1965-يىلىدىن 1974-يىلىغىچە ۋە 1979-يىلىدىن 1981-يىلىغىچە ئىككى قېتىم ئىسرائىلىيە پارلامېنت ئەزاسى بولغان. ئۇ يەنە 1982-يىلى 3-ئىيۇلدا بېيرۇت قورشاۋغا ئېلىنغاندا، پەلەستىن رەھبىرى ياسىر ئارافات بىلەن بىۋاسىتە كۆرۈشكەن تۇنجى ئىسرائىلىيە ئەمەلدارى بولۇپمۇ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ كېيىنكى چاغدا ئۆز قىلمىشلىرىغا پۇشايمان قىلغان بولسا كېرەك، ئىسرائىلىيەدە «گۇش شالوم» (تىنچلىق ھەرىكىتى)نى قۇرۇپ، دۇنياغا مەشھۇر تىنچلىق پائالىيەتچىسىگە ئايلانغان. ئۇ 1950-يىلدىن 1993-يىلىغىچە تاكى ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تاقىلىپ قالغانغا قەدەر ئىسرائىلىيەدە نەشر قىلىنغان «HaOlam HaZeh» ژۇرنىلىنىڭ خوجايىنى ۋە قۇرغۇچىسى بولغان.
يۇرى ئاۋېنېرىينىڭ ئىسرائىلىيە-پەلەستىن توقۇنۇشىنى مەزمۇن قىلغان ئاتاقلىق ئەسەرلىرى «كىم خوجايىنى؟» (Whose Acre) دىن باشقا يەنە، «1948-يىلىدىكى ئەسكەرلەر ھېكايىسى» (1948: A Soldier’s Tale)، «يېرۇسالېمغا بارىدىغان قانلىق يول» (the Bloody Road to Jerusalem)، «ئىسرائىلىيەنىڭ ئىپلاس قورشاۋى» (Israel’s Vicious Circle) ھەمدە «مېنىڭ دوستۇم ۋە دۈشمەن» (My Friend, the Enemy) قاتارلىقلار ھېسابلىنىدۇ.
قېنى ئەمىسە، تارىخىنى توغرا مەنبەلەردىن ئەمەس، ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئەخلەتخانىلىرىدىكى سەپسەتىلەردىن ئېلىپلا ئوتتۇرىغا تۆكۈپ، مىللەتنى ھەق ھەقىقەتكە ئەمەس، ئەخلەتخانىغا باشلاۋاتقان سەۋىيەسىز، ئەخلەتچى زىيالىيلىرىمىزنىڭ «پەلەستىن ئەگەر 1948-يىلى ب د ت نىڭ بۆلۈپ بېرىشىگە رازى بولغان بولسا، مۇشۇنداق بولمايتتى» دېگەن تۇتۇقسىز سەپسەتىلىرىگە زىيونىست يېڭى دەۋر تارىخچىسى، ئاكادېمىك ئىلان پاپې (Ilan Pappé، ئىبرانىيچە אילן פפה) نىڭ قانداق شاپىلاقتەك رەددىيە بېرىدىغانلىقىغىمۇ بىر قاراپ باقايلى!
1948-يىلىدىكى ب د ت نىڭ تەقسىماتىغا رازى بولماي ئۇرۇش باشلىغان تەرەپ پەلەستىنلىكلەرمۇ ياكى زىيونىستلارمۇ؟
ماقالىنىڭ ئالدىنقى بۆلۈمىدە «زىيونىست يەھۇدىيلار پەلەستىننىڭ ئەسلى خوجايىنى! دۆلەت قۇرۇش ھەققى بار! ئىشغالىيەتچى ئەمەس!» دېگەن سەپسەتىنىڭ ئىلمىي ئاساسىي يوقلۇقى ئۈستىدە توختالغانىدۇق. ئىلمىي دەلىلگە قايىل بولمايدىغان ئۇيغۇرلارغا ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغالىيەتچى ئىكەنلىكىگە دائىر ب د ت ماقۇللىغان بىر ئەمەس، سەككىز قارارىنىڭ بارلىقىنى ۋە پۈتۈن مەدەنىي دۇنيانىڭ ئىسرائىلىيەنى ئىشغالىيەتچى دەپ ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن كۇپايە قىلىمىز. دۇنيادا ئىشغالىيەتتىنمۇ چوڭ ۋە ئېغىر زۇلۇم يوقلىقىنى چۈشەندۈرۈپ ئولتۇرۇش ئارتۇقچە.
بۇ بۆلۈمدە بولسا تېمىدىكى سوئالغا زىيونىست تارىخچىلارنىڭ قانداق قارايدىغانلىقى ئۈستىدە توختىلىمىز.
يەھۇدىيلارنىڭ ئاتاقلىق يېڭى دەۋر تارىخچىسى ئىلان پاپې 2006-يىلى نەشر قىلىنغان، شۇنداقلا ئەنگلىيە ۋە ئىسرائىلىيە ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەخپىي دۆلەت ئارخىپلىرى ۋە ھۆججەتلىرىنى مەنبە قىلغان «پەلەستىندىكى ئېتنىك تازىلاش» (Ethnic cleansing of Palestine) ناملىق كىتابىدا، ئۆزىنىڭ يەھۇدىي ئىكەنلىكىگە، يەنە كېلىپ گولان ئېگىزلىكىدە ئەرەبلەرگە قارشى ئۇرۇشقا قاتناشقان ياۋروپالىق زىيونىست ئىكەنلىكىگىمۇ قاراپ ئولتۇرماستىن، 1948-يىلىدىكى ب د ت نىڭ تەقسىماتىغا رازى بولمىغان تەرەپنىڭ ئىسرائىلىيە ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇرۇشنىمۇ دەسلەپتە ئىسرائىلىيە تەرەپنىڭ باشلىغانلىقىنى پۈتۈن تەپسىلاتى ۋە دەلىل-پاكىتلىرى بىلەن ئوتتۇرىغا قويىدۇ. شۇ چاغدا جەمئىي 531 پەلەستىن كەنتىنىڭ پۈتۈنلەي يوقىتىلغانلىقىنى، 11 شەھەر ۋەيران قىلىنىپ، ئىسرائىلىيە ب د ت ئوتتۇرىغا قويغان ئىككىگە بۆلۈش پىلانىغا ئاساسەن پەلەستىن زېمىنىنىڭ % 57 نى ئىگىلەشكە رازى بولماي، %78 پىرسەنتىنى ئىشغال قىلىۋالغانلىقىنى ۋە شۇنىڭ بىلەن ئۇرۇش قوزغالغانلىقىنى يازىدۇ.
دەرۋەقە، ئەنگلىيە ۋە ئىسرائىلىيە ھۆكۈمەتلىرىنىڭ پەلەستىن توقۇنۇشىغا مۇناسىۋەتلىك دۆلەت ئارخىپلىرى ۋە ھۆججەتلىرى 1980-يىلىنىڭ باشلىرىدا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، غەرب دۇنياسىدىكى نۇرغۇنلىغان ئاتاقلىق تارىخچىلار ۋە ئاكادېمىكلاردىن باشقا يەنە، زىيونىست ۋە يەھۇدىي ئالىملارمۇ ئۆزلىرىنىڭ پەلەستىنگە تۇتقان پوزىتسىيەسىنى 180 گىرادۇس ئۆزگەرتىشكە باشلىغان ئىدى. ھايفا ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي بىلىملەر فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور دوكتور ئىلان پاپېمۇ دەل شۇلارنىڭ بىرسى ئىدى.
ئىلان پاپې 1930-يىللاردا ناتسىستلارنىڭ زىيانكەشلىكىدىن قېچىپ، گېرمانىيەدىن پەلەستىنگە كۆچكەن بىر ياۋروپا يەھۇدىي (زىيونىست) ئائىلىسىدە 1958-يىلى ھازىرقى ئىسرائىلىيەنىڭ ھايفا شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ 18 ياش ۋاقتىدا ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسىگە قاتنىشىپ، 1973-يىلىدىكى «يوم كىپپۇر ئۇرۇشى»دا گولان ئېگىزلىكىدە ئۇرۇشقا قاتناشقانىدى. 1978-يىلى يېرۇسالېم ئىبرانىي ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرۈپ، 1984-يىلى ئالبېرت خورانى ۋە روگېر ئوۋېننىڭ يېتەكچىلىكىدە ئەنگلىيەدىكى ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ پەنلىرى دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەنىدى. ئۇنىڭ تۇنجى دوكتورلۇق ئىلمىي ماقالىسى ۋە كىتابىمۇ «ئەنگلىيە ۋە ئەرەب-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى» ئىدى.
ئۇ ئەنگلىيەگە كېلىشتىن بۇرۇن، ھايفا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسىي پەنلەر بويىچە ئالىي لېكتورى (2007-1984) ۋە ھايفادىكى ئېمىل توما پەلەستىن ۋە ئىسرائىلىيە تەتقىقات ئورگىنىنىڭ باشلىقى (2008-2000) بولغاندىن سىرت، 1996-يىلى ۋە 1999-يىلىدىكى ئىسرائىلىيە پارلامېنت ئەزالىقى سايلىمىدا ئىككى قېتىم نامزات بولغانىدى.
ئۇ ھازىر ئەنگلىيە ئېكېستېر ئۇنىۋېرسىتېتى ئىجتىمائىي پەنلەر ۋە خەلقئارا تەتقىقاتلار فاكۇلتېتىنىڭ پىروفېسسورى، شۇنداقلا ياۋروپا پەلەستىن تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ۋە ئېتنو-سىياسىي تەتقىقات ئېكېستېر مەركىزىنىڭ تەڭ دەرىجىلىك دىرېكتورى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىمەكتە.
ئىلان پاپې (خۇددى بىزنىڭ ئۇيغۇر زىيالىيلار ئىلگىرى سۈرۈۋاتقاندەك) «1948-يىلىدىكى ب د ت نىڭ تەقسىماتىغا پەلەستىنلىكلەر رازى بولماي ئۇرۇش قوزغىغان» دېگەن يالغان تەشۋىقاتنى ئەنگلىيە ۋە ئىسرائىلىيە ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەخپىي دۆلەت ئارخىپلىرى ۋە ھۆججەتلىرىنى دەلىل كەلتۈرگەن ئاساستا قەتئىي رەت قىلىدۇ.
تارىخنىڭ بۇ مۇھىم بۇرۇلۇش نۇقتىسىغا دائىر نۇرغۇن خاتا قاراشلارغا خاتىمە بېرىپ، «1948-يىلى 700 مىڭ پەلەستىنلىك ئۆز رازىلىقى بىلەن ئۆي-ماكانلىرىنى تاشلاپ، قوشنا دۆلەتلەرگە كۆچۈپ كەتكەن» دېگەن ئىسرائىلىيە ھۆكۈمەت دوكلاتىنىڭمۇ تامامەن يالغانلىقىنى دۇنياغا جاكارلايدۇ.
ئۇ كىتابىدا ئوچۇق قىلىپ: «ئىسرائىلىيە دۆلىتى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئۆز رازىلىقى بىلەن چىقىپ كەتكەنلىكىمۇ ۋە ئەرەبلەرنىڭ ئۇرۇش باشلىغانلىقىمۇ پۈتۈنلەي يالغان» دەيدۇ.
ئۇ ئىسرائىلىيە دۆلەت ھۆججەتلىرىنى ۋە ئارخىپلىرىنى دەلىل كەلتۈرۈپ، پەلەستىنلىكلەرگە قارىتا ئېتنىك تازىلاش ئېلىپ بېرىش بۇيرۇقىنىڭ ئىسرائىلىيە دۆلىتى قۇرۇلۇشتىن ئىككى ئاي ئىلگىرى، يەنى 1948-يىلى 10-مارتتا زىيونىست ھەربىي قىسىملىرىغا يوللانغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. يەنە كېلىپ باشقا تارىخچىلار ئېيتقاندەك بۇ سۈرگۈننىڭ ۋاقىتلىق ئەمەسلىكىنى، كېيىن پەلەستىنلىكلەرنىڭ يۇرتىغا قايتىپ كېلىشىنىڭمۇ ۋەھشىيلەرچە ئالدى ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. 1947-يىلىدىكى ئىسرائىلىيەنىڭ كەلگۈسى رەھبەرلىرى تۈزگەن «تازىلاش پىلانى»غا (Plan Dalet'e) ئاساسەن پەلەستىنلىكلەرگە قارىتا ئېتنىك تازىلاش يۈرگۈزۈلگەنلىكىنى، ئىسرائىلىيەنىڭ نىشانىنىڭ ئەزەلدىنلا «ئىمكانقەدەر كۆپرەك پەلەستىن زېمىنىنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە ئىمكانقەدەر ئاز پەلەستىنلىكلەرنى قالدۇرۇش» بولۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ھازىرمۇ بۇ پىلاننىڭ ئىجرا قىلىنىشى توختاپ قالمىغانلىقىنى يازىدۇ.
ئۇ: «زىيونىزم مۇسۇلمانلارنىڭ قوراللىق مىلىتارىستلىرىدىنمۇ خەتەرلىك. ئوتتۇرا شەرقتە تىنچلىقنىڭ ئىشقا ئاشماسلىقىنىڭ بىردىنبىر جاۋابكارى ئىسرائىلىيە دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشى» دەپ ئەيىبلەيدۇ.
ئىلان پاپې 2006-يىلى نەشر قىلىنغان «پەلەستىندىكى ئېتنىك تازىلاش» (Ethnic cleansing of Palestine) ناملىق كىتابىدا بۇ جىنايەتلەرنىڭ تەپسىلاتلىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەپ يازىدۇ: «ئىسرائىلىيە قۇرۇلۇشتىن ئىككى ئاي بۇرۇن، يەنى 1948-يىلى 10-مارتتا، زىيونىست تېررورلۇق تەشكىلاتى «ھاگاناھ» قىسىملىرىنىڭ باش ئىشتابىدا ئالدىن پىلانلانغان، پەلەستىنلىكلەرنى سىستېمىلىق ئېتنىك تازىلاش پىلانىغا ئاساسەن پەلەستىنلىكلەرنى كەڭ كۆلەملىك قىرغىن قىلىش ئارقىلىق قوغلاپ چىقىرىش بۇيرۇقلىرىنى ھەممىلا يەردىكى قىسىملارغا يوللاپ بولغانىدى. بۇ پىلاننىڭ مەقسىتى زىيونىستلار دۆلىتىنى پەلەستىنلىكلەردىن تازىلاش ۋە ئۇلارنىڭ شەھەر يېزىلىرىنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىپ يوقىتىش ئىدى».
ئەستە تۇتۇشقا تېگىشلىكى شۇكى، ئۇ چاغلاردا پەلەستىندە ئەنگلىيەنىڭ مۇستەملىكە ھۆكۈمىتى ۋە ئارمىيەسى بار ئىدى. شۇنداق تۇرۇقلۇق بۇ جىنايەتلەر ئۆتكۈزۈلگەنىدى.
ئىلان پاپې ئىرقىي تازىلاش بۇيرۇقىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئۇسۇللىرىنىمۇ تەپسىلىي ھۆججەتلىك شەكىلدە چۈشەندۈرۈپ، ئەينى چاغدا ئىجتىمائىي قىرغىنچىلىق، خەلقنى قورشاۋغا ئېلىش، بومباردىمان قىلىش، قورقۇتۇش، تەھدىت سېلىش، ئۆيلىرىگە، مال-مۈلۈكىگە ۋە (قىممەتلىك) بۇيۇملىرىغا ئوت قويۇپ بېرىش ۋە ئۆينى چېقىپ تۈپتۈز قىلىۋېتىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئىشلىتىلگەنلىكىنى، ھەتتا قوغلاپ چىقىرىلغان پەلەستىنلىكلەرنىڭ قايتىپ كېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، يوللىرىغا مىنا كۆمۈشتەك ۋەھشىيلىكلەرنىمۇ قىلغانلىقىنى دەلىللەيدۇ.
ئىلان پاپې يەنە: «زىيونىستلارنىڭ ئەرەب مۇسۇلمانلىرىغا ئوخشىمايدىغان تەرىپى، پەلەستىندىكى ھەر بىر يېزا ۋە رايوننىڭ نوپۇس ئارخىپلىرىنى بۇرۇندىنلا بىر-بىرلەپ تۇرغۇزۇپ بولغانلىقىدۇر. بۇ ئارخىپلار مەزكۇر ئىرقىي تازىلاش پىلانى ئۈچۈن ئۇزۇن مۇددەت تىرىشىش ۋە ئونلىغان يىللارغىچە تەكشۈرۈپ مەلۇمات توپلاش نەتىجىسىدە بارلىققا كەلگەنىدى» دەيدۇ.
ئىلان پاپېنىڭ ئېيتىشىچە، كىتابىدا مەنبە قىلغان مەخپىي ھۆججەتلەرگە ئاساسلانغاندا، 1947 -يىلى تۈزۈلگەن «تازىلاش پىلانى»غا ئاساسەن قوشنا دۆلەت ئىيوردانىيە ۋە سۇرىيەگە مەجبۇرىي قوغلاپ چىقىرىلغان پەلەستىنلىك مۇسۇلمانلار ۋە خىرىستىيانلارنىڭ سانى 700 مىڭ ئەمەس، 800 مىڭدىن كۆپ ئىدى. شۇ چاغدا بەزى جايلاردا ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى پەلەستىنلىكلەرنى مىلتىق بىلەن زورلاپ قانچىلىغان كىلومېتىرلىق يوللارنى پىيادە ماڭغۇزۇپ ھەيدەپ چىقارغانىدى. بۇ جەرياندا نۇرغۇن پەلەستىنلىكلەر يولدىلا ھاياتىدىن ئايرىلغان بولۇپ، جەمئىي 531 پەلەستىن كەنتى پۈتۈنلەي يوقىتىلغان، 11 شەھەر ۋەيران قىلىنغان ۋە ب د ت ئوتتۇرىغا قويغان ئىككىگە بۆلۈش پىلانىغا ئاساسەن، ئىسرائىلىيە پەلەستىن زېمىنىنىڭ %57 نى ئىگىلەشكە رازى بولماي، %78 پىرسەنتىنى ئىشغال قىلىۋالغانىدى.
ئىسرائىلىيە-پەلەستىن مەسىلىگە نىسبەتەن زىيالىيلاردا ئومۇملاشقان بەزى خاتا چۈشەنچىلەر
ماقالىمىزنىڭ بىرىنچى ۋە ئىككىنچى بۆلۈمىدە زىيونىستلارنى ئاقلاشنى ئۆزىگە ۋەزىپە قىلىۋالغان ۋە دىندار ئۇيغۇرلارنى كەمسىتىپ، ھاقارەت قىلمىسا كۆڭلى ئارام تاپمايدىغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىمىزنىڭ ئىسرائىلىيە-پەلەستىن توقۇنۇشى تارىخىغا دائىر قارىغۇلارچە يېزىپ تارقىتىۋاتقان يازمىلىرىنىڭ پۈتۈنلەي ئويدۇرما ھېكايە ياكى زىيونىستلارنىڭ تەتۈر تەشۋىقاتىدىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكىنى غەربنىڭ ئەڭ داڭلىق تارىخچىلىرىنىڭ كىتابىنى ئاساس قىلغان ھالدا ئىلمىي يوسۇندا چۈشەندۈرۈشكە تىرىشقانىدۇق. ھېچبىر مۇسۇلمان تارىخچىنىڭ كىتابى ياكى قاراشلىرىغا ئورۇن بېرىلمىگەن ماقالىمىزنىڭ بىرىنچى بۆلۈمىدە، ئىسرائىلىيەنىڭ ئىككىنچى باش مىنىستىرى ۋە دۆلەت ئاتىسى «يىتزوك بىن زۋى»نىڭ تەتقىقاتلىرىنى شۇنداقلا ئاتاقلىق ئىسرائىلىيە سىياسەتچىسى ۋە تەتقىقاتچىسى يۇرى ئاۋېنېرىينىڭ «پەلەستىننىڭ ئەسلى ئىگىسى زادى كىم؟» دېگەن سوئالغا قانداق ئىلمىي دەلىللەرنى كۆرسەتكەنلىكىنى يازدۇق. ئىككىنچى بۆلۈمىدە بولسا «ب د ت نىڭ 1948-يىلىدىكى تەقسىماتىغا رازى بولماي، تاجاۋۇز قىلغان تەرەپ پەلەستىنلىكلەر» دېگەن تۆھمەتلەرگە قارىتا يەھۇدىيلارنىڭ ئاتاقلىق يېڭى دەۋر تارىخچىسى ۋە ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتى پىروفېسسورى ئىلان پاپېنىڭ مەخپىي دۆلەت ھۆججەتلىرى ۋە ئارخىپلىرىنى ئاساس قىلغان ھەمدە غەرب تارىخشۇناسلىرى تەرىپىدىن «شاھ ئەسەر» دەپ يۇقىرى باھا بېرىلىپ، مۇكاپاتلارغا لايىق كۆرۈلگەن «پەلەستىندىكى ئېتنىك تازىلاش» ناملىق كىتابىنى ئاساس قىلغان ھالدا ئىلمىي پاكىتلارنى سۇنۇشقا تىرىشقانىدۇق.
ئەمدىكى ئۈچىنچى بۆلۈمىدە يالغۇز ئۇيغۇر زىيالىيلاردىلا ئەمەس، بەلكى باشقا دۆلەت سەرخىللىرى ئارىسىدىمۇ تەتۈر تەشۋىقاتلار تۈپەيلىدىن ساقلىنىپ كېلىۋاتقان خاتا چۈشەنچىلەرگە قانداق رەددىيە بېرىلگەنلىكىگە قاراپ چىقىمىز.
يەھۇدىي تارىخچى ئىلان پاپېنىڭ دەلىللىشىچە، ئىسرائىلىيە دۆلىتىنىڭ «پەلەستىنلىكلەر تاجاۋۇزچى ئەرەب ئارمىيەسىنىڭ ئىشلىتىشى ئۈچۈن ئۆيلىرىنى ۋاقىتلىق بوشىتىپ بەرگەن، (شۇڭا بىز ھۇجۇم قىلغان)» دېگەنلىرىمۇ پۈتۈنلەي يالغان بولۇپ، شۇ يىلى 15-مايدا ئەرەب ئارمىيەسى پەلەستىنگە كىرىشتىن ئىلگىرىلا، 250 مىڭ پەلەستىنلىك (ماقالىمىزنىڭ ئىككىنچى بۆلۈمىدە تىلغا ئېلىنغان) ۋەھشىي ئۇسۇللار بىلەن قوغلاپ چىقىرىلغانىدى.
شۇنىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتۈش كېرەككى، 15-مايدا دەير ياسىن كەنتىدە يۈز بەرگەن بۇ قىرغىنچىلىق خەلقئارادا «ناقبا» دەپ ئاتىلىدۇ. ئىلان پاپېنىڭ ھۆججەتلىرىگە ئاساسلانغاندا، دەير ياسىن كەنتىدىكى قىرغىنچىلىق پەلەستىنلىكلەرگە قارىتىلغان ئېتنىك تازىلاشنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىنىڭ باشلىنىشى ئىدى. ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى باشقا كەنتلەردىكى پەلەستىنلىكلەرنى قورقۇتۇپ كۆچۈشكە مەجبۇرلاش ئۈچۈن، ھەتتا دەير ياسىن قىرغىنچىلىقىدىكى ۋەھشىيلىكلىرىنى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدا قەستەن بولۇشىغا خەۋەر قىلدۇرغان ۋە بۇ ئارقىلىق باشقا پەلەستىنلىكلەرنى قورقۇتماقچى بولغانىدى.
زىيالىيلار ئومۇمەن «دەير ياسىن كەنتىدە يۈز بەرگەن قىرغىنچىلىق ئەسلىدە يەھۇدىي تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئىشى ئىدى، ئىسرائىلىيە دۆلىتىنىڭ قولى يوق» دەپ چۈشەندۈرۈشكە تىرىشىدۇ. ئەمما ئاشكارىلانغان دۆلەت ئارخىپلىرى ۋە ھۆججەتلىرى بۇ خاتا قاراشنى پۈتۈنلەي رەت قىلىدۇ. ئەگەر راستتىنلا بۇنىڭدا ئىسرائىلىيە دۆلىتىنىڭ قولى بولمىغان بولسا ئىدى، ئىسرائىلىيە دۆلىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن ب د ت نىڭ مۇناسىۋەتلىك قارارىغا ئاساسەن مەجبۇرىي قوغلانغان پەلەستىنلىكلەرنىڭ دەير ياسىن كەنتىگە قايتىپ كېلىشىگە يول قويغان بولاتتى؛ ھەرگىزمۇ قايتىپ كېلىشىگە توسقۇنلۇق قىلىپ، ب د ت نىڭ قارارلىرىنى ئاياق-ئاستى قىلمىغان بولاتتى.
شۇنىمۇ تەكىتلەپ ئۆتۈش كېرەككى، ئىلان پاپې ئەنگلىيە ۋە ئىسرائىلىيە ھۆكۈمەتلىرىنىڭ پەلەستىن توقۇنۇشىغا مۇناسىۋەتلىك دۆلەت ئارخىپلىرى ۋە ھۆججەتلىرى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىنى پاش قىلىدىغان دۇنياغا داڭلىق نۇرغۇن كىتابلارنى يازغان ئىدى. «پەلەستىندىكى ئېتنىك تازىلاش»دىن (2016) باشقا يەنە، ئۇنىڭ «ئىسرائىلىيە ھەققىدىكى ئون ئەپسانە (2017)» (Ten Myths About Israel)، «زامانىۋى ئوتتۇرا شەرق (2005)» (The Modern Middle East ) «زامانىۋى پەلەستىن تارىخى: بىر جۇغراپىيە، ئىككى خەلق (2003)» (A History of Modern Palestine: One Land, Two Peoples) ۋە «ئەنگلىيە-ئەرەب-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى (1988)» (Britain and the Arab-Israeli Conflict) قاتارلىق مەشھۇر ئەسەرلىرىنى ئوقۇپ كۆرۈشۈڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن.
يەھۇدىيلارنىڭ ئاتاقلىق يېڭى دەۋر تارىخچىسى ئىلان پاپې ئۆز دۆلىتىگە بولغان تونۇشى ئۆزگەرگەندىن كېيىن، ئىسرائىلىيە پەلەستىن مەسىلىسىگە قارىتا ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسىنى رەت قىلىپ، بىر دۆلەتلىك، يەنى پەلەستىن خەلقى بىلەن ئىسرائىلىيە خەلقى بىرلىكتە ياشىيالايدىغان بىرلەشمە دۆلەت قۇرۇشنىڭ ئاڭ توغرا بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى. ھازىرمۇ دۇنيادا تارىخىي ھەقىقەتلەرنى كۆزدە تۇتقان ئاساستا، بىر دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسىنىڭ ئەڭ ئادىل بولىدىغانلىقىنى قوللاپ، ئايرىم ئىسرائىلىيە دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا قارشى تۇرىدىغان نۇرغۇن ئاكادېمىكلار بار. ئىلان پاپې 2008-يىلى ئىسرائىلىيەدىن ئايرىلىشتىن ئىلگىرى ئىسرائىلىيە ئاكادېمىكلىرىنى ئىسرائىلىيە دۆلىتىگە قارشى خەلقئارالىق بايقۇت ئېلان قىلىشقا چاقىرغانىدى. شۇڭا ئۇ ئىسرائىلىيە پارلامېنتى كېنسېتتا ئەيىبلەنگەن ۋە مائارىپ مىنىستىرى ئۇنىڭ ھايفا ئۇنىۋېرسىتېتىدىن ئىستېپا بېرىشىنى تەلەپ قىلىپلا قالماستىن، ھەتتا رەسىمىنى گېزىتلەرنىڭ بىرىنچى بېتىدە ئېلان قىلدۇرۇپ، ھۇجۇم ئوبيېكتىغا ئايلاندۇرغان، ئىسرائىلىيەدە ئۆلۈم تەھدىتىگە ئۇچراپ، ئەنگلىيەگە كۆچۈشكە مەجبۇر بولغانىدى.
ئىلان پاپې ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئىسپاتلايدىغان بىردىنبىر ئالىم ئەمەس، ئەلۋەتتە. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىنىڭ ئوتتۇرىلىرى، 1978-يىلى ئارخىپلار ئاشكارىلانغاندىن كېيىن نۇرغۇنلىغان ئىسرائىلىيە تەتقىقاتچىلىرى ئىسرائىلىيە دۆلىتىنىڭ يالغانچىلىقىنى ۋە جىنايەتلىرىنى ئاشكارىلايدىغان نۇرغۇن تارىخىي ئەسەرلەرنى يازغان ئىدى. ئىلان پاپې 2014-يىلىدا يازغان «ئىسرائىلىيەنىڭ ئىدېئولوگىيەسى» (The İdea Of İsrail) ناملىق كىتابىدا زىيونىزمغا قارشى نۇرغۇنلىغان ئىسرائىلىيە ئاكادېمىكلىرىنىڭ تەتقىقاتلىرىنى بىر بىرلەپ خۇلاسىلەپ چىققانىدى.
گەرچە ئىلگىرى پەلەستىنلىك كۆچمەن شاھىتلارنىڭ بايانلىرى ئىسرائىلىيە ۋە خەلقئارا تاراتقۇلار تەرىپىدىن ئاسانلا رەت قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمدىلىكتە ئىسرائىلىيە تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ۋە خەلقئارادىكى ئاتاقلىق يازغۇچىلارنىڭ ئىسرائىلىيە دۆلەت ئارخىپلىرىنى دەلىل كەلتۈرگەن پاكىتلىرى ئالدىدا ئىسرائىلىيەنىڭ چارىسىز قىلىۋاتقانلىقى ئىلىم دۇنياسىدىن مەخپىي ئەمەس.
ئېينىشتىيىنمۇ 1948-يىلى 4-دېكابىردا دەير ياسىن كەنتىدە يۈز بەرگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى «نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتى»نىڭ باش مۇھەررىرىگە يازغان بىرلەشمە خېتىدە «ئىسرائىلىيە دۆلىتىنى قۇرغان پارتىيە ناتسىستلارغا ئوخشاشلا فاشىستلار ۋە تېررورچىلاردىن تەركىب تاپىدۇ. ئۇلار بىر تېررورچى، ئامېرىكا ئۇلارنى قارشى ئالماسلىقى كېرەك» دەپ يازىدۇ. چۈنكى شۇ چاغدا دېرە ياسىن قىرغىنچىلىقىغا جاۋابكار زىيونىست تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرى مېنېخېم بېگىن ئامېرىكىغا كەلگەنىدى. (ئىسرائىلىيە ئۆزىمۇ كېيىن تېررورلۇق تەشكىلاتى دەپ ئېتىراپ قىلغان «Irgun» (ئىبرانىيچە ארגון) نىڭ ئەزاسى مېنېخېم بېگىننىڭ كېيىنكى يىللاردا ئىسرائىلىيەنىڭ ئالتىنچى باش مىنىستىرى بولغانلىقىنىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتەيلى).
ئېينىشتىيىننىڭ باياناتى شۇنداقلا دۇنيادا «تېررورلۇق تەشكىلاتى» دەپ ئېتىراپ قىلىنغان «Irgun» ئەزاسىنىڭ ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرلىقىغا تەيىنلىنىشىنىڭ ئۆزىلا پەلەستىنلىكلەرگە قارىتىلغان ئىرقىي تازىلاشنىڭ ۋاقىتلىق ھادىسە ياكى توپىلاڭ ۋە ياكى تېررورلۇق ھەرىكىتىلا ئەمەس، بەلكى دەل ئەكسىچە زىيونىستلارنىڭ ئىسرائىلىيە دۆلىتى قۇرۇش پىلاننىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.
ئېينىشتىيىننىڭ نىيۇيوركتا تەسىرى كۈچلۈك باشقا 24 يەھۇدىي تەتقىقاتچىنى ئەتراپىغا توپلاپ، تېررورلۇق تەشكىلاتى ئىرگۈننىڭ ئەزاسى (شۇنداقلا كەلگۈسىدىكى ئىسرائىلىيە دۆلىتىنىڭ باش مىنىستىرى) مېنېخېم بېگىننىڭ زىيارىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ يوللىغان بىرلەشمە مەكتۇپى «نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتى»دە تولۇق بەت ئېلان قىلىنغان ۋە دەير ياسىن قىرغىنچىلىقى قاتتىق ئەيىبلەنگەنىدى.
غەرب دۇنياسىدىكى باشقا نۇرغۇن تارىخچىلارمۇ زىيونىستلارنىڭ «يۆتكىلىش»، «كۆچۈش» دەپ ئاتىۋالغان ھەرىكىتىنىڭ ئەسلىدە پەلەستىنلىكلەرنى ئېتنىك تازىلاش ئارقىلىق، پۈتكۈل پەلەستىننى ئىشغال قىلىشتىن ئىبارەت زىيونىزم پىلانىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى تەپسىلىي پاكىتلىرى بىلەن ئوتتۇرىغا قويىدۇ. شۇلارنىڭ قاتارىدىكى پىروفېسسور دوكتور ئىلان پاپېمۇ زىيونىست تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 1939-يىلدىن باشلاپلا پەلەستىن يېزىلىرىغا ئائىت سانلىق مەلۇماتلارنى توپلاشقا كىرىشكەنلىكىنى، جۈملىدىن يېزىدىكى قۇرامىغا يەتكەن ئەرلەرنىڭ يېشى، يېزا باشلىقىنىڭ ئىسمى، نوپۇس سانى، سۇ مەنبەسى، زېمىنىنىڭ مۇنبەت ياكى ئەمەسلىكى، مېۋە، كۆكتات ۋە ئاشلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ تۈرلىرى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ پەلەستىنلىك قوزغىلاڭچىلار بىلەن ئالاقىسى بار-يوقلىقى قاتارلىق مەلۇماتلارنى توپلىغانلىقىنى رەسمىي دۆلەت ھۆججەتلىرى بىلەن دەلىللەيدۇ. بۇ ئىشلار ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتلاشتىن بۇرۇنلا باشلانغان بولۇپ، مەقسىتى ئىرقىي تازىلاش پىلانى ئۈچۈن ئالدىن تەييارلىق قىلىش ئىدى.
بۇ كونكرېت پاكىتلار يەنە «Holokost، يەنى گېرمانىيەدىكى چوڭ يەھۇدىي قىرغىنچىلىقىغا ئۇچرىغان يەھۇدىيلارنى يۆتكەپ ئولتۇراقلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئىسرائىلىيە دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشى كېرەك ئىدى» دېگەن قاراشنىمۇ رەت قىلىدۇ. چۈنكى كونكرېت پاكىتلار پەلەستىنلىكلەرگە ئىرقىي تازىلاش ئېلىپ بېرىش ۋە پەلەستىننى ئىشغال قىلىش پىلانىنىڭ «Holokost»دىن بۇرۇنلا پىلانلانغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. ئىلان پاپې بۇ ئىشغالىيەت پىلانىغا قارىتا ئۆز كىتابىدا، دېۋىد بېن گۇرىيوننىڭ (David Ben-Gurion) 1938-يىلى 6-ئايدا خەلقئارا زىيونىزم ھەرىكىتى ئىجرائىيە كومىتېتى يىغىنىدا: «مەن پەلەستىنگە زورلاپ كۆچۈشنى قوللايمەن، بۇنىڭدا ئەخلاقسىزلىق بار، دەپ قارىمايمەن» دېگەن نۇتۇقىنى دەلىل كەلتۈرىدۇ. دېۋىد بېن گۇرىيون پولشادا تۇغۇلغان ۋە پەلەستىنگە كۆچۈپ كەلگەن شەرقىي ياۋروپا زىيونىستلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئۇ 1949-يىلى 25-فېۋرالدا ئىسرائىلىيەنىڭ تۇنجى قۇرغۇچى باش مىنىستىرى بولغان ۋە 1953-يىلىغا قەدەر ۋەزىپە ئۆتىگەنىدى.
ئەمدى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىمىزغا تەۋسىيەم شۇكى، بۇ قېتىم چەك-چېگرا ئېنىق ئايرىلىپ بولدى. ھەر كىم ئۆزى تاللىغان يولدا ماڭسا بولىدۇ. ئارتۇقچە تېلىقىپ كېتىشنىڭ ھاجىتى يوق. قانخور ئىشغالىيەتچى ئىسرائىلىيەنىڭ سېپىدە تۇرۇشنىڭ ۋىجدانىدا ياراتقان دىنىي گۇناھكارلىق تۇيغۇسىنى باستۇرۇش ئۈچۈنلا يالغان تارىخلارنى ئويدۇرۇپ، پۈتۈن بىر مىللەتنىڭ ئازادلىق كۈرىشىنى قارىلاشنى توختاتسۇن. چۈنكى بۇ بىر روھىي كېسەللىكتۇر. تارقىتىۋاتقان سەپسەتىسىنى رەت قىلىش ئۈچۈن ب د ت نىڭ ئىسرائىلىيە ھەققىدە «ئىشغالىيەتچى» دەپ چىقارغان سەككىز قېتىملىق قارارى يېتىپ ئاشىدۇ. ئەمما ئاخىرەتتە ئاشۇ مىليونلىغان پەلەستىنلىك شېھىتلەرگە قىلغان تۆھمىتىنىڭ ھېسابىنى بېرىش ئۇنداق ئاسان بولمايدۇ.
ئىسرائىلىيە-پەلەستىن مەسىلىگە نىسبەتەن زىيالىيلاردا ئومۇملاشقان بەزى خاتا چۈشەنچىلەر
ماقالىمىزنىڭ بىرىنچى، ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى بۆلۈملىرىدە پەلەستىننى قارىلاپ، ئىسرائىلىيەنى ئاقلاش بىلەنلا قالماي ئۇيغۇر دىندارلىرىغا ئەخلاقسىزلارچە ھۇجۇم قىلغان بىر ئۇچۇم ئۇيغۇر زىيالىيلىرىمىزنىڭ ئىسرائىلىيە-پەلەستىن توقۇنۇشى تارىخىغا دائىر قارىغۇلارچە يېزىپ تارقىتىۋاتقان يازمىلىرىنىڭ قىلچە ئىلمىيلىكى بولمىغان، ئويدۇرما سەپسەتىلەر ئىكەنلىكىنى تارىخىي دەلىل پاكىتلىرى بىلەن ئىسپاتلاشقا تىرىشقانىدۇق. بىزنىڭ بۇ ئاتالمىش زىيالىيلار مۇسۇلمانلارغا ئىشەنمەيدىغان بولغاچقا، مۇسۇلمان تارىخچىلارنىڭ ئەمەس، بەلكى زىيونىست تارىخچىلارنىڭ كىتابلىرىدىن دەلىللەرنى سۇنغانىدۇق. ئەمدىكى ئاخىرىقى بۆلۈمدىمۇ ئوخشاشلا غەربلىك مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قاراشلىرىنى دىققىتىگە سۇنىمىز.
ئامېرىكا ئوھايو ئۇنىۋېرسىتېتىغا قاراشلىق مورتىز قانۇن ئىنستىتۇتىنىڭ قانۇنشۇناس پىروفېسسورى جون كۇيگلېي (John B. Quigley) 2016-يىلى نەشر قىلىنغان «ئىسرائىلىيەنى قۇرغۇچىلارنىڭ خەلقئارا دىپلوماتىيەسى : پەلەستىنگە قارشى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى ئالدامچىلىقلىرى» (The International Diplomacy of Israel's Founders: Deception at the United Nations in the Quest for Palestine) ناملىق كىتابىدا 1939-يىلى موشې شېرتوك ئىسىملىك زىيونىستلار رەھبىرىنىڭ ئەنگلىيەدە تۇرۇشلۇق رۇسىيە باش ئەلچىسىگە: «ئىسرائىلىيە قۇرۇش ئارقىلىق ئەرەب-پەلەستىن مەسىلىسىنى ھەل قىلىش چارىسى سۈپىتىدە زىيونىستلارنى يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇش تەكلىپى»نى سۇنغانلىقىنى يازىدۇ. (زىيونىستلار پەلەستىنلىكلەرگە ئىرقىي تازىلاش يۈرگۈزۈش پىلانىنى «يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇش» دەپ ئاتايتتى)
شۇنىمۇ ئۇنتۇپ قالماسلىق كېرەككى، زىيونىستلار ئامېرىكا ياكى ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان سۆھبەتلەردە بۇ ھەل قىلىش چارىسىنى (ئىرقىي تازىلاش ھەرىكىتىنى) قەتئىي ئوچۇق تىلغا ئالمايتتى. ئېينىشتىيىنغا ئوخشاش مەشھۇر شەخسلەرمۇ زىيونىستلار تەرىپىدىن ئىسرائىلىيەنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن سۇيىئىستېمال قىلىنغانىدى. ئۇلارغا ھېچقاچان ئەرەبلەرنى ۋە پەلەستىنلىكلەرنى پەلەستىندىن قوغلاپ چىقىرىش پىلانىنىڭ بارلىقىنى ئېيتمىغانىدى.
كىتابتا بىلدۈرۈلۈشىچە، پەلەستىندىكى ئەنگلىيە مۇستەملىكە ھۆكۈمىتى 1936-يىلىدىن 39-يىللىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا پەلەستىن قوراللىق قوزغىلاڭچىلىرىنىڭ ھەرىكەتلىرى سەۋەبىدىن يەھۇدىيلارنىڭ ياۋروپادىن كۆچۈش نىسبىتىنى ئازايتىشقا مەجبۇر بولغانىدى. زىيونىستلار شۇنىڭ بىلەن ئەنگلىيە مۇستەملىكە ھۆكۈمىتىگە قارشى تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى باشلىغانىدى.
بىزنىڭ نۇرغۇن ئېزىلەڭگۈ زىيالىيلىرىمىز تېررورلۇقنى «مۇسۇلمانلار ئىجاد قىلغان» دەپ قارايدۇ، بەزىلىرى ھەتتا «تېررورلۇق ئىسلامنىڭ بىر قىسمى» دەپ قارايدۇ. ئەمما ئۇلار ئوساما بىن لادىندىن 80-70 يىل ئىلگىرى زىيونىستلارنىڭ پەلەستىندە قوراللىق تېررورلۇق تەشكىلاتى قۇرغانلىقىنى ۋە ئەنگلىيە مۇستەملىكە ھۆكۈمىتى مەسئۇللىرىغا ھەر خىل ھۇجۇملارنى ۋە تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى ئۈزۈلدۈرمەي ئىجرا قىلىش ئارقىلىق ئۆزلىرىگە بويسۇندۇرغانلىقىنى، ھەتتا تېررورلۇقنىڭ يېڭى-يېڭى ئۇسۇللىرىنىمۇ زىيونىستلارنىڭ تەرەققىي قىلدۇرغانلىقىنى، شۇڭلاشقا دۇنيادا تۇنجى بولۇپ زىيونىستلار قۇرغان قوراللىق تەشكىلاتنىڭ «تېررورلۇق تەشكىلاتى» دەپ ئېتىراپ قىلىنغانلىقىنى ئوقۇمايدۇ.
1947-يىلى 11-ئايدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشىدە پەلەستىننى يەھۇدىيلار بىلەن ئەرەبلەر ئارىسىدا بۆلۈش پىلانى ئاۋازغا قويۇلغاندا، 33 قوللاش بېلىتى، 13 رەت قىلىش بېلىتى ۋە 10 بىتەرەپ بېلەت تاشلانغان بولۇپ، بۇ ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىدە قارار ماقۇللاش ئۈچۈن ئەڭ تۆۋەن ئاۋاز ئىدى. شۇنىڭدىن بىر نەچچە كۈن ئىلگىرىكى بېلەت تاشلاشتا بۇ تەكلىپنى قوللايدىغانلارنىڭ سانى تېخىمۇ ئاز بولۇپ، پەقەت 30 دۆلەتلا قوللىغانىدى. كېيىن ئامېرىكا ئادەتتىن تاشقىرى بېسىم ئىشلىتىپ، ھايتى، فىلىپپىن ۋە لىبېرىيەنى قوللاشقا مەجبۇرلىغانىدى. ئامېرىكا پالاتاسىنىڭ خاتىرىسىدە بۇ ئۈچ بېلەتنىڭ قورال كۈچى بىلەن قورقۇتۇش ئارقىلىق قولغا كەلتۈرۈلگەنلىكى ھازىرمۇ رويخەتكە ئېلىنغان ھالدا مەۋجۇت. پالاتا ئەزاسى جامىس كېيىنكى يىلى كۈندىلىك خاتىرىسىگە «بۇ ئىشقا بېلەت تاشلاش ئۈچۈن باشقا دۆلەتلەرگە زوراۋانلىق بىلەن بېسىم ئىشلىتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن ئۇسۇللار، تولۇق مەنىسى بىلەن شەرمەندىلەرچە ھەرىكەت (Scandal) بولدى» دەپ يازغانىدى.
پىروفېسسور جون كۇيگلېي يەنە 1948-يىلى ئەرەب ئارمىيەسىنىڭ ئالدى بىلەن ھۇجۇم قىلمىغانلىقىنى، بەلكى ئىسرائىلىيە ۋە ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرىنىڭ ئەرەب ئارمىيەسىگە ھۇجۇم قىلغانلىقىنى تەكىتلەپ، ئەگەر ئەينى چاغدىكى تارىخىي ئارخىپلار تەكشۈرۈلسە، پەلەستىن زېمىنىغا تەشكىللىك ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنىڭ ئەنگلىيە مۇستەملىكە ئارمىيەسى ۋە شۇ چاغدا زامانىۋى قوراللار بىلەن قوراللانغان زىيونىست قوراللىق كۈچلەر تەرىپىدىن باشلانغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ، دەپ يازغانىدى.
شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتەيلىكى، پىروفېسسور جون ب كۇيگلېي (1940-يىلى تۇغۇلغان) ئوھايو ئۇنىۋېرسىتېتىغا قاراشلىق مورتىز قانۇن ئىنستىتۇتىنىڭ قانۇنشۇناسى، شۇنداقلا ئوھايو ئۇنىۋېرسىتېتى باشلىقلار كۇلۇبىنىڭ قانۇن پىروفېسسورى. ئۇ 1995-يىلى ئوھايو ئىشتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئەڭ سەرخىل ئاكادېمىك مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنىدى. ئۇ مىسسۇرى ئىشتاتىنىڭ ساينىت لۇئىس شەھىرىدە چوڭ بولغان بولۇپ، ساينىت لۇئىس دۆلەت بايرىمى مەكتىپىدە ئوقۇغان. 1962-يىلى خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن، ئاندىن 1966-يىلى خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇنشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ LL. B ئۇنۋانىغا ۋە 1966-يىلى ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەنىدى. ئۇ 1967-يىلى ماسساچۇسېتس ئىشتاتىنىڭ ئادۋوكاتلار جەمئىيىتى ئەزالىقىغا قوبۇل قىلىنغان ۋە 1969-يىلى موسكۋا دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتىدا مۇئاۋىن تەتقىقاتچى، خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇنشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ سېلىشتۇرما قانۇن تەتقىقاتچىسى بولۇپ خىزمەت ئۆتىگەنىدى. پىروفېسسور كۇيگلېي ھازىر ئوھايو ئۇنىۋېرسىتېتىدا خەلقئارا قانۇن ۋە سېلىشتۇرما قانۇن دەرسلىرىنى ئۆتۈشتىن سىرت، سىياسىي پەنلەر فاكۇلتېتىدىمۇ قوشۇمچە ۋەزىپە ئۆتىمەكتە. 1982- ۋە 1983-يىللىرى تانزانىيە دارۇسسالام ئۇنىۋېرسىتېتىدا تەكلىپلىك پىروفېسسور بولۇپمۇ ۋەزىپە ئۆتىگەنىدى.
پىروفېسسور جون كۇيگلېي ئۆز نۆۋىتىدە يەنە، ئاتاقلىق خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى. ئۇ كىشىلىك ھوقۇق، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، ئۇرۇش ۋە تىنچلىق، شەرقىي ياۋروپا قانۇنى، ئافرىقا قانۇنى ۋە ئەرەب-ئىسرائىلىيە توقۇنۇش قاتارلىق تېمىلاردا نۇرغۇن ئىلمىي ماقالە ۋە كىتابلارنى يازغانىدى.
ئىسرائىلىيە دۆلىتىنىڭ يەنە «قوشنا دۆلەتلەرنىڭ ئەرەب تىلىدا تارقىتىش بېرىدىغان رادىيولىرى پەلەستىنلىكلەرگە كۆچۈپ كېلىشىنى توختىماي تەۋسىيە قىلغان، شۇڭا پەلەستىنلىكلەر ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن كۆچۈپ كەتكەن» دېگەن سەپسەتىلىرىمۇ دۆلەت ئارخىپلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن غەرب مۇتەخەسسىسلىرى تەرىپىدىن رەت قىلىنغانىدى.
ئامېرىكىلىق يەھۇدىي سىياسەتشۇناس، يازغۇچى، ئىنسانپەرۋەرلىك پائالىيەتچىسى ۋە ئاكادېمىك دوكتور نورمان گ. فىنكېلشتېينمۇ (Norman G. Finkelstein) ئۆزىنىڭ پولشالىق زىيونىست ئىكەنلىكىگە، شۇنداقلا ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ۋارشاۋا گىتتوسى ۋە ئوسۋىۋىتز لاگېرىدا پۈتۈن ئائىلە ئەزاسى ئۆلتۈرۈلۈپ، يالغۇز ئۆزىلا ھايات قالغان ۋە ئامېرىكىغا كۆچۈپ كەلگەن بىر يەھۇدىي ئىكەنلىكىگە قارىماستىن، ئىسرائىلىيەنىڭ «پاكىتلارنى بۇرمىلاش سىياسىتى»نى پاش قىلىپ، نۇرغۇن ئىلمىي ماقالىلەرنى يازغان ئاكادېمىك. ئۇ «ئەدەپسىزلىكنىڭ چەكتىن ھالقىشى: يەھۇدىي ئۆچمەنلىكىنى سۇيىئىستېمال قىلىش ۋە تارىخنى بۇرمىلاپ ئىشلىتىش» (Beyond Chutzpah: On the Misuse of Antisemitism and the Abuse of History) دېگەن كىتابىدا، ئىسرائىلىيە دۆلىتىنىڭ «قوشنا دۆلەتلەرنىڭ ئەرەب رادىيولىرى پەلەستىنلىكلەرگە كۆچۈپ كېلىشىنى توختىماي تەۋسىيە قىلغان، شۇڭا پەلەستىنلىكلەر ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن كۆچكەن» دېگەن باھانىسىنى 1960-يىللىرىدا ئىككى مۇتەخەسسىسىنىڭ ئەتراپلىق تەكشۈرگەنلىكىنى، پەلەستىنلىك ۋەلىد خالىدى بىلەن ئىرېلاندىيەلىك ئېركسىن چائېلدېرسنىڭ ئەرەب رادىيولىرىنىڭ ئاڭلىتىش ئارخىپلىرىنى بىر-بىرلەپ تەكشۈرۈپ چىققاندىن كېيىن، تەتقىقات نەتىجىسىنى ئېلان قىلغانلىقىنى ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ يالغانچىلىقىنى پاش قىلغانلىقىنى، شۇنداقتىمۇ ئىسرائىلىيە ئاخباراتلىرىنىڭ مەزكۇر يالغانچىلىقنى نومۇس قىلماستىن تەكرارلاپ كېلىۋاتقانلىقىنى يازىدۇ.
كۆرگىنىڭلاردەك ئاتاقلىق يەھۇدىي تارىخچى ئىلان پاپې ئىسرائىلىيە دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشىنى ئېنىق ھالدا «تەشكىللىك ئېتنىك تازىلاش جىنايىتى» دەپ ئاتىسا، ئەنگلىيەلىك ئاتاقلىق ژۇرنالىست جوناتان كۇك (Jonathan Cook) «زىيونىزمنىڭ يەكۈنى پەلەستىنلىكلەرنى پەلەستىندىن يوقىتىشتۇر، پەلەستىندە ئىسرائىلىيە دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە پەلەستىنلىكلەرنىڭ زېمىنىدىن قوغلىنىشى بولسا، زىيونىزم دەپ ئاتىلىدىغان رېئاللىقنىڭ ئىككى يۈزىدۇر» دەيدۇ.
زىيالىيلىرىمىزدا «1948-يىلدىكى پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىدا بارلىق ئەرەب دۆلەتلىرى ئىسرائىلىيەگە قارشى ئۇرۇشقان» دېگەن يەنە بىر خاتا قاراشمۇ ساقلىنىپ كەلمەكتە.
ئەمما تارىخىي ھەقىقەتلەر ئۇنداق ئەمەسلىكىنى، ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ بۇرۇندىنلا زىيونىستلار بىلەن كېلىشىۋالغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. قېنى ئەمىسە، 1948-يىلدىكى ئۇرۇشتىن ئىلگىرى ئىيوردانىيە بىلەن زىيونىستلار ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن كېلىشىمگە قاراپ باقايلى!
1948-يىلىدىكى ئەرەب-ئىسرائىلىيە ئۇرۇشىدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىغان. كىشىلەردىن بىرسى، ئۆزى ئەنگلىيەلىك، ئەسلى ئىسمى سىر جون باگوت (Sir John Bagot) بولغان ۋە كېيىن ئىيوردانىيەگە يوللىنىپ، ئەرەب قىسىملىرىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانلىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلەنگەن گلۇب پاشا (Glubb Phasha) لەقەملىك گېنېرال ئىدى.
ئىيوردانىيە ئەرەب قىسىملىرىنىڭ ئەنگلىيەلىك گېنېرالى گلۇب پاشا بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئوتتۇرا شەرققە كەلگەن ۋە ئىيوردانىيە مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن ئۇ يەردىكى قىسىملارنىڭ قوماندانى بولغانىدى. ئۇنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسىدە قەيت قىلىنىشىچە، ھازىرقى پەلەستىننىڭ ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىنى ئىيوردانىيەگە بېرىش بەدىلىگە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئوتتۇرىغا قويغان بۆلۈش پىلانىنى قوبۇل قىلغان ئىيوردانىيە پادىشاھى ھۈسەيىن، ئەنگلىيە ۋە زىيونىست رەھبەرلىرى بىلەن زىيونىست ئارمىيەسىگە قارشىلىق كۆرسەتمەسلىك كېلىشىمى تۈزگەنىدى.
ئىسرائىلىيەلىك زىيونىست يازغۇچى دوكتور بېنى مورىسنىڭ (Benny Morris) «يېرۇسالېمغا بارىدىغان يول: گلۇب پاشا، پەلەستىن ۋە زىيونىستلار» (The Road to Jerusalem: Glubb Pasha, Palestine and the Jews) ناملىق كىتابىدا بىرىنچى ئەرەب-ئىسرائىلىيە ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئىيوردانىيە ئەرەب قىسىملىرىنىڭ پەلەستىنگە كېلىشىدىكى مەقسىتىنىڭ زىيونىست قوراللىق ئۇنسۇرلىرىغا قارشى ياكى ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىگە قارشى ئۇرۇش قىلىش ئەمەسلىكىنى، بەلكى ئەنگلىيە ۋە زىيونىست رەھبەرلىرى بىلەن تۈزگەن كېلىشىمگە بىنائەن، پەلەستىننىڭ بىر قىسمىنى كونترول قىلىش ۋە ئۇنى ئىيوردانىيەگە قوشۇۋېلىش ئىكەنلىكىنى يازىدۇ. گۇلاب پاشا بۇ ئۇرۇشتا ئىيوردانىيە ۋە ئەنگلىيەنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش بىلەن بىر ۋاقىتتا، زىيونىست قىسىملىرىغىمۇ ھۇجۇم قىلماسلىققا كاپالەتلىك قىلغانىدى.
مورىسنىڭ كىتابىدا بىلدۈرۈشىچە، بۇ كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلغان تەرەپمۇ ئىسرائىلىيە بولغانىدى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بۆلۈپ بېرىش پىلانىغا رازى بولماي، تېخىمۇ كۆپ پەلەستىن زېمىنىنى ئىگىلەش ئۈچۈن ئۇرۇش باشلىغانىدى. ئەمما ئەرەب قىسىملىرى ب د ت نىڭ پىلانى بويىچە ئىسرائىلىيەگە تەقسىم قىلىنغان ھەر قانداق بىر جاينى ئىگىلەشكە ئۇرۇنۇپ باقمىغانىدى.
گلۇب پاشامۇ بىر ماقالىسىدە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نېگېۋ قۇملۇقىنى ئىسرائىلىيەگە بېرىش پىلانىغا (چۈنكى ئۇ يەردە مىليونلىغان پەلەستىنلىك ياشايدىغان بولغاچقا) نارازىلىق بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئىيوردانىيە قىسىملىرىنىڭ ئۇ يەرنى ئىگىلەشكە ئۇرۇنمىغانلىقىنى يازىدۇ.
ئىيوردانىيە ئارمىيەسىنىڭ قوماندانى گلۇب پاشا 1948-يىلىدىكى ئۇرۇشتىن كېيىن، ئىيوردانىيەدە تۇرۇشلۇق پەلەستىنلىكلەرنىڭ يۇرتلىرىغا قايتىش ھوقۇقىنى قوللاپ، خەلقئارا تاراتقۇلاردا توختىماي باياناتلارنى ئېلان قىلغانىدى. ئۇ يەنە يۇرتىغا قايتىش ئۈچۈن چېگرادىن ئۆتكەن پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئوققا تۇتۇلۇشىغا ۋە ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىيوردانىيەدىكى پەلەستىنلىك پاناھلانغۇچىلار تۇرۇشلۇق يېزىلارغا قىلغان ھۇجۇملىرىغا، شۇنداقلا بىگۇناھ ئاھالىلەرنى قىرغىن قىلغانلىقىغا قارشى مەتبۇئاتلاردا سادا ياڭراتقانىدى.
زىيونىستلارنىڭ تەتۈر تەشۋىقاتى سەۋەبلىك زىيالىيلاردا «پەلەستىنلىكلەر زېمىنلىرىنى يەھۇدىيلارغا سېتىپ بەردى» دېگەن يەنە بىر خاتا قاراشمۇ ساقلىنىۋاتقان بولۇپ، دۇنيادىكى ئاتاقلىق تارىخچىلارنىڭ كۆپ قىسمى بۇنى رەت قىلىدۇ. ئىسرائىلىيە-ئەنگلىيە ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەخپىي دۆلەت ئارخىپلىرىنى ۋە ئوسمانلىنىڭ رەسمىي ھۆججەتلىرىنى ئاساس قىلغان ھالدا، ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئارتۇر بالفورنىڭ تەشەببۇسى بىلەن 1917-يىلى پەلەستىندە يەھۇدىي دۆلىتى (يەنى ئىسرائىلىيە)نى قۇرۇش ھەرىكىتى باشلانغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ ۋە بۇ سۇيىقەستلىك ئىشغالىيەت پىلانىغا قارىتا بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن زىيونىستلار بىلەن ئەنگلىيە ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان بالفور خىتابنامىسىنى دەلىل كەلتۈرىدۇ.
مەزكۇر بالفور پىلانى پەلەستىن زېمىنلىرىدىن ئەرەبلەرنى مەجبۇرىي قوغلاپ چىقىرىپ، يەھۇدىيلارنى ئولتۇراقلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلىدىغان بولغاچقا، 1917-يىلىدىن كېيىن پىلانلىق ھالدا ئەرەب نوپۇسى يوقىتىلغانلىقىنى، زوراۋانلىق بىلەن ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىپ تاشلانغانلىقىنى دەلىللەيدۇ. ئەينى چاغدا پەلەستىندىكى ئەنگلىيە مۇستەملىكە ھۆكۈمىتىنىڭ پەلەستىنلىكلەرنى ئۆيلىرىنى ۋە يەرلىرىنى سېتىشقا مەجبۇرلىغانلىقىنى، ئەمما پەلەستىن خەلقىنىڭ ئۆي-ماكانلىرىنى سېتىشقا قاتتىق قارشىلىق كۆرسەتكەنلىكىنى يازىدۇ.
بۇنىڭغا قارشى ئەنگلىيە مۇستەملىكە ھۆكۈمىتىنىڭ دەرھال ئۆي-مۈلۈك بېجىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرغانلىقىنى، ھەتتا يولغا قويۇلغان باجنىڭ ئۆي-مۈلۈكنىڭ ئومۇمىي قىممىتىدىنمۇ ھەسسىلەپ يۇقىرى كۆتۈرۈلگەنلىكىنى، بۇ باجنى تۆلىيەلمىگەن پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئۆي-زېمىنلىرى مۇسادىرە قىلىنىپ، يەھۇدىيلارغا بېرىلگەنلىكىنى يازىدۇ.
ئوسمانلى ئارخىپلىرىنى دەلىل قىلغان تارىخچىلار 1900-يىلى يەھۇدىيلارغا يەر سېتىشنىڭ (ئوسمانلى تەرىپىدىن) رەسمىي مەنئى قىلىنغانلىقىنى، شۇنداقتىمۇ قانۇنسىز ۋە كۆزدىن قاچقان سېتىشلار نەتىجىسىدە، يەھۇدىيلارنىڭ 218 مىڭ 170 گېكتار يەرگە ئىگە بولالىغانلىقىنى ھەمدە بۇ پەلەستىننىڭ ئومۇمىي يەر كۆلىمىنىڭ ئاران %0.73 گە تەڭ كېلىدىغانلىقىنى دەلىللەيدۇ. ھەتتا كېيىن ئوسمانلى يىقىلىپ، پەلەستىن ئەنگلىيەنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلانغاندىن تارتىپ تاكى 1945-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئەنگلىيەنىڭ پەلەستىنلىكلەردىن مەجبۇرىي مۇسادىرە قىلىپ، يەھۇدىيلارغا بېرىشى بىلەن پەلەستىندىكى يەھۇدىيلارنىڭ ئىگىلىگەن ئومۇمىي يەر كۆلىمىنىڭ ئاران %5 ئەتراپىدا بولغانلىقىنى يازىدۇ.
مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىسرائىلىيە دۆلىتىنىڭ پىلانلىق ۋە تەشكىللىك ئىشغالىيەت، جاسۇسلۇق ۋە تېررورلۇق پائالىيەتلىرى ئۈستىگە بىنا قىلىنغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. ھەتتا 1948-يىلىدىن بۈگۈنگىچە بولغان ئارىلىقتا ب د ت نىڭ ئىسرائىلىيەنى بىر ئەمەس سەككىز قېتىم «ئىشغالىيەتچى دۆلەت» ۋە پەلەستىننى «ئىشغالىيەت ئاستىدىكى دۆلەت» دەپ قارار ماقۇللىغانلىقىمۇ زىيالىيلىرىمىزنى زىيونىستلارنى ئاقلاش خاھىشىدىن ۋاز كەچتۈرۈشكە يېتەرلىك دەپ قارايمەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىرقى ئىسرائىلىيە زېمىنىنىڭ 1967-يىلى ب د ت تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن ئەسلىدىكى تەۋەلىكىدىن قانداقسىگە %50 تىن ئارتۇق كېڭەيگەنلىكىنى ئويلىغان ئاددىي ئەقىل ئىگىسىمۇ ئىسرائىلىيەنىڭ يۈز يىلدىن بېرى ئىشغالىيەتنى قەتئىي توختاتمىغانلىقىنى ئاسانلا كۆرۈپ يېتەلەيدۇ.
شۇنى ئۇنتۇماسلىق كېرەككى، دۇنيادا ئىشغالىيەتتىنمۇ چوڭ زۇلۇم ۋە ئىشغالىيەتتىنمۇ چوڭ تېررورلۇق بولمايدۇ. شۇڭا ئىسرائىلىيە «تېررور دۆلىتى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
ئەسكەرتىش: بۇ ماقالە كانادا تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى، شۇنداقلا پاكىستانلىق ژۇرنالىست دوكتور تازەن فەرىد خانىمنىڭ «پەلەستىن مەسىلىسىگە دائىر زىيالىيلاردا ساقلىنىۋاتقان خاتا قاراشلار» تېمىلىق 2021-يىلى پاكىستاندا ئېلان قىلىنغان ماقالىسىنىڭ %60 ىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. قالغان %40 پىرسەنتى بولسا ئۇيغۇر زىيالىيلارنىڭ خاتا چۈشەنچىلىرىنى مەركەز قىلغان ھالدا مېنىڭ ئېلىپ بارغان خۇسۇسىي تەتقىقاتلىرىمدىن تەشكىل تاپىدۇ. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ژۇرنالىست دوكتور تازەن فەرىد خانىمغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمەن.